• قوللانچى: پارول:

تەڭرى نېمىشقا ياخشىلارنى مۇكاپاتلىمايدۇ

1963-يىلى مارى. بەننى ئىسىملىك قىزچاق «چىكاگو مۇنبىرى گېزىتى» گە خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئاپىسىغا ياردەملىشىپ پېچىنە پىشۇرۇپ،تاماق شىرەسىگە قويغان ۋاقتىدا پەقەت« ياخشى بالا» دېگەن قۇرۇق ماختاشقا ئېرىشىدىغانلىقىنى، لېكىن گەدەنكەشلىكتىن باشقىنى قىلالمايدىغان دەننىي (مارىنىڭ ئىنىسى ) نىڭ دائىم پېچىنىگە ئېرىشىدىغانلىقانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئادالەتسىزلىكنى چۈشەنمىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇئۆز نەزىرىدىكى« بىلمەيدىغىنى يوق» سېلر.كۇستېر ئەپەندىدىن شۇنداق سوئاللارنى سورايدۇ: تەڭرى راستىنلا ئادىلمۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ ئائىلە ۋە مەكتەپلەردىكى ماڭا ئوخشاش ئادىل مۇئامىلىگە ئېرىشەلمىگەن بالىلارنى ئۇنتۇپ قالىدۇ؟

سېلر.كۇستېر ئەپەندى، «چىكاگومۇنبىرى گېزىتى» نىڭ بالىلار سەھىپىسى باشقۇرغۇچىسى بولۇپ، ئون يىللاردىن بىرى، بالىلاردىن شۇخىلدىكى«  تەڭرى نېمە ئۈچۈن ياخشىلارنى مۇكاپاتلىمايدۇ، يامانلارنى جازالىمايدۇ ؟»دېگەندەك مەزمۇندىكى خەتلەرنى كۆپ قېتىم تاپشۇرۇپ ئالغان.
ھەرقېتىم بۇخەتلەرنى ئوقۇغىنىدا ئۇنىڭ قەلبى تىمتاسلىققا چۆمەتتى، چۈنكى ئۇ بۇخەتلەرگە نېمە دەپ جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلەلمىگەن ئىدى.
شۇ قېتىم، ئۇ مارىنىڭ خېتىگە نېمە دەپ جاۋاپ قايتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقىنىدا، بىر دوستى ئۇنى توي مەرىكىسىگە تەكلىپ قىلىدۇ.
ئۇ بىرئۆمۈر شۇ قېتىمقى توي مەرىكىسىگە چىن رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى شۇ توي مۇراسىمىغا قاتنىشىۋاتقانىدا ئۇ بالىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب تاپقان ئىدى، يەنە كېلىپ بۇ جاۋاب بىر كېچىدىلا دۇنياغا تونۇلدى.
ئۇنداقتا ئۇ توي مۇراسىمىدا سېلر.كۇستېر ئەپەندى قانداق جاۋاب تاپتى؟
باستېر توي مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ بولغاندىن كېيىن، قىزبىلەن يىگىت ئۆز-ئارا توي ئۈزۈكى تەقدىم قىلىشىدۇ، لېكىن ئۇلار تەمتىرىگىندىن ئۈزۈكلەرنى قارشى تەرەپنىڭ ئوڭ قول بارماقلىرىغا سېلىشماقچى بولىشىدۇ. بۇچاغدا باستېر چاقچاق قىلىپ: «مېنىڭچە ئوڭ قولۇڭلار يېتەرلىك مۇكەممەللىككە ئىگە بولۇپ بولغان، ئەڭ ياخشىسى ئۈزۈكلەربىلەن سول قولۇڭلارنىڭ بارماقلىرىنى بېزەڭلار… » دەيدۇ.

باستېرنىڭ بۇ چاقچىقى راستىنلائۇنىڭ كۆڭلىنى پاللىدە يورىتىۋەتكەن ئىدى. ئوڭ قول ئەسلىدىلا ئىنتايىن مۇكەممەل، ئۇنى زىبۇ-زىننەتلەر بىلەن بېزەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەتىراپىمىزدىكى ئەشۇ ئەخلاق، پەزىلەت ئىگىلىرى دائىم نەزەردىن چۈشۈپ قالىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ يېتەرلىك مۇكەممەلىكىدىن كېلىپ چىققان ئەمەسمۇ؟
سېلر.كۇستېر ئەپەندى كېيىن بۇ ھەقتە مۇنداق يەكۈن چىقىرىدۇ: تەڭرى ئوڭ قولنى ئوڭ قول قىلىپ ياراتقان، بۇ ئوڭ قولغا بېرىلگەن ئەڭ چوڭ مۇكاپات، شۇھېكمەت بويىچە بولغاندا ئاق كۆڭۈل ئادەملەرنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى تەڭرىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن ئەڭ چوڭ مۇكاپاتى.

سېلر.كۇستېر بۇ قائىدىنى بايقىغاندىن كېيىن، قاتتىق ھاياجانلىنىدۇ، ئۇ « تەڭرى سىزنى ياخشى بالا قىلىپ ياراتقان، مانا بۇ سىزگە بېرىلگەن ئەڭ چوڭ مۇكاپاتتۇر » دېگەننى باش تېما قىلىپ، تېزدىن مارىغا جاۋاب خەت يازىدۇ ۋە «چىكاگو مۇنبىرى گېزىتى » دە ئېلان قىلىدۇ، بۇخەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇزاق ئۆتمەي ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى مىڭدىن ئارتۇق گېزىتتە كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىنىدۇ ھەم ھەر قېتىملىق بالىلار بايرىمىدا بۇخەت داۋاملىق بېسىلىدۇ.

خەنلەردە: ياخشىلىقنىڭ ياخشىلىق جاۋابى، يامانلىقنىڭ يامانلىقتۇر جاۋابى، گەرئۇنداق بولمىسا، كەلمىگەندۇر دەل ۋاقتى دېگەن گەپ بار، بىز دائىم يامانلارنىڭ جاجىسىنى يېمەيۋاتقانلىقىدىن زارلايمىز، لېكىن بۇ قانۇنىيەت بىزگە ئەسكەرتىدۇكى، ئۇلارنىڭ يامان ئادەم بولۇشى تەڭرىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن ئەڭ چوڭ جازاسى.

خەنچە« ئادەم» تورىدىن تەرجىمە قىلىندى





5 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئەجەپ ياقتى ماۋۇ يازما… مەن زاماندىن ئانچە-مۇنچە زارلاپ قوياتتىم، ئەمما چىن كۆڭلۈمدىن ئەمەس. ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ!

  • torbajin جاۋاب

    ياخشىلىق دىگەن مىھنەتسىز، داغا- دۇغىسىز بۇلىدۇ.باشقىلاردىن يانغان ياخشىلىق ۋە رەھمەتنىڭ ئۆزى مۇكاپات.

  • بىغەم جاۋاب

    سېلر.كۇستېر دىگەن بۇ ئادەم كىتابنى كۆپ ئوقۇمايدىغان ئادەم ئوخشايدۇ.
    شەيخ سەئدىنىڭ «گۇلىستان» ناملىق كىتاۋىدا مۇشۇ ھەقتە بىر ھىكايەت بار. بەزىلەر بىر دانىشمەندىن: ئۈزۈكنى نېمە ئۈچۈن سول قولىمىزغا سالىمىز؟- دەپ سورىغاندا، دانىشمەن: ئوڭ قولغا ئۇنىڭ ئوڭ بولغانلىقى يېتەرلىك دەپ جاۋاب بەرگەن.

  • مىھراي جاۋاب

    نىمانداق ياخشى تېما بۇ، قۇلىڭىزغا دەت بەرمىسۇن ئاللاھىم!

  • چوڭ زىرەك جاۋاب

    ھەقىقەتەن ياخشى گەپكەن. بىزدەك سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ ئۆگۈنۈشى ئارقىدا ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ مۇكاپاتلىغاندا، ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارغا بېرىدىغان تەسەللىسىگە بەكمۇ ماس كەلگۈدەك.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif