ماڭا ئوخشاش ئايال كىشى بىلەن تۇرمۇشنىڭ ئۇزۇن سەپىرىگە ئاتلىنىپ بولغان بۇرادەرلەر ئېتىراپ قېلىشى مۇمكىن، ئادەتتە ئاياللارنىڭ سۆزى بىلەن شۇ سۆزنىڭ ئىجراسى ئوخشاش چىقمايدىغان ئىشلاركۆپ. مەسىلەن، ئۇ ھېچقىسى يوق دېسە، سىز راستىنلا شۇنداق ئويلاپ قالماڭ، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىرئاۋارىچىلىقنىڭ باشلنىشىمۇ تېخى؟!
ئاياللارنىڭ «گېپىنىڭ تېگىدە گەپ بار». كېيىنكى تۇرمۇش مۇساپىڭىزدە ئاۋارىچىلىق ئاز بولسۇن دېسىڭىز، ئاز-تولائائىلە مۇناسىۋىتى پىسخلوگىيىسى ئۆگىنىپ قويسىڭىزبولىدۇ.
تۆۋەندە مەن ،ئاياللارنىڭ تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان توققۇزخىل خەتەرلىك سۆزىنى سەمىڭىزگە سېلىپ قوياي:
«ياخشى!»
ئادەتتە ئاياللار سىزبىلەن داۋاملىق تېركىشىشنى خالىمىغان ۋاقتىدا بۇگەپنى قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئۆزەمنىڭ توغرا دېگىنى، بۇگەپنى ئاڭلىغان ھامان سىز ئەڭ ياخشىسى ياۋاشلىق بىلەن ئېغىزىڭىزنى يۇمۇڭ.
«بەش مىنۇت!»
ئەگەر بۇگەپنى دېگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇ كىريۇيۇۋاتقان بولسا، ئۇنداقتا بۇ بەش مىنۇت نىڭ مەنىسى كەم بولغاندىمۇ بىريېرىم سائەتتىن. ئەگەر سىزپۇتبول مۇسابىقىسى كۆرۈۋاتقاندا ئۇنىڭغا پەقەت بەش مىنۇت تەخىر قىلىپ تۇرغىن دېسىڭىزچۇ؟ ھاھا…مانا بۇچاغدا بەش مىنۇتنىڭ پەقەت بەش مىنۇت ئىكەنلىكىنى بىلىسىز.
«بوپتۇ،شۇنداق قىلىۋېرىڭ!»
بۇ ھەرگىزمۇ سىزنىڭكىنى تەستىقلىغانلىق ئەمەس. ئەخمىقانىلارچە شۇنداق قىلىۋەرمەڭ.
«ئۇھ!»( يۇقىرى ئاۋازدا)
ئاياللارنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا بىر قېتىم ئۇھ تارتىشمۇ، ئەمەلىيەتتە بىرجۈملە سۆزگە ھېساب، پەقەت ئۇنىڭ ئېيتىلمىغان يېرىلا بار. ئېيتىلمىغان سۆز، ئېيتىلغىنىدىن يامان بولىشى مۇمكىن، ئاياللارنىڭ بۇخىل ئۇھ ئى نىڭ مەنىسى سىزنى سەن نېمانچە دۆت دېگەنلىكتىن باشقا گەپ ئەمەس، دېمەك ئۇ بىرمۇنچە ۋاقىت-زېھنىنى ئىسراپ قىلىپ ئاخىرى چىقمايدىغان بۇ ئىش ئۈستىدە سىزبىلەن مۇنازىرىلەشكۈسى يوق.
«ھېچنېمە بولمىدى!»
بۇ ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە بېرىدىغان ئەڭ خەتەرلىك سېگىناللىرىنىڭ بىرى. ھېچنېمە بولمىدى نىڭ مەنىسى شۇكى، ئۇ تازا بىرئىنچىكە ئويلىنىپ چىقىپ، ئاندىن سىزنىڭ خاتالىقىڭىزئۈچۈن قانداق بەدەل تۆلىتىشنى قارارقىلماقچى بولىۋاتىدۇ…
«بەرىبىر!»
xxxx بەرىبىر! دېگەن بۇ سۆزئاياللارنىڭ ئېغىزىدىن چىققان بولسا، بۇنىڭ مەنىسىنى ئېيتىشنىڭ ئورنى يوق، چۈنكى ئۇنىڭ نەزىرىدە سىز پەقەت بىر xxxx خالاس!
«رەھمەت ھە!»
ئايال كىشى سىزگە «رەھمەت ھە» دېگەن چېغىدا، قايتۇرۇپ سۇئال سورىغۇچى بولماڭ، پەقەت«تەكەللۇپ قىلماڭ» دەپ قويسىڭىزلا كۇپايە. بۇيەردە ئارتۇق بىرئىغىزگەپنىڭ ئارتۇقلىقى بار. ئەگەرئۇ سىزگە «ۋاي كۆپ رەھمەت جۇمۇ سىزگە » دېگەن بولسا، بۇئەمەلىيەتتە بىركىنايە خالاس، ھەرگىزمۇ «تەكەللۇپ قىلماڭ» دەپ يۈرمەڭ ساددىلىق بىلەن.
«بولدىلا، ئۆزۈملا قىلىۋېتەي»
بۇ يەنە بىرخەتەرلىك سېگىنال،بۇيەردىكى گەپنىڭ تېگىدىكى گەپ شۇكى؛ ئۇ سىزنى كۆپ قېتىم مەلۇم ئىشقا ياردەمگە چاقىردى، ئاخىرى تاقەتسىزلىنىپ ئۆزىلا قول سېلىپ بىرتەرەپ قىلىۋەتتى. بۇگەپتىن كېيىن ھاماقەتلەرچە نېمە بولدى؟ دەپ سالماڭ، بەرىبىردېگەن گەپنىڭ مەنىسىنى باياملا دەپ بولدۇمغۇ دەيمەن-ھە؟
«ھېچقانداق ئىش يوق»
ئايال كىشىنىڭ بىلگىلى بولمايدىغان بىرخىل روھىي ھالەتتە ھېچقانداق ئىش يوق دېيىشى ئەسلىدە بوران-چاپقۇن ئالدىدىكى بىردەملىك تېنىچلىقتۇر. ھېچقانداق ئىش يوق! تا ئەمەلىيەتتە بىر ئىش بار. ئائىلىدىكى ئەر-خوتۇن ئۇرۇشى كۆپىنچە ھاللاردا ئاياللارنىڭ «ھېچقانداق ئىش يوق»ىدىن باشلىنىپ، «ياخشى!» دېگەن سېگنالى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.