• قوللانچى: پارول:

سىتىفېن. خاۋكىڭنىڭ تەسۋىرىدىكى تاشقى پىلانىتلار

سىتىفېن .خاۋكىڭ(1942-)

سىتىفېن .خاۋكىڭ ( Stephen William Hawking ) بۈگۈن ھەممىگە تونۇشلۇق رىۋايەت تۈسدىكى زات بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ نۇرغۇن پاراڭلىرىنى چۈشۈنۈپ كەتمىسەممۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ئائىت ئۇچۇلار يولۇقۇپ قالسىلا كۆرۈپ چىقىمەن.
يېشى 70 كە يېقىنلىشىپ قالغان، ھەرىكەت نىرۋىلىرى پارالىچلانغان بۇ نەزەرىيىۋى فېزىكا ئالىمى ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ «خاۋكىڭنىڭ ھەمرالىقىدا ئالەمنى چۈشۈنۈش » ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى تاماملىغان بولۇپ،ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى تاشقى پىلانت جانلىقلىرىنىڭ رۇخسارىنى نامايەن قىلپ بەرگەن.
ئۇ ئالدى بىلەن تاشقى پىلانت جانلىقلىرىنىڭ مەۋجۈت ئىكەنلىكى تەستىقلىشىدىكى باھانىلىرىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
«ئالەمدە تەخمىنەن 100مىلياردتىن كۆپ يۇلتۇزلار سىستېمىسى باربولۇپ، ھەربىر يۇلتۇزلار سىستېمىسىدايۈزمىليۇنلىغان تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئورۇن ئالغان. شۇڭا يەرشارىغا ئوخشاش ھاياتلىق ئىمكانىيىتى بولغان سەييارىلەر مەۋجۈت دەپ ئېيتىشقا تامامەن بولىدۇ،دېمەك تاشقى پىلانىت ئادەملىرى نامىغا مۇجەسسەملەنگەن تاشقى پىلانىت جانلىقلىرىمۇ رىۋايەت ئەمەس.»
ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ:
«ماتېماتىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، غايەت زورسانلار ئارقىلىق تاشقى پىلانت جانلىقلرىنىڭ مەۋجۈتلۈكىنى ئىپادىلەش ئاقىلانىلىق. نۆۋەتتە ھەقىقى تۈردە جەڭ ئېلان قىلىدىغان سىر، ئۇلارنىڭ زادى قانداق قىياپەتتە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتۇر.»
ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى تاشقى پىلانىتلىقلار قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ئۆسۈملۈكخورلار ۋە كەسلەنچۈك ئائىلىسىگە تەۋە گۆشخورلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى ئاساسەن يەرشارىدىكى جانلىقلارنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، ئەممايۇپىتېرنىڭ ھەمراھىدا ياشايدىغان بىلىقسىمان جانلىقلار بار بولۇپ ئۇلار مۇز قاتلاملىرى ئاستىدىكى چوڭقۇر دېڭىزدا ياشايدۇ.

سىتىفېن.خاۋكىڭنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى تاشقى پىلانىت جانلىقلىرى:

مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىك فىلىم :

 





5 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ھە دەپ قويايلى…. :razz:

  • ھامان بىركۈنى ھەممە ئىشلار ئاشكارا بولىدۇ :?:

  • باشقا پىلانت جانلىقلىرى توغرىسىدا ئىسلام ئالىملىرى بىر چۈشەنچە بەرسە دەپ ئويلايمەن ، ئۇلۇغ دەستۇرىمىز قۇرئان كەرىمدە 18 مىڭ ئالەم دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ ، فىزىكىدىكى پاراللىل ئالەم نەزەرىيەلىرى يېقىن كىلىدۇ مۇشۇ گەپكە ، مىنىڭچىمۇ تاشقى پىلانت جانلىقلىرى ھەقىقەتەن مەۋجۇت !

  • قارىغاندا ئامېرىكىنىڭ بەزى فانتازىيەلىك كىنولىرىنى خاۋكىڭنىڭ تەسەۋۋۇرى ئارقىلىق ئىشلىگەن چېغى :!:

  • ئىسىل رەسىملەركەن جۇمۇ

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif