كىم ئۇزۇن كۆرۈشنى خالىمايدۇ؟ رىۋايەت قىلىنىشىچە 1000يىل ياشاپمۇ ھاياتقا تويمىغان لوقمان ھەكىم، ئۆزىنى كلۇنلاپ ئەزرائىلنى ئالدىماقچى بولۇپتىكەنمىش،…
بۈگۈن، بىرخەنچە بېكەتتىن كۆرۈشۈمچە ئەنگىلىيىنىڭ« قۇياش» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، ئامېرىكائالىمى بور، ئۇزۇن مەزگىل ئادەم تېنىگە پايدىلىق پەرھىزلەر بىلەن ئادەم تېنىگەزىيانلىق ھەرىكەتلەرنى تەتقىق قېلىش ئارقىلىق، تەتقىقات نەتىجىسىنى تىبابەت جەھەتتىكى كلىنكىلىق تەجرىبىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۆمۈرنىڭ ئۇزىراش ۋە خوراش فورمۇلىسىنى ئىجاد قىلغان. بۇنىڭ پرىنسىپى شۇكى؛ ئەگەر سىز ئەركىشى بولسىڭىز، ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۇركۆرۈش ئوتتۇرىچە يېشى بولغان 86 ياشنى ئاساس قىلىسىز؛ ئەگەر ئايال كىشى بولسىڭىز،ئاياللارنىڭئ ئۇزۇن ئۆمۇركۆرۈش ئوتتۇرىچە يېشى بولغان 89 ياشنى ئاساس قىلىسىز. ئاندىن تۆۋەندىكى 20 تۈربويىچە ئۆزىڭىزنى قاتتىق باھالاپ چىقىسىز.
1.توي قىلىش: توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ئۆمرىنى 3يىل ئۇزارتالايدۇ، ئەمما ئاياللارغا چوڭ تەسىركۆرسەتمەيدۇ.
2.زىيادە بىسىم: تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى زىيادە بىسىم ئۆمۈرنى 3يىل قىسقارتىۋېتىدۇ.
3.يېقىنلىرىدىن ئۇزۇن مەزگىل ئايرىلىپ تۇرۇش: بۇ ئادەم ئۆمۈرىنى0.5 يىل قىسقارتىۋېتىدۇ.
4.ھەركۈنى6سائەتتىن كەم ئۇخلاش: ئادەمنىڭ ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىسا1يىل ئۆمۈرى قىسقىرايدۇ.
5.خىزمەت تەلۋىلىكى: ھەددىدىن زىيادە خىزمەت قىلىشتىن كېلىپ چىققان ھارغىنلىق 1يىل ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدۇ.
6.ئۆزىنى ئاغرىقچان ياكى قىرىپ كەتتىم دەپ ئويلاش: ئادەم ئۆمۈرنى 1يىل قىسقارتىۋېتىدۇ.
7.تاماكا چېكىش: ھەركۈنى10تال چەكسىڭىز5يىل، ھەركۈنى ئىككى قاپ چەكسىڭىز15يىل ئۆمۈرىڭىزقىسقىرايدۇ.
8.ھەركۈنى بىرئىستاكاندىن يېىشل چاي ئىچسىڭىزئۆمرىڭىزنى 0.5يىل ئۇزارتالايسىز، ھەركۈنى تەركىبىدە كوففېئىن بولغان ئىچىملىك ئىستىمال قىلسىڭىزئۆمۈرىڭىز0.5يىل قىسقىرايدۇ.
9.ئەگەر ھەركۈنى 4 رومكىدىن ئوشۇق ھاراق ئىچسىڭىز ئۆمۈرىڭىز7يىل قىسقىرايدۇ.
10.چىش تازىلىقى: چىشىنى پاكىزتۇتماسلىقتىن ئادەم ئۆمۈرى 1يىل قىسقىراپ كېتىدۇ.
11.ئۇزاق مەزگىل كۈچلۈك قۇياش نۇرى ئاستىدا تۇرۇش ئادەم ئۆمۈرنى 1يىل قىسقارتىۋېتىدۇ.
12.سېمىزلىك: نورمالسىز سېمىزلىك ئادەم ئۆمۈرنى 5يىل قىسقارتىۋېتىدۇ.
13.ھەركۈنى گۆشلۈك تاماق يېيىش ئادەم ئۆمۈرنى 3يىل قىسقارتىۋېتىدۇ.
14.ئەخلەت يېمەكلىكلەر: دائىم ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغۇچىلارنىڭ ئۆمۈرى 2يىل قىسقىراپ كېتىدۇ.
15.قورساققا ئامراق، ھەرىكەتكە قېرىق بولۇش ئادەم ئۆمۈرنى 1يىل قىسقارتىۋېتىدۇ.
16.ھەركۈنى تاتلىق يېمەكلىك ئىستىمال قىلىش ئادەم ئۆمۈرنى 1يىل قىسقارتىۋېتىدۇ.
17. تەنھەرىكەت: ئۇزاق مەزگىل ھەرىكەت قىلماسلىق ئۆمۈرنى 1يىل قىسقارتىۋېتىدۇ؛ ھەركۈنى 30مىنۇت چېنىقىش بىلەن شۇغۇللانسا ئۆمۈرنى 5يىل ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
18.ئەگەر ئادەم ئازدېگەندە ھەرئىككى كۈندە بىرقېتىم چوڭ تەرەت قىلىشقا كاپالەت قىلالمىسا،0.5يىل ئۆمۈرى قىسقىرايدۇ.
19.قەرەللىك بەدەن تەكشۈرتۈش ئادىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆسمە پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغاندائۆمۈرنى 1يىل ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
20.قان بېسىمى ئازراق يۇقىرى بولسا ئۆمۈر1يىل قىسقىرايدۇ، يۇقىرى بولسا5يىل، بەك يۇقىرى بولسا15يىللىق ئۆمۈر قىسقىرايدۇ.
21.دائىم ۋەتەن بىلوگىنى زىيارەت قىلسا ئۆمۈرنى 3يىل ئۇزارتقىلى بولىدۇ، يازمىنى ئوقۇپ ئىنكاس يازمىسا 4يىل ئۆمۈرى قىسقىرايدۇ.
ئۇنداق بولسا، 21-تۈرنى چىقىرىۋېتىپ، قالغان تۈرلەر بويىچە ئۆزىڭىزنى باھالاپ چىقىڭ ،قانداق نەتىجىگە ئېرىشىسىزكىن؟
ps. بۇ مۇتلەق ئۆلچەم ئەمەس، لېكىن ئىلمىيلىكى كۈچلۈك، ئاخىرقى نەتىجە بىزگە بەزى ئادەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش، بەزىلىرىنى تېزدىن ئۆزگەرتىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرەلەيدۇ.