«ئوقۇغۇچى ئۇخلىيالايدىغان دەرسخانا -ئەڭ ياخشى دەرسخانا.» بۈگۈن مەن كۆرگەن بىر خەن تىلىدىكى مائارىپ مىكرو بلوگىدابۇ گەپ ئۈستىدە تالاش-تارتىشلار بولدى.
ئارقا كۆرۈنۈش :
پىرۇفىسسۇر دەرس سۆزلەپ كېلىپ تازا يۇقىرى پەللىگە چىققاندا، توساتتىن ئارقا رەتتىكى بىرەيلەننىڭ بەخىرامان ئۇيقۇغا كەتكەنلىكىنى بايقاپ قالدى-دە،ئىمانى قىرىق گەزئۆرلىگەن ھالدا ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىنى ئۇنى (ئۇخلاۋاتقان ئوقۇغۇچىنى) ئويغىتىپ قويۇشتا بۇيرىدى.
لېكىن، ئويلىمىغان يەردىن ھېلىقى ئوقۇغۇچى ئىنتايىن ئىرەڭسىزبىر ھالەتتە، پىرۇفىسسورغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
—«ئۇنى ئۆزىڭىزئۇخلىتىپ قويغاندىن كېيىن، ئۆزىڭىز ئويغاتمامسىز!؟»