ئائىلە- جەمئىيەتنىڭ «ئاساسى ھۇجەيرىسى». 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان، پۇتكۇل دۇنيادىكى ئائىلىلەر سانى شىددەت بىلەن ئاشتى،سىتاتىستىكا قېلىنىشىچە نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئائىلىلەر سانى 1مىليارد 30مىليۇنغا يەتكەن .ئائىلىلەرنىڭ كۆلىمى كۈنسايىن تارىيىپ، نىكاھتىن ئاجرىشش نېسبىتى كۆرۇنەرلىك يۇقىرىلىغان. ئامېرىكىدا ھەر ئىككى جۈپ نىكاھلانغۇچى ئىچىدە بىرىنىڭ نېكاھ مۇناسىۋىتى بۇزۇلىدىكەن، غەربىي ياۋروپادا ئۈچتىن بىر ئائىلىدە نىكاھ كىرزىسى يۈربەرمەكتە. نوپۇسنىڭ ياشىنىش سۈرئىتىمۇ دۇنيادىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ گەۋدىلىنىشكە باشلىغان، پۈتۈن دۇنيا مىقىياسىدا 65ياشتىن ھالقىغانلار350مىليۇنغا يېتىپ بارغان بولۇپ، ياۋرۇپادا ياشانغانلار نوپۇسى ئومۇمى نوپۇسنىڭ بەشتىن بىرىنى تەشكىل قىلغان. نۆۋەتتە يەنە كىشلەرنىڭ ئائىلە ئۇقۇمىدىمۇ ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولغان. يۇقارقىدەك ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرجەمئىيەتكە غايەت زور زەربە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بارغانسىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت-ئىتىبارىنى قوزغىماقتا.
1989-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 44-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمى يىغىنىدا مۇنداق بىر قارار ماقۇللاندى: يەنى 1994-يىلىنى «خەلقئارا ئائىلە يىلى »(InternationalYearoftheFamily) دەپ جاكارلىدى. ھەمدە بۇ نۆۋەتلىك «ئائىلە يىلى» نىڭ باش تېمىسىنى :«ئائىلە: دۇنياتەرەققىياتىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە مەسئۇلىيەت» دەپ بېكىتتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر كېچىك تېمىسى :«جەمئىيەت يادروسىىدا قۇرۇلغان ئەڭ كېچىك دېمۇكراتىك تۈزۈلمە» بولدى.
1993-يىلى 2-ئايدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جەمئىيەت تەرەققىياتى كومىېتىتى يىغىنىدا يەنە بىر قارار ئېلان قىلىندى، 1994-يىلىدىن باشلاپ، ھەريىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى«خەلقئارا ئائىلە كۈنى»(InternationalDayforFamilies) قىلىپ بېكىتىلدى.
بەيدۇ ۋە گۇگۇلدىن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئىزدەپ كۆرۇشۇمچە «خەلقئارائائىلە كۈنى» 1994-يىلىدىن باشلاپ سىجىل تۈردە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ ، 1994-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە بولغان ھەرقېتىملىق «خەلقئارا ئائىلە كۈنى» نىڭ باش تېمىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1994-يىلى : «ئائىلە: دۇنياتەرەققىياتىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە مەسئۇلىيەت»
1995-يىلى : توردىن تېپىلمىدى(سەۋەبىنى بىلمىدىم)
1996-يىلى:«ئائىلە: نامرات ۋە تۇرالغۇسىزلارئاجىزلارتوپى»
1997-يىلى: «ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئۈستىگە قۇرۇلغان ئائىلە »
1998-يىلى: «ئائىلە : ئىنسانى ھوقۇقنىڭ تەربىيىلىگۈچىسى ۋە تەمىنلىگۈچىسى»
1999-يىلى: «ياش چەكلىمىسىسىز ئائىلىدىن بەھرىمان بولۇش»
2000-يىلى : «ئائىلە: تەرەققىياتنى سىلجىتقۇچى ۋە نەپ ئالغۇچى»
2001-يىلى :«ئائىلە ۋە پىداكارلار: جەمئىيەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى»
2002-يىلى:«ئائىلە ۋە قېرىلىشش: پۇرسەت ھەم خىرىس»
2003-يىلى:«2004-يىلىدىكى خەلقئارائائىلە يىلىنىڭ 10يىللىقىغا تەييارلىق كۆرۇش»
2004-يىلى:«خەلقئارا ئائىلە يىلىنىڭ 10يىللىق خاتىرىسى : بىر ھەرىكەت ئەندىزىسى»
2005-يىلى:«ئەيدىز ۋە ئائىلە بەختى»
2006-يىلى :«ئۆزگۇرىۋاتقان ئائىلە :پۇرسەت ۋە خىرىس»
2007-يىلى:«ئائىلە ۋە مىيىپلار»
2008-يىلى:«ئاتا ۋە ئائىلە : مەسئۇلىيەت ۋە خىرىس»
2009-يىلى :«ئانا ۋە ئائىلە: ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادىكى خىرىس»
2010-يىلى :«كۆچمەنلەرنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئائىلىلەرگە بولغان تەسىرى»
2011-يىلى :«ئائىلىۋى نامراتلىق ۋە جەمئىيەتنىڭ چەتكە قىقىشىغا ئۇچىراش»
….
پىقىرنىڭ قارىشىچىمۇ نۆۋەتتە، بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ ئائىلە مەسىلىلىرى كۆرۇنەرلىك كۆپەيمەكتە. بۇنىڭ ئىچىدەنىكاھ مەسئۇلىيەتسىزلىكى، ئائىلدىكى پەرزەنت تەربىيسىنىڭ سەل قارىلىشى، بىرقىسىم ئېسىل ئائىلىۋى دەستۇرلارنىڭ يوقۇلۇش گىرداۋىغا بېرىپ قىلىشى قاتارلىقلار بىرقەدەر گەۋدىلىك بولسا كېرەك. ئائىلە جەمئىيەتنىڭ كېچىكلىتىلگەن كارتىنىسى ، ئائىلە مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشى ياكى چىكىنىشى بىرپۈتۈن خەلقنىڭ تەقدىرىگە چىتىشلىق نازۇك مەسىلە. ئۇيغۇرلاردىكى ئائىلە مەسىلىلىرىنىڭ ھازىرقى يۈزلىنشى ئادەمنى ئەندىشىگە سالماي قالمايدۇ. ئۇزاق مەزگىل مەنىۋى ۋە ئىقتىسادىي نامراتلىق ئېلكىدە قاغجىرىغان ئۇيغۇرجەمئىيىتىدە ئائىلە پۈتكۇل مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشالايدىغان بولۇشى كېرەك ئىدى،لېكىن نۆۋەتتىكى ئەھۋال ھەقىقەتەنمۇ بىزنى ئويلاندۇرىدۇ…
بۈگۈنكى ھادىسىلەر، بىزدىن ئائىلە مەدەنىيىتىمىزگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىىشمىزنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئائىلە بىزنىڭ كېچىك ۋەتىنىمىز، ئائىلىنى سۆيگەنلىك -ۋەتەننى ،خەلقنى ، مىللەتنى …سۆيگەنلىك.