تۆۋەندە سىزگە ئۈچ خىل ئەھۋالنى تونۇشتۇرىمەن، سىزنى ئارىسىدىن بىرنى تاللاپ ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىڭ. بىرىنچىسى ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا قاتتىق قۇرغاقچىلىق ئاپىتى بولماقتا، سانسىزلىغان ئادەملەر ئاچارچىلىق خەۋىپىگە دۇچ كەلدى. ئىككىنچىسى ناھايىتى مۇنەۋۋەر بىرئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بارئىدى، ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئوقۇش ھەققىنى تۆلىيەلمەي ئوقۇشتىن توختاپ قىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۈچىنچىسى بىردانە نۇسخىلاش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ فاكۇلتېت ئىشخانىلىرىنىڭ بىرىگە قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن تەمىن ئېتىش
شەخسىيەتسىز تەقدىم قىلىش ئالىيجاناپلىق، بىراق ئۆزمەنپەئەتىنى تاللاشمۇئاكتىپلىقنىڭ ئامىلىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىنسان ماھىيىتىدىكى بۇ ئالاھىدىلىكنى چۈشىنىش بىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتلىك ئىشلارنى ھۇجۇتقا چىقىرىشمىزغا تۈرتكە بولىشى مۇمكىن.
مەن باشتا ئېيتقان ئۈچ خىل ئەھۋال ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىدىكى مەلۇم بىرئالى مەكتەپ پىروپىسسۇرىنىڭ ئىشلىگەن تەجرىبىسى بولۇپ، تۆۋەندە قايتىلايمەن:
1.ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا قاتتىق قۇرغاقچىلىق ئاپىتى بولماقتا، سانسىزلىغان ئادەملەر ئاچارچىلىق خەۋىپىگە دۇچ كەلدى.
2.ناھايىتى مۇنەۋۋەر بىرئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بارئىدى، ئائىلە قېيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئوقۇش ھەققىنى تۆلىيەلمەي ئوقۇشتىن توختاپ قىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.
3. بىردانە نۇسخىلاش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ فاكۇلتېت ئىشخانىلىرىنىڭ بىرىگە قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن تەمىن ئەتمەكچى.
پىروپىسسۇر بۇئۈچ خىل ئەھۋالنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنى ئىمزا قويماسلىق شەرتى بىلەن ئۈچ خىل ئەھۋالدىن بىرنى تاللاشقا بۇيرىغان، نەتىجىدە 85% ئوقۇغۇچى نۇسخىلاش ماشىنىسى سېتىۋېلىشنى تاللىغان،% 12 ئوقۇغۇچى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىغا ياردەم بېرىشنى تاللىغان، پەقەت% 3 ئوقۇغۇچىلا ئافرىقىدىكى ئاچارچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم بېرىشنى تاللىغان.
بۇ تەجرىبە بىرتەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىش سەۋىيىسىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى بىلدۈرسە يەنە بىرتەرەپتىن
قارىغاندا مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزمەنپەئەتىگە بىۋاستە باغلىنىشلىق بولغان مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلگەن.
بەزىلەر ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىدە مۇنداق بىرئىشنى سىناق قىلغان، ئادەتتە پويىز ۋاگۇنلىرىغا كۆپچىلىكنىڭ ئازادىلىكى ئۈچۈن تەرتىپنى ساقلاڭ دەپ ئەسكەرتىش يېزىپ قويغان بولسىمۇ ئۈنۈمى يوق دىيەرلىك بولغان، ئەمما كېيىنچە بۇ گەپنى ئۆزىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەرتىپنى ساقلاڭ دەپ ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ئەھۋالدا خىلى زور ياخشىلىنىش بارلىققا كەلگەن.
بىرئېغىز خۇلاسە: باشقىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاش ئېھتىياجى تۇغۇلغاندا ئۇنىڭ مەنپەئەتىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.