توردا بەت ئارىلاش، ماقالە تەرجىمە قىلىش،تىل ئۆگىنىش ۋە كىنوكۆرۈش قاتارلىقلار بىلەن مەشغۇل بولۇش جەريانىدا، ئۇچىراپ قالغان ئېسىل ئىبارىلەرنى «ھېكمەت دەپتىرى »ىمگە خاتىرىلەپ قويىدىغان بىر «كىلاسسىك» ئادىتىم بار. قارىماققا بۇ بەكلا كونا بىرئىشتەك بېلىنسىمۇ، ئەمما بەزىلىرى سىزنىڭ ھايات مۇساپىڭىزدە ھەقىقەتەن ئەسقاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھەربىرى تۇرمۇشنىڭ مەلۇم تەرىپىدىن چىقىرىلغان جەۋھەر يەكۈنلەردۇر.
تۆۋەندىكىلىرى مەن توپلىغان ھېكمەتلەر ئارىسىدىكى ئەڭ يارايدىغان 10جۈملە:
Focus on what you have, not on what you haven’t.
دائىم ئۆزىڭىزدە يوق ئەشۇنەرسىلەرنى كۆپ ئويلىماڭ، بەلكى ئۆزىڭىز ئېرىشكەن نەرسىلەرنى كۆپەرەك ئويلاڭ.
Struggling with problems is a natural part of growing.
مەسىلىگە يولۇققاندا، مەسىلىنى ھەل قىلىش بولسا ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ تەبىئىي بىرقىسمى خالاس.
Worrying is literally a waste of energy.
قايغۇرۇش زېھىننى ئىسراپ قىلغانلىق.
You have the capacity to create your own happiness.
سىزدە ئىقتىداربار، ئۇنداقتا ئۆزبەختىڭىزنى ئىجاد قىلىڭ.
Everything that happens is a life lesson.
ھاياتتا يۈزبەرگەن ھەر-بىر ئىش، بىرسائەتلىك دەرستۇر.
Giving up and moving on are two very different things.
ۋاز كېچىش بىلەن ئايرىلىش ئىككىسى ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ئىش.
Distance yourself from negative people.
پاسسىپ ئادەمدىن نىرى تۇرۇڭ.
You must love yourself too.
سىزمۇ ئۆزىڭىزنى سۆيۈشىڭىز كېرەك.
Don’t let others make decisions for you.
باشقىلارنىڭ كېلىپ قارار چىقىرىپ بېرىشىغا تايىنىپ قالماڭ.
Laughter is the best medicine for stress.
كۈلۈمسىرەش- بىسىمنىڭ ئاسارىتىنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك دورىسى.
خوش، بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا بەك يارايدۇ، سىزگە يارىغىنى بارمۇ؟ ياكى سىزدە بۇنىڭدىن ئېسىللىرى بارمۇ؟ قاراپ ئولتۇرىسىزغۇ، ئىنكاس يېزىش يادىڭىزدا باردۇ؟