شۇنداق قىلىپ، 2011-يىللىق «ئۇيغۇرلاردىكى 10نادىربىلوگنى تاللاش» پائالىيىتى ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا، يەنى بېلەت تاشلاش باسقۇچىغا قەدەم قويۇپتۇ. قىزىق يىرى، مېنىڭ ئويلىغىنىمنىڭ ئەكسىچە پېقىرنىڭ بۇ قۇرۇق گەپ ئۇۋىسىمۇ بېلەت تاشلاش باسقۇچىغا ئۇلىشىپتۇ، بۈگۈن يۈكسەل بىلوگىدا ئېلان قىلىنغان ھەل قىلغۇچ چەمبىرىكىگە كىرگەن 20بىلوگنىڭ تىزىملىكىنى كۆرۈۋېتىپ سەككىزىنچى ئورۇنغا كەلگەندە كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم! دەرۋەقە ۋەتەن بىلوگى 604.6 نومۇر بىلەن8-ئورۇنغا تېزىلغان ئىدى…
راستىمنى ئېيتسام بۇ پائالىيەتتە پېقىرنىڭ بىلوگى تورداشلار تەرىپىدىن ھەتتاكى نامزاتلىققىمۇ كۆرسىتىلمەسمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىمكى، بۇ باسقۇچقا ئۇلىشىدىغىنىنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلمىغان ئىدىم، چۈنكى بىريىلدىن بۇيان خىلى كۆپ ۋاقتىمنى بىلوگقا بېغىشلىغىنىم، ئاز-تولا ئەمگەك قىلغىنىم ئۆزۈمگە ئايان بولسىمۇ، ئەمما تەشۋىق قىلىش دېگەندەك ئىشلارغا قىلچىمۇ كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىم، بۇسەۋەبلىك تېخى مۇتلەق كۆپ تورداشلارنىڭ بۇ توركۈلبەمنى بىلمەيدىغانلىقىنىمۇ ئىنىق بىلەتتىم . ئۇنىڭ ئۈستىگە توردۇنياسىدا كۆپلىگەن تورداشلار بىۋاستە نەپ بېرىدىغان تېخنىكا-ھۆنەربىلوگلىرىنى، كۆڭۈلگە ئازادىلىك تەقدىم ئېتىدىغان راھەت مەزمۇنلاربىلەن تولغان بىلوگلارنى بەك ياقتۇرىدۇ، بەك يوقلايدۇ….
ھىم، قارىغاندا بىر يىلدىن بېرى ئۆزۈمنى قۇرۇق گەپ ساتتىڭ دەپ ئەيىبلەپ كەلگىنىم توغرا بولمىغاندەك قىلىدۇھەم تورداشلارنىڭ تورزىيارەت قىلىش مەۋقەسىنى تەھلىل قىلىشىممۇ زامان كەينىدە قالغاندەك قىلىدۇ. قىسقىسى بۈگۈن كۆرگەن نەتىجە ئاللاقاچان كۈتكەن يېرىمدىن ھالقىپ كېتىپتۇ، مەيلى ئاخىرقى باسقۇچتا«10 نادىربىلوگ» قاتارىدىن ئورۇن ئالاي ياكى سىرتىدا قالاي بۇ بەرىبىر ، ئىشقىلىپ بۈگۈن بىريىلدىن بۇيان كېچىلىرى بىلوگ يازىمەن دەپ مۈكچىيىپ ئولتۇرغاننىڭ ھاردۇقى چىققاندەك بولدى.
ئاخىرىدا، بارلىق ئوقۇرمەنلىرىمگە يېڭى يىللىق سالام يوللايمەن، ھەمدە بىريىلدىن بۇيان بىلوگىمنى زىيارەت قىلىۋاتقان، سەمىمي پىكىرلىرىنى ئېرىنمەي ئوتتۇرىغا قويىۋاتقان تورداشلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
ھۆرمەت بىلەن : ۋەتەن
قوشۇمچە: 2011-يىللىق «ئۇيغۇرلاردىكى 10 نادىر بىلوگ» نى تاللاش پائالىيىتى بۇيىل 3-يىلىغا قەدەم قويدى، بۇيىل رىقابەت ئىنتايىن كەسكىندەك قىلىدۇ. نامزات بىلوگلارنىڭ تېزىملىكىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى نامزاتلارنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى نۆۋەتلىكلەردە يۇقىرى قوللاش نىسبىتى بىلەن نادىر بىلوگ بولغان بىلوگلاردىن ھەم جەمئىيىتىمىزدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بەزى مۇتەخەسسلىرىمىزنىڭ بىلوگلىرىغىچە بار بولۇپ پائالىيەتنىڭ بىرجەھەتتىن پىشىپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولسا يەنە بىرجەھەتتىن ھەقىقىى بىلوگېر بولۇشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى، بىلوگ ئېلان قىلىشنڭمۇ ئۆزىگە يارىشا ئىجدىمائى مەسئۇلىيتىنىڭ مەۋجۈتلۈكىنى ، ئۇيغۇرتورداشلارنىڭمۇ تورئارىلاش ساپاسىنىڭ كۈندىن -كۈنگە ئېشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇردى.
ئەگەر بۇ پائالىيەتكە قىزىقسىڭىز ياكى بىلوگىمنى قوللىسڭىز تۆۋەندىكى مەنزىللەرگە كىرىپ بېلەت تاشلىسىڭىز بولىدۇ:
پائالىيەت ئورگان بېكىتى : يۈكسەل بىلوگى
بىلەت تاشلاش نۇقتىلىرى :
ئىزدىنىش تورى
مىسرانىم تورى
بىلىك تورى
نۇرقۇت تورى
كىرورەن تورى