سىز «تەربىيە» خەتكۈچىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!
پەرزەنت تەربىيسىى مەسىلىسىدە بىزدە جىنسىيەت تەربىيىسى كەمدىن-كەم تىلغا ئېلىنىپ كەلمەكتە. مەكتەپلەردە بولسا نۆۋەتتە بۇ ھەقتە تارقىتىلغان ئوقۇشلۇقلاركەم ،ياكى تارقىتىپلا بولدى قىلىش ،ھىچكىم بۇتەربىيىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىماسلىق ئەھۋاللىرى ئىغىر. مېنىڭ بايقىشىمچە بۇھەقتە تارقىتىلغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشلۇقلىرى بالىلارنىڭ «مەخپى كىتاب» غا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى،ساۋاقداشلىرىدىن ، ئائىلىدە ئاتا-ئانىسىدىن يوشۇرۇن كۆرۇش ئەھۋاللىرى مەۋجۈت. بۇ خىل بىنۇرمال ھادىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئەلۋەتتە مائارىپ خادىملىرىمىزدىمۇ ئەقىللىي جىنسىيەت تەربىيىسى ئۇقۇمىنىڭ كەمچىللىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
بالىسىنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئاتا بولمايدۇ، ئانامېھرىگە سېلىشتۇرغاندا، ئاتا مېھرى تېخىمۇ سىرلىق بولىدۇ.چۈنكى ئاتا بالا تۇغۇپ تەربىيىلەش جەريانىنى بىۋاسىتە بېشىدىن كەچۇرمىگەچكە، بالىغا بولغان مېھرى ئانىغا ئوخشاش شەرتسىز، سەۋەبسىز بولمايدۇ. ئوخشاشلا بالىنىڭ ئاتىغا بولغان ھېسىياتىمۇ ئانىسىغا بولغان ھېسىياتىدەك ئۇنداق قىزغىن ۋە ئاشكارا بولمايدۇ.
بالىلارغا نىسبەتەن، ئاتا قۇياشقا ئوخشايدۇ، ئەگەر قۇياش بولمىسا، بالا سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە پائالىيەتلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، ئىجتىمائىي ئالاقىدە ماھارىتى كەمچىل بولىدۇ.شۇڭا ئاتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى تەربىيىلەش، يەنى بالىغا قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىدىيىۋى مەيدانىنى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىنى تىكلەشنى ئۆگىتىش.
ئەگەر ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىسا،ياكى ئايرىلىپ تۇرىۋاتقان بولسا ،بۇ تەبىئىيلا بالىنىڭ جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىكى ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈدۇ.تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن ئائىلىلەردىن كېلىپ چىققان بالىلارنىڭ ئىچىدە %24 ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشىدەك بۇ رىئاللىقنى زادىلا قوبۇل قىلالمايدىغان بولۇپ، پىسخىكا مەسلىھەتكە موھتاج ئىكەن.ئەگەر ئاتا-ئانىسى قايتا نىكاھلانغان بولسا، ئۇندا قتا پىسخىك مەسلىھەتكە موھتاج بولىدىغان بالىلارنىڭ نىسبىتى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ %47كە يېتىدىكەن.
بىزدائىم سەبىي بالىلارنى ئاپئاق قەغەزگە ئوخشىتىمىز، ئۇنداق بولغان ئىكەن ئالدى بىلەن بالىنىڭ تۇنجى ئۇستازى بولمىش ئاتا-ئانىلاربۇ ئاپئاق قەغەزگە دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل شەيئىلەرنى سىزىشىمىزكېرەك ئەلۋەتتە.
لېكىن بىرقىسىم ئاتا-ئانىلاربۇ ئاپئاق قەغەزلەرگەنېمىلەرنى سىزىۋاتىدۇ، بالىلارئۈچۈن تۇنجى مەكتەپ بولمىش ئائىلىدە ئۇلارغا قانداق ساۋاق بىرىۋاتىدۇ؟
ئامېرىكىدىكى مەلۇم بىر ئاخبارات ۋاسىتىسى ئامېرىكىلىق ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىنى تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ 12تۈرلۈك ئائىلە تەربىيىسى قائىدىسىنى يەكۈنلەپ چىققان .
بۇ12 پرىنسىپتىن شۇنى ھېس قىلىمىزكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئائىلە تەربىيىسى بالىلىرىنىڭ ئوقۇشى ، ئۆگىنىش نەتىجىسى ،ئالى مەكتەپكە ئۆتۈش …قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز ،ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى قانداق ئادەم بولۇش . ئەخلاق ۋە ساپاغا ئېتىبار بىرىش .
تورداشلار ئاۋازى