• قوللانچى: پارول:

مەن كۆرىۋاتقان ئامېرىكا پەسىللىك تېلېۋزىيە تىياتىرلىرى

بىلىشمچە ئۇيغۇرلاردا ئامېرىكىنىڭ پەسللىك تېلېۋىزىيە تېياتېرلىرى (美剧 )نى كۆرۈش دولقۇنىنى قوزغىغىنى « تۈرمىدىن قېچش » بولسا كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن يېقىنقى مەزگىللەرگىچە باشقا ئامېرىكا تېياتىرلىرىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. يىقىندا مەلۇم بۇرادەرلەرنىڭ تەۋسىيە قىلىشى، ئۆزۇمنىڭ قىزىقىشى قاتارلىق سەۋەبلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، بىراقلا ئۈچ يۈرۈش ئامېرىكا پەسىللىك تېلېۋىزىيە تېياتىرلىرىنى باشلىۋالدىم.
بۇلارئايرىم-ئايرىم «The Walking Dead»( تىرىك مۇردىلار )، «The River »(دەريا) ، «Alcatraz»( ئالكاترازئارىلى)
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە زور قىزىقىش بىلەن«Spartacus» (سىپارتاك) نىمۇكۆرۈش نېيىتىگە كەلگەن ئەمما، بىرقىسىم كۆرسەم قان تۆكۈش بىلەن جىنسىيەتتىن باشقا مەزمۇن تاپالمىدىم.

تۆۋەندىكىلىرى مەن كۆرىۋاتقان ئامېرىكاپەسىللىك تېلېۋىزىيە تېياتىلىرىدىن قىسقا ئۇچۇرلار:

«The Walking Dead»( تىرىك مۇردىلار ) ئامېرىكىنىڭ ئاخىرزامان ۋەھىمىسى ۋە ۋەھىمىلىك كېسەللىك ئاپىتى ۋەقەلىكى تېپىدىكى فىلىملىرىگە تەۋە، كۆپ قىسىملىق تېياتىر.
ساقچى Rick Grimes بىرقېتىملىق زوراۋانلارنى توسۇپ زەربە بېرىش ۋەزىپىسىنى ئاداقلىش جەريانىدا ئوق تېگىپ يارىلىنىدۇ، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۇ ھۇشىغا كېلىپ دوختۇرخانىدائۆزىدىن باشقا ئىنسۇ-جىن قالمىغانلىقىنى بايقايدۇ. بۇزادى قانداق ئىش؟
Rick Grimes سىرتقى دۇنيادىكى دەھشەتلىك ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، ھەتتا ئۆزىنى بىر قاباھەتلىك چۈش كۆرىۋاتىمەن دەپ قالىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ كۆزئالدىدىكى قاباھەت ھەقىقەتەن يۈزبېرىۋاتقان رېئاللىق ئىدى.
ئەسلىدە، بىرخىل ۋابا تارقالغان بولۇپ، سانسىزلىغان ئىنسانلارتىرىكتاپخور موردىلارغا ئايلىنپ كەتكەن، بەخىتكە يارىشا ئامان قالغان ئازساندىكى كىشىلەربولسا ھاياتلىق ئستىكىدە موردىلاربىلەن جان تالاشماقتا ئىدى..
مەزكۇر تېياتېرنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىككى پەسىللىك توپلىمى (15قىسىم) تارقىتىلدى، بۇ نوقۇللا ۋەھمىلىك فىلىم ئەمەس، بەلكى بۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان، ئادەم قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ھېكايىلەربار. مېنىڭچە بۇ تېياتىرنى كۆرۈشكە ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ.

نۆۋەتتە مەن http://yyets.com دىن چۈشۈرۈپ كۆرىۋاتىمەن.

 


«The River »(دەريا) ناھايىتى ئۆزگىچە ئىشلەنگەن، بولۇپمۇ مېنىڭ ياقتۇرغىنىم سۈرەتكە ئېلىش ئۇسلۇبى بولۇپ، خۇددى بىرەيلەن كامىرانى كۆتۈرىۋىلىپ، نەق مەيداندىن كۆرىنىش بېرىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدىغان بولۇپ، ئۆزىڭىزنى خۇددى شۇ ۋەقەلىكلەرنىڭ نەق مەيدانىدا باردەك ھېس قىلىپ قالىسىز.
«The River »(دەريا) نىڭ ئاساسلىق ۋەقەلىك راۋاجى مۇنداق؛ ياۋايى ھايۋاناتلار تەتقىقاتچىسى، ئېكىسپېدىتسىيىچى، ھايۋاناتلارتېلېۋىزيە پىروگېرامما رىياسەتچىسى Emmet Cole ئايالىTess ۋە ئوغلىLincoln لارنىڭ ھەمكارلىقىدا، ئامازۇن ئىپتىدائى يامغۇرلۇق ئورمانلىقى ھەققىدە بىريېڭى ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، ئامازۇن ئورمانلىقىدا سىرلىق ھالدا غايىب بولۇپ كېتىدۇ. دوكتورEmmet Cole نىڭ نەزىرىدە ئامازۇنغا ئىنسانلارتېخى بىلىپ يەتمىگەن نۇرغۇن سىرلار يوشۇرۇنغان ئىدى. ئۇ غايىپ بولغاندىن كېيىن،ئ ئۇنىڭ ئايالىTess ئېرىنى ئىزدەش ھەمدە بۇتەتقىقاتنىڭ قىممىتى سەۋەبىدىن ، يەنە بىرئېكىسپېدىتسىيە ئەترىتى تەشكىللەپEmmet Cole نىڭ سەپىرىنى ئىزبىسىپ ماڭىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇلار ھەقىقەتەن ئاجايىپ سرلىق قىسمەتلەرگە يولۇقىدۇ…
ھازىرغىچە بۇ تېياتىرنىڭ بىرىنچى پەسىللىك توپلىمىنىڭ 6قىسىمى ئېلان قىلىندى.

نۆۋەتتە مەن http://yyets.com دىن چۈشۈرۈپ كۆرىۋاتىمەن.

 


«Alcatraz»( ئالكاترازئارىلى) خەنچىسىدە «恶魔岛» (ئىبلىس ئارىلى) دەپ ئېلىنغان. توردىن ئاختۇرۇپ كۆرۈشۈمچە Alcatraz ئارىلى ھەقىقەتەنمۇ مەۋجۈت جاي ئىكەن، ئەگەر مەزكۇر تېياتىرنى كۆرىۋاتقانلار بولسا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى ئىزدەپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.
فېلىم ۋەقەلىكىنىڭ راۋاجى مۇنداق: بۇنىڭدىن 50يىل ئىلگىرى سېسىق نامى پۇركەتكەن Alcatraz ئارىلى تۈرمىسىدىكى بارلىق جنايەتچىلەر ۋە تۈرمە خادىملىرىنىڭ بىرقىسمى سىرلىق ھالدا يوقاپ كېتىدۇ. 50 يىلدىن كېيىن بولسا، ئەينى ۋاقىتتا سىرلىق يوقاپ كەتكەن بىر قىسىم جىنايەتچىلەر پەيدا بولۇپ، جىنايەت سادىر قىلىشقا باشلايدۇ. تېخىمۇ سىرلىق ئىش شۇكى ئۇلارقىلچىمۇ ئۆزگەرمىگەن بولۇپ 50 يىل بۇرۇنقى ھالىتىدە ئىدى…؟
نۆۋەتتە Alcatraz نىڭ بىرىنچى پەسىللىك توپلىمىنىڭ 7 قىسمى ئېلان قىلىندى.

نۆۋەتتە مەن http://yyets.com دىن چۈشۈرۈپ كۆرىۋاتىمەن.

p.s ۋەتەن بىلوگىنىڭ نادىر كىنو-فىلىملەر ئۇچۇرلىرى ئالاقە توپىغا ئەزا بولۇڭ، توپ نومۇرى : 208689943





36 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • 恶魔岛 بەكلا ئاددىي بىلىندى ماڭا، ھەر قىسىمدا 1 مەھبۇسنى تۇتسا، ئۇنداق جىق مەھبۇسنى قانچا قسىمدا تۇتۇپ بولا؟،،،ۋوجون،،قاچان كۆرۈپ بولامىز بۇ ئۇلانما تىياتېرنى؟

    • مەنمۇ ئىككى قىسىم كۆرگەندىن كېيىن دەل سىزدەك ئويلىغان، ئەمما بىر باسقۇچ سەۋرچان بولساق بولدىغان ئوخشايدۇ.

  • ئىزىقىش نى كۆرمىدىڭىزمۇ؟ مەن ئاۋۇ «جەسەتلەر يولدا» نى ئىككى كۈن سەرىپ قىلىپ تولۇق كۆرۈپ بولدۇم، «تۈرمىدىن قېچىش» تىكى « سارا» نى دېمىگەن بولسام كۆرمەيتىم…

    • «ئىزىقىش»نى كۆرمىدىم دېسەممۇ بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنى كۆرۈش ئۈچۈن پىلاستىنكىسىنى سېتىۋىلىپ كۆرۈشكە ئۈلگۈرمەيلا، كىنو كۆرگىدەك خاتىرجەملىكتىن ئايرىلىپ قالدىم… كېيىن كۆرگۈم كەلمىدى، ھازىرغىچە تۇرىدۇ پىلاستىنكىسى.

  • walking dead ئىككى بۆلۈم كۆرۈپ بولغاندا توختاپ قالغان(بىرىنچى بۆلىمىمۇ توختاپ قېلىپ بىر يىل ساقلىغان) . 2011-يلى 11-ئايدىغۇ دەيمەن. ئۈچۈنچى بۆلۈم چىقدىما ۋەتەنجان؟ كىنو دىگەن ساقلىتا مۇشتاق ساقلىتا، مارافونچە يۈگرۈيدىغان كىنودىن خويمۇ زىرىكتىم.

    • 3-پەسىللىك توپلىمى تارقىتىلمىدى تېخى. مۇشۇنداق پەسىللىك تېياتىرلارنى بىرقانچە بۆلۈم چىقىپ بولغاندىن كېيىن ،ئاندىن ئىزقوغلاپ كۆرسەك بولغۇدەك، بولمىسا ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىۋىتىدىكەن زادى :eek:

  • دىگەندەكلا 2-27-كۈنى ئىككىنچى بۆلۈمنىڭ 10-قىسمى چىقىپتۇ. تېخى ئىككىنچى بۆلمىمى تۈگىمەپتۇ دە.
    ھازىر بۇ فىلىمنىڭ 2-بۆلۈم 10-قىسمى تىزلىكىدىكى نۇر سۈرئەتتە چۈشىۋاتىدۇ.2.0Mb/s

    • ياخشى ! مەنمۇ چۈشۈرەي ئەمىسە!

  • يەنە بىر كىنو بار ئىدى… كىلون ئادەملەر سۆزلىنىدىغان …مەن ئازىراق كۆرۈپ خوش ياقماي تاشلىۋەتكەن… ئىسمىنى دەماللىققا ئېسىمگە ئالالمىدىم… كىيىنكى ئىنكاسىمدا ئېسىمگە ئالالىشىم مۇمكىن :lol:

    • :razz: كېيىنكى ئىنكاسىڭىزنى ساقلايمىز.

  • ئۆزخان جاۋاب

    مەن ئاۋۇ مۇردىلارغا قىزىقىۋاتىمەن. بىراق بۇ قوتا توردا قانداقمۇ چۈشۇرۇپ بولارمەن. :eek: ھە راست باتۇرخان دىگەن ئىسمىمنى ئۆزخانغا ئۆزگەرتتىم، – ھە! :lol: :lol:

    • چۈشۈرمەي، توردا كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىسمىڭىزنى باتۇرخاندىن ئۆزخانغا ئۆزگەرتكىنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، بۇداقى ئىنكاسلىرىڭىزدا تۆمۇرخان، شاھرۇھخان دەپ ئۆزگەرتەمسىز نېمە؟ :lol:

    • ئۆزخان

      بەلكىم، ئەرزان تولاپ قويمىغاندىكىن ئۆزگەرتىۋىرىمەندە، كىيىن خان خان دەپ قىلىشىممۇ مۇمكىن. :lol: :razz:

  • رادىئو ھەۋەسكارى جاۋاب

    مەن چوڭ پارىتلاش نەزىريىسى(the big bang theory) بىلەن نىكىتانى(NIKITA) كۆرەۋاتىمەن ، كىيىنكى قەدەمدە ئۆمىدسىزلەنگەن خوتۇنلار (desperate house wives)نى كۆرەيمىكى دەيمەن …

    • ماڭىمۇ بىربۇرادەرئاۋۇ «چوڭ پارتىلاش» نى تەۋىسيە قىلغان ئىدى، بىرىنچى پەسىللىك توپلىمىنى چۈشۈرۈپ قويدۇم، لېكىن كۆرگىدەك بولمىدىم تېخى.

  • ش.ئە.ئۇيغۇرى جاۋاب

    مەنمۇ تىرىك مۇردىلار دېگەن كىنونى كۆرۈۋاتىمەن، ئىشقىلىپ خېلى ئىشلەپ قويۇپتۇ، قالغان فىلىملەرنى تېخى كۆرمەپتىمەن

    • ئاخشام بۇنىڭ 2-پەسللىك توپلىمىنىڭ 11-قىسمىنى كۆردۈم، ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ۋەقەلىكلەر يۈزبېرىۋاتىدۇ

  • ۋەتەنكام يۇقىردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئالدىنقى 2 فىلىمنى ئىز قوغلاپ كۆرىۋاتقىلى خېلى بولدى . قىززىق يېرى تىرىك مۇردىلارنىڭكىنى ئالدى بىلەن 2- پەسىللىك توپلىمىنى كۆرىۋېتىپ ئاندىن بىرىنچىسىنى كۆردۈم ، مۇشتا قىلسىمۇ خېلى ياخشى چىقىدىكەن …. ئا دەريا نىڭ 4- قىسىمىغا كەلگەن بۈگۈن كۆرەي ئاخىرىنى …. ئىبلىس ئارىلى دىگەن فىلىمغا سىزنىڭ تەسىراتىڭىزنى ئوقۇپ تازا قىززىققانتىم ، ئې سەرالىق تومپاي بىر قىسىملا قىپ قويدى ، كۆرسەم بولامۇ يا ؟

    • مېنىڭچە كۆرسىڭىز بولىدۇ، ئاستا-ئاستا قىزىيدىغىنىدەك قىلىدۇ بۇ.

  • «تېررورلۇققا قارشى يەتمىش توققۇز سائەت ئورۇش»نى كۆرۈپ بولاي جۇما … :eek:

    • بۇ قايسى تېياتىر بولۇپ كەتتى ئەمدى؟

  • «تىرىك مۇردىلار» دېگەن ت ۋ تېياتىرنى كۆرگەنچە نېمە دىمەكچى بولغىنىنى ھېس قىلىۋاتىمەن . بۇ ئەمەلىيەتتە ئىنساننىڭ ماھىيىتى ۋە روھىيىتىدىكى توقۇنۇشلارنى يورۇتۇپ بەرمەكچى بولغان ھېكايىكەن.
    ئالدى كۆرۈنۈش:
    1.مەلۇم ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان جەسەتلەرنىڭ غەيرى تىرىلىپ يىرتقۇچقا ئايلىنىشى
    2.تىرىك ئىنسانلارنىڭ ئۈمىدسىزلىككە پاتقانسىرى تىرىك مۇردىغا ئايلىنىپ قىلىۋاتقانلىقى.
    سەل ئىنىقراق كۆرۈنۈش:
    ……. بىرتەرەپتە ۋىرۇسلانغان جەسەتلەر ئاڭدىن مەھرۇم ھالەتتە ئىنسانلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، يەنە بىرتەرەپتە تىرىك ئىنسانلارئاڭلىق ھالدا بىر-بىرىگە زىيانكەسلىك قىلىۋاتىدۇ.بارغانسىرى ئىككى توپنىڭ پەرقى قالمىدى.

  • oghuzhan جاۋاب

    نىمە ئۈچۈن قان ‹‹شورىغۇچنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى››نى كۆرمەيسىلەر؟‹‹تۈرمىدىن قېچىش››تىن كېيىن ئىشلىنىۋاتقان ئەڭ ئېسىل تېلىۋېزىيە تىياتىرى.ھازىر 3- پەسىلدىكى قىسىملىرىنى تارقىتىۋاتىدۇ.نىكىتا بىلەن سىپارتاكمۇ ياخشى ئىشلەنگەن تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىكەن.مەن مۇشۇ 3 تېلىۋېزىيە تىياتىرىنى نۆۋەت بىلەن كۆرۈۋاتىمەن.

    • بۇلارنىمۇ كۆرۇپ باقايلى

  • oghuzhan جاۋاب

    ۋەتەن بىلوگىدا ئىنكاس يازغاندا ،نىمە ئۈچۈن لاتىنچە ھەرپلەرنى كىرگۈزگىلى بولمايدۇ؟

  • oghuzhan جاۋاب

    ۋەتەن بلوگىغا بىر ئاي كىرەلمەي قالغىنىمغا،ئەزالىقتىن ئۆچۈرۈۋېتىپسىلەر.بلوگنىڭ تۈزۈمى شۇنداق ئوخشىمامدۇ؟يەنە ئوخشاش نام بىلەن قايتىدىن كىردىم.

  • oghuzhan جاۋاب

    مەن باش سۈرىتىمنى چىقىراي دېگەن.قانداق قىلسام چىقىرالايمەن؟

  • بودەك جاۋاب

    ۋەتەنكامنىڭمۇ بىلوگىنى دائىم كورۇپ تۇرۋاتىمە ! پېچەت يازمىلار بار جۇمۇ كۇندە بىر يوخلىمىسام ئىچىم سىقىلىدىغان بوپ قالدى (بۇ مىنىڭ تۇنجى ئىنكاسىم)
    مەن ئەمسە (تىرىك مۇردىلار)نى كۇرۇشتىن باشلاي

  • torbajin جاۋاب

    قېنى ئەمسە مەنمۇ كۆرۈپ باقايچۇ!

  • بىلسەبىر جاۋاب

    سىزنىڭ بىر كۉندە 48 سائەت ۋاقتىڭىز بارمۇ نىمە؟ قايسى ۋاقتلاردا شۇنچە كۆپ ئىشلارنى قىلىپ بولۇپ يەنە كىنۇ كۆرۉشكە ۋاقىت چىقىرىسىز. :?:

    • ئۇخلايدىغان ۋاقتىمغا خىيانەت قىلىمەن :x

  • تىرىك مۇردلارنىڭ 2-بۆلۈم ئاياغلاشىتى. ۋەھشىغۇ؟ ماۋۇ رىك ئاغىنىسىنى ئامالسىزلىقتىن ئۆلتۈرۈپ قويدى ھە!
    3-بۆلۈم 16 قىسم، 9 ئايدا چىقىدۇ دەيدۇ. ماۋۇ بىر توپ ئادەملەر يايلاقتىكى ئۆيدىن چىقىپ تالاتا قالدى، ئەمدى تۈرمىنىىڭ ئىچىنى ماكان قىلارمۇ؟)تۈگەي دىگەندە تۈرمىنىڭ قورشاۋ تېمىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ( قوش شەمشەرلىك ئاداش كىم؟ كىيىنكى بۆلۈم ۋەھشى قىزىيدىكەن دە……….ئەمدى 9-ئايغىچە ھەبتىدە بىر سائەت كۆرىدىغان كىنومۇ يوق بولدى، بۇمۇ بولغىنى ھەپتىدە بىر سائەت ۋاقىت چىقىرپ بىلوگ ئويناي ئەمدى.

    • شۇنى دەيمەن 9-ئايغىچە ساقلامدۇق ئەمدى؟ مەن ۋاقىت چىقىرىپ بۇ تىياتىر ھەققىدىكى ئويلىرىمنى يېزىپ باقاي

  • ئۆزخان جاۋاب

    ‹شورىغۇچنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى› نى خەنچە ياكى ئىنگىلىسچە نىمە دەيتى؟ :?:

    • ئېنگىلىزچىسى«Vampire Diaries» ، خەنچىسى «吸血鬼日记»

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif