• قوللانچى: پارول:

ئىبرەتلىك ھېكايەت: ئەڭ ئاخىرقى ئەسەر

پۈتۈن ئۆمرىنى قۇرۇلۇش لايىھىلەش خىزمىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر ياشانغان قۇرۇلۇش ئىنژېنېرى بالدۇرراق قۇرۇلۇش ئورنىدىن ئايرىلىپ ئاخىرقى ئۆمرىنى خوتۇن،بالا-چاقىلىرى بىلەن خاتىرجەم ياشاش ئارزۇسىدا پېنسىيىگە  چىقىشقا تەييارلىنىپتۇ.
خوجايىن ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدىنمۇ ئەۋزەل شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىپ،ئۇنى تۇتۇپ قىلىشقا ھەرقانچە ئۇرۇنغان بولسىمۇ،لېكىن ئىنژېنېر پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋاپتۇ. خوجايىننىڭ شۇنچە سەمىمىي نىيىتىدىمۇ ئىنژېنېرنى تەسىرلەندۈرەلمەپتۇ.ئاخىرى خوجايىن ئامالسىز ئۇنىڭ پېنسىيىگە چىقىشىغا قوشۇلۇپتۇ.بىراق ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر يۈرۈش ئۆينى لايىھىلەپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ،ئىنژېنېر ماقۇل بوپتۇ.
ئۆينى ياساش جەريانىدا،ھەممىلا ئادەم بۇ ئىنژېنېرنىڭ تازا كۆڭۈل قويۇپ خىزمەت قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلىپ قاپتۇ.ئۆي پۈتكەن بولسىمۇ،بىراق بۇرۇنقى ئۆيلەردەك سۈپەتلىك چىقماپتۇ.ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغان خوجايىنمۇ ھېچنېمە دىمەپتۇ.پەقەت ئۆي پۈتكەندىن كىيىن بۇ ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئىنژېنېرغا تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ. ۋە بۇ ئۆيىنى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلىدىغانلىقىنى ئىيتىپتۇ. ئىنژىنىربىر ھازاغىچە ھاڭۋېقىپ قاپتۇ.
كۆپچىلىك ئىنژېنېرنىڭ  ناھايىتى پۇشايمان قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە خىجىل بولۇۋاتقانلىقىنى سېزىشىپتۇ.
ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە نۇرغۇن ئەلا سۈپەتلىك ئۆيلەرنى ياسىغان بولسىمۇ،لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزى ئۈچۈن بۇنداق قاملاشمىغان بىر ئۆي ياسىننى ئويلاپمۇ باقمىغانىكەن.
تۇرمۇشمۇ ئوخشاش.ئەمەلىيەتتە ھەربىر ئادەم ھەرۋاقىت ئۆزى ئۈچۈن ھاياتلىق خانىسىنى ياسايدۇ.  بۈگۈنكى ھەرقانداق بىرمەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ ئاقىۋىتى ،ھامان ھاياتلىق مۇساپىمىزنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكىدە   بىزنى ساقلاپ تۇرغان بولىدۇ.شۇڭا ئەتراپىمىزدىكى ھەربىر ئادەمگە ،ھەربىر ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلساق،تۇمۇشىمىزدا ئەپسۇسلىنىش ۋە نادامەتلەر ئازراق بولۇپ ،گۈزەللىك ۋە شاد-خوراملىقلار كۆپرەك  بولۇشى مۇمكىن.

ۋەتەن :
مەزكۇر ھېكايەتنى دوستۇم «ئەۋلادىم» تەرجىمە قىلىپ يوللىغان بولۇپ، بۇ كېچىككىنە ھېكايىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن شۇنداق ھېس قىلىپ قالدىم: بىز ھاياتتا نۇرغۇن ئىشلارنىڭ غۇلىچىغا چىداپ، غىرىچىغا چىدىماسلىق قىلىمىز. بەلكىم بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇتۇقلىرىمىز شۇ ئاخىرقى «بىر غىرىچ» پۇرسەتتە بولۇشى مۈمكىن، دېمەك ئىتىقادنى، خاسلىقنى، ئەستايىدىللىقنى…ئەيتەۋۇر داۋاملاشتۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش مۇھىم.





2 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • مۇسلىم جاۋاب

    بەك ياخشى يىزىلىپتۇ.

  • ئەھمەد جاۋاب

    بۇ ئىبرەتلىك ھىكايە ھەقىقەتەن ھەممىمىزگە چوڭقۇر ئىبرەتكەن.راست،سەن بۇ ھاياتقا قانداق مۇئامىلە قىلساڭ،ئاخىردا ئىرىشىدىغىنىڭ ئاشۇنداق سۈپەتسىز‹‹ئىمارەت››بولۇپ قالىدۇ،خالاس.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif