بۈگۈن تورئارىلاۋىتىپ« دادا ئامىلى »(The Father Factor) ناملىق بىركىتاب ھەققىدە بىرقىسىم ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم، قارىغاندا بۇكىتابنى تېپىپ ئوقۇپ باقساق بولغۇدەك، مەن تورداشلارغا بۇ كىتاب ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرگە ئاساسەن قىسقىچە ئۇچۇر يازمىسى تەييارلىدىم، نۆۋەتتە مەزكۇر كىتابنىڭ خەنچە ئېلكىتاپ نۇسقىسى بولسا كۆرۈپ باقاي دەپ ئىزدەۋاتىمەن.
« دادا ئامىلى »(The Father Factor) نىڭ ئاپتۇرى دوكتۇر سېتىفان.ب. پۇلتېر(Stephan B. Poulter) بولسا ئامېرىكىنىڭ كىلىنكىلىق پىسخىكا دوختۇرى بولۇپ، پىسخىلوگىيە كەسپى بىلەن شۇغۇللنىشتىن ئېلگىرى ساقچى بولغان بولۇپ، خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن نۇرغۇنلىغان ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئۇچىراشقان. ئۆتكەن 23يىل ئىچىدە ئۇ2200 پارچە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئائىت مەسىلە ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ھەمدە دادىلارنىڭ ئائىلە تەربىيە ئەندىزىسىنىڭ پەرزەنتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگەندىن كېينكى تۇرمۇش ۋە خىزمىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى يەكۈنلەپ چىققان.
ئۇ بۇ ھەقتە 《Fatheryourson》،《TheFatherFactor》 قاتارلىق كىتابلارنى يازغان.
« دادا ئامىلى »(The Father Factor) دا دوكتور سېتىفان مۇنداق دەيدۇ : خىزمەت جەريانىدا ئىشداشلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ كۆڭۈللۈك-كۆڭۈلسىز بولۇشى، ئېگىلىك تىكلەش روھىنىڭ بولۇش-بولماسلىقى، خىزمەتتە زىيادە تەشۋىشلىك بولۇش-بولماسلىقى، دولقۇنسىمان ياكى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى،…قاتارلىقلار ھەتتا خوجايىن بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىدە دادىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن مۇھىم.
بۇ مەسىلە ئۈستىدە، ئۇ دادىلارنى بەش تۈرگە ئايرىغان بولۇپ ئۇلار ئايرىم-ئايرىم مۇنداق: ئۇتۇق ئالدىراڭغۇلىرى تىپىدىكىلەر، قەرەللىك بومبا تېپىدىكىلەر، پاسسىپ-مەجھۇللار تېپىدىكىلەر، قۇلاق يوپۇرۇۋالىدىغانلار تېپىدىكىلەر ۋە ياخشى ئۇستاز-ئوبدان دوست تېپىدىكىلەردىن ئىبارەت.
مەسىلەن؛ قەرەللىك بومبا تېپىدىكى دادا ئائىلىدە ئاسانلا پارتىلايدۇ، بۇنداق ئائىلىدە بالىلار گەپ-سۆز ۋە رەڭگى-رويغا قاراپ ئىش تۇتۇشنى ئۆگىنىۋالىدۇ، باشقىلارنىڭ ئىچىدىكىنى بىلىۋالالايدۇ، بۇخىل ئىقتىدار بەلكىم كىلەچەكتە خادىم باشقۇرۇش ياكى سوداكېلىشىمى قاتارلىق خىزمەت سورۇنلىرىدا بەك ئەسقىېتىشى مۇمكىن. لېكىن بۇخىل مۇھىت بالىلارنى يەنە خەۋىپسرەش تۇيغۇسى كۈچلۈك، باشقىلارغا ئىشەنچ باغلىيالماسلىق قاتارلىق پاسسىپ كەيپىياتقا مۇپتىلا بولۇپ قىلىشىمۇ ئېھتىمالغا يېقىن.
قۇلاق يوپۇرۇۋالىدىغانلار تېپىدىكى دادا پەرزەتلىرىگە ئىنكارچى ۋە ئاسانلا ۋازكېچىشتىن ئىبارەت پسىخىكىنى يېتىلدۈرۈپ قويىدۇ، لېكىن بۇخىل مۇھىتتا ئۆسكەن بالىلاركۈتۈلمىگەن ياخشى نەتىجىلەرنىمۇ روياپقا چىقىرىپ قالىدۇ، دادىسى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئادەم بولۇش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، ئۇلاردا يېتىلگەن پىسخىكا،ئاسانلا نازارەتچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى قاتارلىقلارنىڭ زىتىغا تېگىپ قالىدۇ. ئۇلار خوجايىن بولسا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ.
دوكتور سېتىفان يەنە ئاتا-بالىلىق رېشىتىنى مۇنداق تۆت خىل ئەندىزىگە يېغىنچاقلايدۇ: ئۇلار، ھەپتىلىك ئەندىزە، چەتلەش ئەندىزىسى، بېسىم ئەندىزىسى ۋە بېخەتەرلىك ئەندىزىسى.
مەسىلەن، ئەگەر بىربالا دادىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە بېخەتەرلىك ئەندىزىسى مۇھىتىدا چوڭ بولسا، بېخەتەرلىك تۇيغۇسى كۈچلۈك، تەسىرى بارۋە مەنپەئىتى كۆپ بولغان خىزمەتلەرنى قوغلىشىدىغان، مۇناسىۋەتكە ماھىر، ئوچۇق مىجەز، باشقىلارغا ئىشەنچ بىرەلەيدىغان بولۇپ يېتىلىدۇ. ئەلۋەتتە باشقا ئەندىزىلەرنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق تەسىرى بار.
بىزنىڭ دادىمىز ياكى بۇۋىمىزنىڭ خىزمەت پوزىتسىيىسى، كىشلىك مۇناسىۋىتى، ئەخلاق قارىشى ۋە ئىقتىساد قارىشى قاتارلىقلار بىزگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىنكى تۇرمۇش ۋە خىزمەت جەريانىدىكى ئىپادىمىزنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى ئائىلىمىزدىكى مۇھىتتىن مۇھىمى دادىمىزدىن كەلگەن دەيدۇ -ئۇ كىتابىدا.
قىسقىسى بۇ كىتاب دادىلارئۈچۈن بىر ياخشى قوللانما بولغۇدەك، ئۇنىڭدا تۈرلۈك قوللىنشچان قانۇنىيەت ۋە تەرتىپلەر، ھەرىكەت يېتەكچىسى، چارە- مەسلەكلەربېرىلگەن ئىكەن.
دادىنىڭ قانداق ئادەم بولۇشى راستىنلا پەرزەنتلەرنىڭ كەلگۈسىدە تۇرمۇش ياكى خىزمەتتە مۇۋاپىقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇبىيەتچىگە ئايلېنىشىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ بۇ ھەقتە تورداشلار ئۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسا دەيمەن.