• قوللانچى: پارول:

مەخپى نومۇرسېلىش ئادىتىڭىزدىن پىسخىكىلىق مەخپىيەتلىكىزنى بىلىۋالىمەن

بۈگۈنكى كۈندە ھەممىمىزدە بىرمۇنچىلىغان مەخپى نومۇرلار بار، ھەقىقەتەن، كۈنسىرى رەقەملىشىۋاتقان دۇنيادا، بىزنىڭ مەخپى نومۇر سېلىشقا ئائىت ئىشلىرىمىزمۇ ئىزبىسىپ ئاۋۇماقتا.
خوش، ئۇنداقتا سىزنىڭ مەخپى نومۇر ياساش ئۇسۇلىڭىز قانداق؟ بۇ مەسىلە پەقەت قولايلىق بولۇش-بولماسلىق دېگەندەك ئىشلارنىلا ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ قىسمەن پىسخىكىلىق مەخپىيىتىڭىز بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ.
ئەگەر قىزىقىپ قالغاندەك قىلسىڭىز، تۆۋەندە مەن ئېلىپ بارىدىغان كىچىككىنە سىناققا قاتنىشىپ بېقىڭ.

سىز، مەخپى نومۇر بېكىتىشكە ئائىت تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن قايسىسىغا چۈشىسىز؟

A. تۇغۇلغان كۈن ياكى تېلېفۇن نومۇرىغا ئائىت ئىلمىنىتلاردىن تەشكىل تاپقان.

B. كىملىك سالاھىيەت كېنىشكىسى  نومۇرىدىن تۈزۈلگەن.

C. ئىككى-ئۈچ كۈندە بىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىمەن.

D. ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن لايىھىلەيمەن، ھېچكىم پەرەزقىلالمىغۇدەك دەرىجىدە قىلىۋېتىمەن.

ئەسكەرتىش: 10نەپەر تورداش ئىنكاس قالدۇرغاندىن كېيىن جاۋابى تولۇقلىنىدۇ.





23 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • مەن تۇغۇلغان كۈنۈم بىلەن قىز دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قوشۇپ ئاندىن ئالدى كەينىگە كونۇپكا تاختىسىدىكى بارلىق قوشۇمچە چىكىت،پەش… دىگەندەكلەرنىڭ ھەممىنى سالىمەن

  • ئۆزخان جاۋاب

    مەن ئۆزۇم ئەڭ ياقتۇرغان تور ئىسمىمنىڭ ئارقىسىغا ئانچە مۇنچە سان ھەرىپلەرنى قىتىپ قويمەن.

  • مەن ئا جاۋاپقا چۇشۇپ قالدىغاندەك قىلمەن.

  • ئو.تۇرپان جاۋاب

    مەن تۆتىنچىسىگە چۈشۈدىكەنمەن.

  • Yarsh جاۋاب

    مەن سان ،ھەرىپ،بەلگە ھەممىسىنى قوشۇپ ئىشلىتىمەن،ئەممايەنە شىفىرئىشلەتمەكچى بولۇپ قالسام دائىم ئىشلىتىۋاتقىنىمنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىمەن.

  • دولقۇن731 جاۋاب

    ئادەتتە كۆپرەك قىلدىغىنىم ئا ۋە ب. كۆپرەك ئىشلىتىدىغىنىم ئالىي مەكتەپكە ئۆرلەپ ئۇقۇش ئىنتھانىدا ئالغان نۇمۇرۇم ۋە تۇغۇلغان كۈن ئىلمىنتلىرى.

  • مەسئوت جاۋاب

    مەنA چۇشىمەنكەن

  • بىرىنچى جاۋاب!

  • Dغا چۈشەمدىمەنكىن دەيمەن.

  • malika88 جاۋاب

    تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئاساس قىلىمەن

  • بىرىنچىغا چۈشىمەن.
    11-بولۇپ ئىنكاس يېزىپتىمەن، ئەمدى جاۋابىنى يازىسىزغۇ دەيمەن ۋەتەنجان.
    11-بولۇپ يېزىپ ئۇنىڭ جاۋابىنى تەييارىشىڭىزغا تۈرتكە بولغانلىقىم ئۈچۈن نىمە مۇكاپات بار……….. :razz:

    • مۇنەۋۋەر ئىنكاسچى نامىنى بەردىم سىزگە :lol:

    • رەھمەت! :eek:

  • Aجاۋابنى تاللىغۇچىلارنىڭ رىقابەتلىشش ئىرادىسى كۈچلۈك ئەمەس ئەمما شەخسىيەتچىلىكى كۈچلۈكرەك بولىدۇ.

    B جاۋابنى تاللىغۇچىلاردا زىيارە ئىھتىياتچانلىق مەۋجۈت، كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزھېسىياتىدىن گۇمانلىنىپ قالىدۇ.
    C جاۋابنى تاللىغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى كەيپىياتى تۇراقسىزراق بولۇپ، باش ئاغىرىقى بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ.
    D جاۋابنى تاللىغانلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى بىر قەدەر مۇرەككەپ، خىياللىرى چىگىش بولىدۇ. ئادەتتە كىشىلىك مۇناسىۋەتتە باشقىلارغا تۇراقلىق بىر تەسىرات بەرمەيدۇ.

  • مىھراي جاۋاب

    توۋا قانداقلا شىفىر سالسا ، سەلبى تەرەپتىن باھا بىرىدىكەن ئادەمگە، نىمە گەپ بۇ؟

    • ئارتۇقچىلىقنى دەپ ئولتۇرمايمىز-دە :arrow:

  • تاي جاۋاب

    مەن د نى تالايمەن

  • جۇغلان جاۋاب

    مەن D جاۋابنى تاللىدىم !

  • ئا جاۋاپ

  • مەن ئا جاۋاپنى تاللىدىم

  • نۇربىيە جاۋاب

    ئا تاللاي

  • Enjur جاۋاب

    مەن تۇغۇلغان كۈن، تېلېفون نومۇرى، خاتىرە كۈن قاتارلىقلار بىلەن ئارلاشتۇرۇپ مەخپى نومۇر سالىمەن.

  • jasur57 جاۋاب

    مېنىڭ بېرىنچى خىل تۈرگە چۈشۈدىكەن …

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif