سىزنىڭ ئورنىڭىز: خەتكۈچ بېتى

سىز «كېنو» خەتكۈچىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

خاتىرەمدىكى سەرخىل كىنو-«بۇقاتىل ئۇنچە رەھىمسىز ئەمەس»

فېرانسىيە كېنوچولپىنى Jean Reno باش رول ئالغان كېنولارنى ياقتۇرۇپ كۆرۇپ كېلىۋاتقىنىمغا بىرقانچە يىل بولۇپ قالدى، لېكىن ئۇ رول ئالغان ئەڭ نادىرھېكايە فېلىم«بۇ قاتىل ئۇنچە رەھىمسىزئەمەس»(ئەسلى نامى:«كەسپى قاتىل لېيۇن»)نى مەزكۇر كېنو ئىشلىنىپ 17يىلدىن كېيىن كۆرۇشكەئۈلگۈرۇپتىمەن..
كېنونى كۆرۇپ بولغاندىن كېيىن، بۇ كىنودىكى باش قەھرىمان لېيۇن بىلەن كېچىك قىزچاق ماتىلدانىڭ ھېكايىسى ۋە بۇتېراتىگىيەجەريانىغا ماھىرلىق بىلەن سىڭدۈرۈلگەن ئىنسان ماھىيىتىنىڭ نازۇك ئاۋازى قەلىبىمنى لەرزىگە سالدى.

«نىيۇيۇركتىكى بەش مۇنار»فېلىمىنى ئاخىرى كۆرۈپ چىقتىم

تېخى يىقىندىلا ھىندىستاننىڭ«مېنىڭ ئىسمىم خان»فېلىمىدا-«مېىنىڭ ئىسمىم خان، مەن مۇسۇلمان ئەمما تېرۇرىست ئەمەس!»دېگەن سادانى ئاڭلىغان ئىدۇق.
مېنىڭچە بۇ بۈگۈنكى كۈندە تاشقى دۇنيانىڭ سوغۇق نەزەرى بىلەن ئىچكى قىسمىدا مۇرەككەپ نىزالارغا پېتىپ قالغان مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ئەڭ زورجامائەنىڭ يەنى تېنىچلىقنى سۆيىدىغا بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ يۈرەك ساداسى بولساكېرەك.
«نىيۇيۇركتىكى بەش مۇنار» بۇسادانى يەنە بىرقېتىم ئاڭلىتىدۇ.