ئادەمنىڭ ئۆمرى ،خۇددىي كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىققانغا ئوخشايدۇ…
بىز بىلىمىز ئۇنىڭ قوزغىلىش نۇقتىسى بولغىنىدەك ئاخىرقى نۇقتىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن بىز بۇ سەپەرجەريانىدىكى كەچۇرمۇشلەرنى ئالدىن بىلەلمەيمىز.
بەزىلەرنىڭ سەپەرمۇساپىسى شۇنچە ئۇزۇن ،بەزىلەرنىڭ شۇنچە قىسقا..
بەزىلەرنىڭ تەلىيى ئوڭ ،ئۇلار دىرىزە سىرتىدىكى مەنزىرىلەردىن ھوزۇر ئالالايدۇ، بەزىلەرنىڭ تەلىيى شۇنچە كاجكى باشتىن ئاخىر قىسلىپ-قىستىلىپ ئۆرە تۇرۇشقا مەجبۇر…
بەزىلەر چىقىپلا ئورۇن تاپالايدۇ، بەزىلەر ئۆزىدىن باشقا ھەممە ئادەمنىڭ ئورونلارنى ئىگىلەپ بولغانلىقىنى كۆرىدۇ..
بەزىلەر ئورۇن ئىگىلەش ئۈچۈن ھىچنىمىگە پەرۋا قىلمايدۇ ھەتتا باشقىلارغا ئۆكتەملىك قىلىشتىن يانمايدۇ، يەنە بەزىلەر ئۇنداق-مۇنداق سەۋەبلەر ۋەجىدىن ،كۆڭلىدە قىيالمىسىمۇ ئۆزى ئېرىشكەن ئورۇننى باشقىلارغا ئۆتۆنۈپ بېرىدۇ..
بەزىلەر خىلمۇ-خىل ئۇسۇللار بىلەن، ئۇزاقتىن-ئۇزاق كۈتۈش ئارقىلىق ئاخىرى بىر ئورۇنغا ئېرىشىدۇ، لېكىن بۇچاغدائۇ ئاللا قاچان بىكەتكە كېلىپ بولغان بولىدۇ…بىكەتكە چۈشىدىغان شۇ پەيتتە ئۇ ماشىنا كابىنكىسىغا قايتىپ كىرىپ بوش تۇرغان ئورۇنلارغا ھەسرەت بىلەن قاراپ قويىدۇ…
ھەر بىكەتتە سەپىرى ئاياغلاشقانلار چۈشۈپ تۇرىدۇ،ئەمما بۇ ئاپتۇبۇس قۇرۇغدىلىپ قالمايدۇ…
شۇنداق بىز ھەممىمىز يولۇچىلارمىز، ھىچكىمنىڭ مەڭگۈ ئاياغلاشمايدىغان سەپىرى يوق. مەيلى قايسى تەبىقىدىكى يولۇچى بولۇڭ ،كوچا ئاپتۇبۇسىنىڭ ئەقەللىي ۋەزىپىسى شۇكى سىزنى ئاداققىي بىكەتكە ئاپىرىپ تاشلايدۇ.
ۋاقىت ھېچكىم ئۈچۈن توختاپ تۇرمايدۇ، يەرشارى ھەركىمنىڭ تەلىپى بويىچە چۆگلىمەيدۇ.مەيلى مەن ياكى سىز ۋەياكى ئۇنىڭ بولۇش بولماسلىقدىن قەتئي نەزەر ھاياتلىق كوچا ئاپتۇبۇسى سەپىرىنى داۋام قىلىۋىرىدۇ.