سىز «ئائىلە» خەتكۈچىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!
ھازىرقى ئائىلە تەربىيىمىزدىكى چوڭ يوچۇقتىن بىرى شۇكى كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلاريەنىلاشۇبىرتەرپلىمەكۆزقاراش تۈپەيلىدىن پەرزەنتلەرگە جىنسىيەت تەربىيسىى ئېلىپ بېرىشنى ئويلىشىپمۇ قويمايدۇياكى بۇجەھەتتە گاڭگىراش ھالىتىدە بولىدۇ.دەل بۇخىل ھالەت ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنسىيەت ھەققىدە تۇغۇلغان سۇئاللىرىغاتورياكى ك ...
قانداق قىلغاندا بالىلارنى ماتېماتىكاتېخىمۇ يىقىنلاشتۇرغىلى،ئۇلارنىڭ ماتېماتىكىلىق تەپەككۈر قىلىشقا بولغان مايىللىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ تەبىئىي پەنلەرنىڭ بولۇپمۇ ماتېماتىكىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ يېتىۋاتقان نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار نۆۋەتتە بۇ مەسىلىگە چوقۇم قىزىقىدۇ دەپ قارايمەن.
ئەمەلىيەتتە،بۇنىڭ جاۋابى بەك ئاددى،ئەگەر سىزنىڭ بالىڭىز باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان بولسا،ئالاھىتەن يېتەكچى تەكلىپ قىلمىسىڭىزمۇ،ئۇنىڭ ماتېماتىكا سەۋىيىسىنى ، قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايسىز.
ئائىلە- جەمئىيەتنىڭ «ئاساسى ھۇجەيرىسى». 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان، پۇتكۇل دۇنيادىكى ئائىلىلەر سانى شىددەت بىلەن ئاشتى،سىتاتىستىكا قېلىنىشىچە نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئائىلىلەر سانى 1مىليارد 30مىليۇنغا يەتكەن .ئائىلىلەرنىڭ كۆلىمى كۈنسايىن تارىيىپ، نىكاھتىن ئاجرىشش نېسبىتى كۆرۇنەرلىك يۇقىرىلىغان. ئامېرىكىدا ھەر ئىككى جۈپ نىكاھلانغۇچى ئىچىدە بىرىنىڭ نېكاھ مۇناسىۋىتى بۇزۇلىدىكەن، غەربىي ياۋروپادا ئۈچتىن بىر ئائىلىدە نىكاھ كىرزىسى يۈربەرمەكتە.
كىشىلىك تۇرمۇش تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار بىلەن تولغان، ھەربىرھاياتلىق قەدىمىمىزدە بىزنى تۈرلۈك سىناقلاركۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ.يەككە شەخس مىڭ قۇدرەتلىك بولۇشىدىن قەتئىي نەزەرئۇھامان باشقىلارنىڭ قوللىشدىن ئىلھام بېرىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.شۇنى ئېتىراپ قىلىمىزكى بىز ھامان رىغبەتلەندۈرۈشكە، ئىلھاملاندۇرۇشقا موھتاج.كەلگۈسىدىكى سىناقلارغا ئاتلىنىدىغان پەرزەنتلىرىمىزتېخىمۇ شۇنداق ئەلۋەتتە.
ۋاقتىڭىزبولسا بلوگىمىزتەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ، سىزگەچوقۇم نەپ بېرەلەيدۇ..
بالىسىنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئاتا بولمايدۇ، ئانامېھرىگە سېلىشتۇرغاندا، ئاتا مېھرى تېخىمۇ سىرلىق بولىدۇ.چۈنكى ئاتا بالا تۇغۇپ تەربىيىلەش جەريانىنى بىۋاسىتە بېشىدىن كەچۇرمىگەچكە، بالىغا بولغان مېھرى ئانىغا ئوخشاش شەرتسىز، سەۋەبسىز بولمايدۇ. ئوخشاشلا بالىنىڭ ئاتىغا بولغان ھېسىياتىمۇ ئانىسىغا بولغان ھېسىياتىدەك ئۇنداق قىزغىن ۋە ئاشكارا بولمايدۇ.
بالىلارغا نىسبەتەن، ئاتا قۇياشقا ئوخشايدۇ، ئەگەر قۇياش بولمىسا، بالا سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە پائالىيەتلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، ئىجتىمائىي ئالاقىدە ماھارىتى كەمچىل بولىدۇ.شۇڭا ئاتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى تەربىيىلەش، يەنى بالىغا قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىدىيىۋى مەيدانىنى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىنى تىكلەشنى ئۆگىتىش.
ئەگەر ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىسا،ياكى ئايرىلىپ تۇرىۋاتقان بولسا ،بۇ تەبىئىيلا بالىنىڭ جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىكى ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈدۇ.تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن ئائىلىلەردىن كېلىپ چىققان بالىلارنىڭ ئىچىدە %24 ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشىدەك بۇ رىئاللىقنى زادىلا قوبۇل قىلالمايدىغان بولۇپ، پىسخىكا مەسلىھەتكە موھتاج ئىكەن.ئەگەر ئاتا-ئانىسى قايتا نىكاھلانغان بولسا، ئۇندا قتا پىسخىك مەسلىھەتكە موھتاج بولىدىغان بالىلارنىڭ نىسبىتى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ %47كە يېتىدىكەن.
ئالەم قاتناش خادىملىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا،بىرمىنۇت ۋاقىت سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىش دېگەنلىك، گېئولوگلار ئۈچۈن ئېيتقاندا،بىرمىنۇت ۋاقىت نېفىت قۇدۇقىدىن نېفىت چىقىرىش دېگەنلىك بولۇشى مۇمكىن. مانا بۇ ئۇلۇغ بىر مىنۇت. بىر مىنۇتلۇق قاتتىق يەرتەۋرەش بىر ئاۋات شەھەرنى خارابىلىققا ئايلاندۇرۇشى،بىرمىنۇتلۇق زور كەلكۈن بىپايان مۇنبەت ئېتىزلارنى ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن، مانا بۇ ۋەھىمىلىك بىر مىنۇت.بىر ئاتا-ئانا بولغۇچى،ئەگەر بۇ بىرمىنۇتتن ھوشيارلىق بىلەن جانلىق،ئەپچىل پايدىلىنالىغان بولسا، ئىنسانىيەت ئاسمىنىدابىر گۈزەل ھەسەن –ھۈسەن نۇرچاچقان بولاتتى.
بىزدائىم سەبىي بالىلارنى ئاپئاق قەغەزگە ئوخشىتىمىز، ئۇنداق بولغان ئىكەن ئالدى بىلەن بالىنىڭ تۇنجى ئۇستازى بولمىش ئاتا-ئانىلاربۇ ئاپئاق قەغەزگە دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل شەيئىلەرنى سىزىشىمىزكېرەك ئەلۋەتتە.
لېكىن بىرقىسىم ئاتا-ئانىلاربۇ ئاپئاق قەغەزلەرگەنېمىلەرنى سىزىۋاتىدۇ، بالىلارئۈچۈن تۇنجى مەكتەپ بولمىش ئائىلىدە ئۇلارغا قانداق ساۋاق بىرىۋاتىدۇ؟
تورداشلار ئاۋازى