• قوللانچى: پارول:

Harland Sanders :پەقەت بىرقېتىم مۇۋاپىقىيەت قازانسىڭىزمۇكۇپايە

پەقەت بىرقېتىم ئۇتۇق قازانسىڭىزمۇ كۇپايە
ۋەتەن تەرجىمىسى

بىركىشى ھاياتىدا توپتوغرا 1009قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان . بىراق ئۇ «پەقەت بىرقېتىم ئۇتۇق قازانسىڭىزمۇ كۇپايە»دەيدۇ . بەش ياش چېغىدا ،ئۇنىڭ دادىسى كېسەل تۈپەيلىدىن ئالەمدىن ئۆتىدۇ ،بىردىن -بىر يۆلەنچۈكىدىن ئايرىلغان غۇربەت ئائىلىدە ،ئانا سىرتتا ئىش ئىزدەپ چېپىپ يۈرۈشكە ،بۇ بەش ياشلىق بالا بولسا ئۆيدە ئىنى-سىڭىللىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ ،ئۇ شۇ يېشىدا ئۆزى تاماق تەييارلاشنى ئۆگىنىۋالىدۇ . ئون ئىككى ياش چېغىدا ،ئۇنىڭ ئانىسى قايتا نىكاھلىنىدۇ ،ئۆگەي دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان مۇئامىلىسى بەكلا ناچار بولۇپ،ئانىسى ئۆيدە بولمىسىلا ئۆگەي دادىسى ئۇنى دۇمبالايتى . ئون تۆت يېشىدا ئوقۇشتىن چېكىنىپ ،سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشلىغان . ئون ئالتە يېشىدا يىشىنى يالغان مەلۇم قىلىپ ،يىراققا يۇرۇش قىلىش ئارمىيىسىگە قاتناشقان بولسىمۇ ،پاراخۇتتا بېشى قايىدىغان بولغاچقا قىسىمدىن قايتۇرۇۋىتىلگەن . ئون سەككىز يېشىدا ئۇ توي قىلغان ،لېكىن پەقەت بىرقانچە ئاي ئۆي تۇتقاندىن كېيىن ئايالى بارلىق ئائىلە بىساتىنى سېتىۋېتىپ قېچىپ كەتكەن . يىگىرمە يېشىدا ئۇ توكچى ، كېچىك كېمىسى ھەيدىگۈچى ۋە تۆمۈر يول ئىشچىسى بولغان بولسىمۇ بۇ ئىشلىرىمۇ ئۇتۇقلۇق يۇرۇشمىگەن . ئوتتۇز يېشىدا ،سۇغۇرتا شىركىتىدە ،سۇغۇرتا تونۇشتۇرغۇچى بولۇپ ئىشلەيدۇ ،بىراق مۇكاپات مەسىلىسى ئۈستىدە خوجايىن بىلەن قىزىرىشىپ قىلىپ خىزمىتىدىن ئىستېپا بىرىدۇ . ئوتتۇز بىر يېشىدا ، ئۆزلۈكىدىن قانۇن ئۆگىنىدۇ ۋە دوستلىرىنىڭ مەدەت بېرىشى ئاستىدا ئادۋوكاتلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .بىراق بىر قېتىملىق سوت مەيدانىدا باش سوتچىنى ئۇرۇپ قويىدۇ . ئوتتۇز ئىككى يېشىدا ،ئۇ پۈتۈنلەي ئىشسىز قىلىپ ،ئىنتايىن جاپالىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ . ئوتتۇز بەش يېشىدا يەنە بىر قېتىملىق بەختسىزلىك يۈزبىرىدۇ ،ئۇ كىرا ئاپتۇمۇبىلى ھەيدەپ بىر چوڭ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقىنىدا كۆۋرۈكنىڭ پولات ئارغامچىسى ئۈزۈلۈپ كېتىپ ، ماشىنىدىكى بارلىق يولۇچى بىلەن بىرگە دەرياغا چۈشۈپ كىتىدۇ دە ،ئېغىر يارلىنىدۇ . قىرىق يېشىدا ،ئۇ بىر بازاردا كېچىك مەيخانا ئاچىدۇ ،مەيخانسىىنىڭ ئاسما ۋىۋىسكىسى چۈشۈپ كېتىپ ،دەل ئۇنىڭ سودا رىقابەتچىسىنى يارىلاندۇرغانلىقى سەۋەبلىك بىرمۇنچە دىشۋارچىلىق تارتىدۇ . قىرىق يەتتە يېشىدا ،ئۇ ئىككىنچى قېتىملىق ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ ،نىكاھ ئىشىدا يەنە زەربىگە ئۇچرايدۇ . ئاتمىش بىر يېشىدا ،ئۇ پارلامېنت ئەزالىق سايلىمىغا قاتنىشىپ مەغلۇپ بولىدۇ . ئاتمىش بەش يېشىدا ، ھۆكۈمەتنىڭ يول ياساش قۇرۇلۇشىغا تاقىشىپ قالغانلىقتىن ئۇنىڭ ئەمدىلا سودىسى قىزىۋاتقان رېستورانى چىقىلىپ ،بارلىق سايمانلىرىنى ئەرزان باھادا سىتىۋىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ . ئاتمىش ئالتە يېشىدا ، ئۇ جان بېقىش يولىدا، ھەرقايسى جايلاردىكى چوڭ -كىچىك رېستۇرانلاردا ئۆزىنىڭ توخۇ كاۋىپى پىشۇرۇش تېخنىكىسىنى تونۇشتۇرىدۇ . يەتمىش بەش يېشىدا ،ئۇ ئۆزىنىڭ توخۇ كاۋىپى پىشۇرۇش جەھەتتە ياراتقان ماركىسى بىلەن پاتېنت ھوقۇقىنى سىتىۋىتىشنى قارار قىلىدۇ ،ئۇنىڭ خوجايىنى ئۇنىڭغا شىركەت پىيىنىڭ بىرقىىسمىغا تېگىشىش تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ،بىراق ئۇ رەت قىلىدۇ .ئەپسۇس ،ئاز ۋاقىتتىن كېيىن بۇ شىركەتنىڭ پىپى شىددەت بىلەن ئۆرلەيدۇ ، ئۇ خوجايىننىڭ تەلىپىنى رەت قىلمىغان بولسا مىليۇنىرغا ئايلانغان بولاتتى . سەكسەن ئۈچ يېشىدا ،ئۇ يەنە بىرقېتىم تېز تاماقخانا ئاچىدۇ ،بىراق ئۇزاق ئۆتمەي ،باشقىلارنى سودا تاۋار ماركىسىغا دەخلى قىلدى دەپ دەۋا قىلىدۇ . سەكسەن سەككىز يېشىدا ،ئۇ ئاخىرى ئۇتۇق قازىنىدۇ ، ئۇنىڭ نامى پۈتكۈل دۇنياغا تارقىلىدۇ . بۇكىشى دەل ھازىر ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان كېندىچى ماركىسىنىڭ ياراتقۇچىسى Harland Sanders ئىدى .ئۇ دائىم مۇنداق دەيدۇ :« كىشىلەر دائىم ھاۋارايىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىدىن ئاغرىنىدۇ ، ئەمەلىيەتتەھەرگىزمۇ ھاۋارايى ناچار ئەمەس ، ئادەم پەقەت ئۆزىگە تولۇپ -تاشقان ئىشەنچ بىلەن قارىغاندىلا ھارارايى كۈندە ياخشى بولىدۇ »

بۇ ماقالە خەنزۇچە«ئوقۇرمەن » تورژورنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى





5 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • يۈكسەل بلوگى ئۆزىنىڭ يېقىن دوستى بولغان ۋەتەن بلوگىنىڭ رەسىمىي نەشىر قىلىنغانلىقىنى قىزىن قۇتلۇقلايدۇ! يېڭى تورنام ، يېڭى ئۇسلۇپ، يېڭى پروگىرامما ، يېڭى باشلىنىش، قۇتلۇق قەدەم … ۋەتەن بلوگىغا زور مۇۋەپپەقىيەتلەر نىسىپ بولسۇن!

    • weten

      ئىزگۈ تىلەكلىرىڭىزگە تەشەككۇر يۈكسەل بەي ! دوستلارغا ئايرىم بىر داستۇرخان سىلىپ چايغا تەكلىب قىلىشىم نىيىتىم بار :razz:

  • شاھ ئۇيغۇر بلوگى ۋەتەن بلوگىنىڭ يېڭى قۇرۇلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ، بىلسەم ئىككىمىز ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش كىشىنىڭ ياردىمىدە بىرگە ۋوەردپرەسكە ئىلتىماس قىلغانلاردىن ئىكەنمىز، بولسا بىرلىكتە تىرىشايلى، سىزنى ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم، ھەمكارلىشىپ تۇرايلى

    • weten

      سىزگىمۇ كۆپ تەشەككۇر ! ھەمكارلىقىمىز مېۋە بەرگەي ! ;-)

  • It’s really a nice and helpful piece of information. I’m glad that you shared this helpful info with us. Please keep us informed like this. Thanks for sharing.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif