يېقىندا بىر تونۇشۇمنىڭ ھاۋالىسى بويىچە توردىن ئىسلامى يۇمشاق دېتاللارنى ئىزدەۋېتىپ how do ipray (مەن ئبادەتنى قانداق قىلىمەن؟)ناملىق بىر توربېكەتنىڭ شۇ نامدا تارقاتقان فلەشتە ياسالغان نامازئۆگېنىش پروگراممىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. بۇ دېتال ھەقىقەتەنمۇ ئەتراپلىق ۋە يىغىنچاق تۈزۈلگەن بولۇپ، كۆپ ۋاسىتە شەكلى قوللىنىلىپ ئاۋاز ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق ئۆگەنگۈچىگە قولايلىق ياراتقان. ئۆگەنگۈچى ئاۋاز غا ئەگىشىپ ناماز سۈرىلىرىنى ئۆلچەملىك ئوقۇشنى ۋە كارتۇن مودېلغا ئەگىشىپ ناماز ھەرىكەتلىرىنى توغرا ئورۇنداشنى ئىگىلەش بىلەن بىرگە يەنە ناماز سۈرىلىرىنىڭ ئوقۇلۇشى بىلەن ماس قەدەمدە كۆرۈنىدىغان تەرجىمسىىدىن مۇناسىۋەتلىك سۈرىلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەلەيدۇ(ئەلۋەتتە، نۆۋەتتە ئېنگلىزچە تەرجىمىسى بىرىلگەن)
مەن توردۇنياسىدا بۇنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان نۇسخىسىنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىلەلمىدىم، ئەگەر قايتا ئەمگەك قىلمايدىغانلىقىم جەزىملىشىپ قالسا، بۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ دوستلارغا تەمىن ئىتىش نىيىتىم بار…
دېتالنى سىناپ بېقىڭ:
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
ئۈستۈنكى سىتۇن سولدىن ئوڭغا تېزىلغان تېزىملىك بولسا بەش ۋاق نامازنىڭ ناملىرى ۋە تەرتىپى بولۇپ، مەلۇم بىرىنى چىكىش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئۆگىنىش مەزمۇنىنى باشلايمىز.
تېزىملىك ئىستۇنىنىڭ تۆۋىنىگە جايلاشقان مەزمۇن رايۇنىدا ئو تەرەپتە ناماز ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان كارتۇن مودىل چىقىدۇ، سول تەرەپتە ئۈستۈنكى قەۋەتتە سۈرە مەزمۇنى ،تۆۋىنىدە ئېنگىلىزچە تەرجىمىسى ماس قەدەمدە ھازىرلىنىدۇ.
ئەڭ تۆۋەندە قويۇش ۋە تورمۇزلاش كۇنۇپكىلىرى جايلاشقان.