فېرانسىيە كېنوچولپىنى Jean Reno باش رول ئالغان كېنولارنى ياقتۇرۇپ كۆرۇپ كېلىۋاتقىنىمغا بىرقانچە يىل بولۇپ قالدى، لېكىن ئۇ رول ئالغان ئەڭ نادىرھېكايە فېلىم«بۇ قاتىل ئۇنچە رەھىمسىزئەمەس»(ئەسلى نامى:«كەسپى قاتىل لېيۇن»)نى مەزكۇر كېنو ئىشلىنىپ 17يىلدىن كېيىن كۆرۇشكەئۈلگۈرۇپتىمەن..
كېنونى كۆرۇپ بولغاندىن كېيىن، بۇ كىنودىكى باش قەھرىمان لېيۇن بىلەن كېچىك قىزچاق ماتىلدانىڭ ھېكايىسى ۋە بۇتېراتىگىيەجەريانىغا ماھىرلىق بىلەن سىڭدۈرۈلگەن ئىنسان ماھىيىتىنىڭ نازۇك ئاۋازى قەلىبىمنى لەرزىگە سالدى.
ئەلۋەتتە، كېيىن گۇگۇلدىن بۇ كېنو ھەققىدە ماتېرىيال ئىزدەپ ئىرىشكەن ئۇچۇرلاردىن شۇ مەلۇم بولدىكى، بۇ كېنو دۇنيا مىقىياسىداتەسىر قوزغىغان، كىلاسسىك فىلىملەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا مۇيەسسەربولغان كېنو ئىكەن.
مەزكۇركېنو 1994-يىلى ئامېرىكىدا سۈرەتكە ئېلىنغان، فىرانسىيە كېنو چولپىنى Jean Reno باش رول ئالغان .كىنو قويۇلغاندىن كېيىن نۇرۇغن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە زور تەسىر قوزغىغان.
كېنودىكى لېيۇن ئادەم ئۆلتۈرسە كۆزىنى مىت قىلىپمۇ قويمايدىغان، سوغۇققان ۋە سىرلىق ئادەم، ئۇ بىر ياللانما كەسپى قاتىل . ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى شۇنچە زىرەكلىك بىلەن ئورۇندايدىغان لېيۇن ،ئەمەلىيەتتە قاپقارا ساۋاتسىزئادەم بولۇپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ تاپقان پۇلىنى بىر قەھۋە خانا خوجايىنى (لېيۇننى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچى)غاساقلاشقا بېرىپ قويۇپ، تاللا بازىرىدىن سۈت سېتىۋالغاندى كېيىن تۆۋەن تەبىقىدىكىلەر ئولتۇراق رايۇنىدىكى يالغۇزماكانىغا قايىتىپ كېلىپ ھىچقاندەك ئىش بولمىغاندەك تۇرمۇشىنى داۋام ئېتىدۇ..
بىركۈنى ئۇنىڭ بىلەن بىربىنادا ئولتۇرۇشلۇق كېچىك ماتىلدانىڭ ئائىلىسىدە دەھششەتلىك قىرغىنچلىق يۈزبىرىدۇ.ئەسلىدە ماتىلدانىڭ دادىىسى نىيۇيورك شەھىرىدىكى بىر ساقچىلاردىن تەشكىللەنگەن زەھەر گۇرۇھىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، بىرقېتىملىق مال يۆتكەشتە گۇرۇھنىڭ بىربولاق «مال»ىغا خىيانەت قىلىپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن گۇرۇھنىڭ كاتتابىشى (ساقچى باشلىقى) غەزەبلىنىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلىدۇ. پاجىئە يۈزبەرگەن چاغدا كېچىك ماتىلدا سۈت سىتىۋىلىش ئۈچۈن تاللا بازىرىغا كەتكەن بولۇپ، پاجىئەدىن ئامان قالىدۇۋە زىرەكلىكىگە تايىنىپ لېيۇننىڭ ئۆيىگە يۇشۇرنىۋىلىشقا ئۈلگۈرىدۇ.
ئائىلىسدىكىلەردىن بىراقلا ئايرىلىپ قالغان 12ياشلىق ماتىلدا بىلەن 40ياشلىق كەسپى قاتىل لېيۇن بىرئائىلە كشىلىرى بولۇپ قالغاندىن كېيىن ھېكايە رەسمىي باشلىنىدۇ..
ماتىلدا لېيۇننىڭ ئەسلىدە ئادەم ئۆلتۈرىدىغان كەسپى قاتىل ئىكەنلىكىنى بىلگىنىدە ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇشال بولىدۇ، ۋە ئۇنىڭدىن قۇرال ئىشلىتىشنى ئۆگېتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ ،چۈنكى بۇ ئۆسمۈرنىڭ قەلبىدە قىساس ئوتى، ھۇجۇدىدا يېشىغا ماس بولمىغان ئاجايىب بىر رەھىمسىزلىك ،ئەسەبىيلىك ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى.
ماتېلدا- ئەسلىدە شۇنچە شوخ بولغان بۇ سەبىي ،چىچەن ئەمما مۇھىتى ياخشى بولمىغان ئائىلىدە بىرقىسىم چوڭلاردا بولىدىغان خۇسۇسىيەتلەرنى ئۆزىمۇ بىلمەيلا يۇقتۇرۇپ ئالغان «چوڭ قىز»، ئاستا-ئاستا 40ياشلىق لېيۇننى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ ۋە لېيۇننىڭ تۇرمۇشىدا بىرقاتار ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە باشلايدۇ. لېيۇن بولسا ئۇنىڭغا قۇرال ئىشلىتىشنى ئۆگىتىدۇ، ئىككى بىرلىكتە زەھەر سودىسى قىلىدىغان شايكىلارغا تۇيۇقسىززەربىلەرنىمۇئېلىپ بارىدۇ..
ھەرئادەمنىڭ ئۆزگىچە تارىخى بولىدۇ. لېيۇن قانداق قىلىپ كەسپى قاتىل بولۇپ قالغان؟
كېنودىكى بىپەرۋا، سوغۇققان، كەمسۆز كەسپى قاتىل لېيۇن، ئاخىرى بىركۈنى كېچىك ماتىلدانىڭ ئالدىدا كۆزلىرىدىن ياش سىرغىغان ھالدا ئۆزىنىڭ بۇ كەمگىچە ھېچكىمگە بەرمىگەن سىرىنى ئاشكارىلايدۇ.
ئۇ 19يېشىدا تۇنجى قېتىم ئادەم ئۆلتۈرگەن ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغان قىزى يۇقىرى تەبىقىنىڭ قىزى بولغانلىقى سەۋەبىدىن ۋە يالاڭ تۆشنىڭ بالىسى لېيۇنغا ئاشىق بولغانلىقى سەۋەبىدىن دادىسى تەرىپىدىن ئېتىۋىلگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن لېيۇن ئۇنى ئېتىۋىتدۇۋەبۇ غايەت زورشەھەرگە قېچىپ كېلىپ، كەسپى قاتىللىق ھاياتىنى باشلايدۇ. كېنۇنىڭ مۇشۇ يىرىگە كەلگەندە ئىختىيارسىز ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا قەدەم قويىمىز، بىرپارچە مۇزنىڭ كەينىدە ئاجايىب بىر خىرە نۇرنى بايقايمىز، بۇنۇر دەل ئۇنىڭ جەمئىيەتنىڭ رەھىمسىزلىكى تەرىپىدىن يۇتىۋىتىلگەن ئەسلى ماھىيىتى ئىدى.
19يىلدىن بۇيان لېيۇن ھەركۈنى كېچىسى كارىۋاتتا ياتماي، قۇرالىنى بەتلىگىنىچە سافادا ئولتۇرۇپ ئۇخلايتى، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ نەزىرىدە پەقەت كەسپى قاتىل ئىدى خالاس ،ئەمما ماتىلدا ئۇنىڭغا مۇھەببەت بىرىۋاتتى، لېيۇننمۇ كۈنسىرى ئاللاقاچان يوقىتىپ قويغان بىرئىللىق سىزىمنى ھېس قىلىۋاتتى…
بىرى ئەمدىلا 12ياشقاكىرگەن، دەھشەتلىك بىر ۋەقەنىڭ شاھىدى، قەلبى قىساس ئىستىكى بىلەن تولغان، كىشىلىك مۇھەببەتنى چۈشەنمەيدىغان بىرسەبىي قىز، يەنە بىرى 40ياشقا قەدەم قويغان، ئىنسانى ھېسىيات ھوقۇقىدىن تالاي يىللار مەھرۇم قالغان، كۈنلىرىنى ئادەم قېنى ھىدى ئىچىدە ئۆتكۇزىدىغان سوغۇققان كەسپى قاتىل ئەمما ماتىلدائۇنىڭ ھۇجۇدىدا ئۆزى ئۇنتۇپ قالغان بىر سىزىمنى تىرىلدۈرىۋاتاتتى..
قىساس ئېلىشقا ئالدىراپ كەتكەن ماتىلدا ئىشلارنى قالايمىقان قىلىۋىتىدۇ، ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنىڭ بىر شاھىدىنىڭ تېخىچە ھايات ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ساقچى باشلىقى ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئىمكانىيەت ئىزدەۋاتقان پەيتتە لېيۇن مەيدانغا چىقىدۇ..بىرمەيدان دەھشەتلىك ئېلىشش جەريانىدا لېيۇن قالتىس ماھارىتىنى ئىشقا سىلىپ ھايات قالغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم بايقىمايدىغان قاتىل ساقچى باشلىقىمۇ ھايات ئىدى، ئۇنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلاش مۈمكىن بولمايدىغان ئىش ئىدى.
لېيۇن ئالاھىدەزەربىدارلار قىسمىنىڭ كېيىمىنى كېيىۋالغان بولۇپ، ئۇنى ھېچكىم تونۇپ قالمىغان ئىدى ،ئۇنىڭ تامامەن ھايات قىلىش، قىچىپ كېتىش ئىمكانىيىتمۇ بار ئىدى ،بىراق ئۇ باشقا بىر يولنى تاللىۋالىدۇ ،چۈنكى ئۇ ماتىلدا ئۈچۈن قىساس ئېلىشى كېرەك ئىدى.
ئۇ يۈزىدىكى نىقابىنى ئېلىپ ، ئۆزىنى ساقچى باشلىقىغا تونۇتقاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا قەدەملەر بىلەن كىشىلەر توپىدىن سۇغۇرلۇپ چىقىپ، سىرتقا، يورۇقلۇق تەرەپكە قاراپ ماڭىدۇ، قاراڭغۇ كارىدۇردىن يورۇق يولغا چىقشقا نەچچە قەدەم قالغاندا ئارقا تەرپىدىن ئوق يەيدۇ..ئارقىسىدىن غەلىبە تەنتەنىسى قىلىش ئۈچۈن يېتىپ كەلگەن تەلۋە ساقچى باشلىقى ئۇنىڭ يىنىغا كەلگەندە، ساڭا ماتىلدانىڭ بىر سوۋغىسى بارئىدى،دېگىنىچە قول بومبسىنى پارتىلىتىدۇ..
بۇ ۋاقىتتا كېچىك ماتىلدا لېيۇننىڭ بىرتەشتەك گۈلىنى چىڭ قۇچاقلىغانچە شەھەردىن ئايرىلماقتا ئىدى.
سىرلىق بىرتەشتەك گۈل بەلكىم لېيۇننىڭ يوقاتقان يېشىل چۈشلىرى بولسا كېرەك
ھېكايە شۇنداق تۈگەيدۇ، بىراق ئۇقالدۇرۇپ كەتكەن سۇئاللار قاتارىدا مېنىڭ دىققىتىمنى تارتقان بىر نەرسە بار ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭ بىرتەشتەك گۈلى . كېنودا باشتىن ئاخىر ئۇنىڭ بۇ بىرتەشتەك گۈلگە ئالاھىدە دېققەت بىرىدىغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ، ئۇ ھەركۈنى قاق سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپلا قىلىدىغان ئىشى ئاشۇ بىرتەشتەك گۈلنى بالكۇنغا ئېلىپ چىقىش بىلەن باشلىنىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا دەھشەتلىك ئىلىشش، ساقچىلارنىڭ قورشاۋىدا قالغان چاغدىمۇ بۇ بىرتەشتەك گۈلنى چاپىنىغا يۆگەپ، ماتىلدانىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ ئۇئىككىسىنى بىللە قاچۇرىۋىتىدۇ…
بەلكىم ئۇھۇجۇدى قاقاسلىشىپ كەتكەن لېيۇننىڭ يۈتۈپ كەتكەن يېشىل چۈشلىرى بولسا كېرەك؟!……..
_____________
نۆۋەتتە، بۇ كېنونىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق ياكى خەتلىك تەرجىمىسى بارمۇ-يوق، بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ، ئەمما دوستلارنىڭ مەزكۇر كېنونى بىر كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئەگەر چۈشۈرۈپ كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئادىرىسقا دېققەت قىلىڭ :
http://www.gougou.com غا كىرىپ «这个杀手不太冷 高清下载»دەپ يازسىڭىز بولىدۇ.