بۈگۈنكى كۈندە تۇرمۇش بېسىمغا تولغان، قانچە ئازادە كەيپىيات بىلەن ياشايمەن دەيدىكەنمىز، جەزمەن تۈرلۈك بېسىملارنى يېڭىش كېرەك.
ئامېرىكا مۇداپىئە ژۇرنىلى يېڭى بىر تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا لاس ئۇنىۋېرسىتېتى مىدىتسىنامەركىزى ھەرىكەت ئىلمى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ستېفان. ئى.خوفور دوكتۇر تەتقىقات ئارقىلىق بېسىمنىڭ 10تۈرلۈك ئاۋازسىز سېگىنالىنى يەكۈنلەپ چىققان، تۆۋەندە بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى،شۇ تاپتا بىزدە قايسى بىر ئالامەتلىرى كۆرۈلىۋاتقاندۇ؟
1.ھەپتە ئاخىرىدا باش ئاغرىش- ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى باش ئاغرىقى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى تود دوكتۇر مۇنداق كۆرسەتمە بېرىدۇ، ئېغىر بىسىم بولغان شارائىتتا بىردىنلا ئازادىلىشىپ قىلىش باش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەپتە ئاخىرىدا ئادەتتىكى ئۇخلاش ۋاقتى ۋە يېمەكلىك ئادىتىنى ساقلاش كېرەك، بۇ ھەپتە ئاخىرىدىكى باش ئاغرىش ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ.
2.ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش- خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەتقىقاتچىلىرى شۇنى بايقىغانكى بېسىمنىڭ ئېغىر بولۇشى ئاياللارنىڭ ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش خەۋپىنى ئادەتتىكى چاغلاردىكىدىن ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بېسىمى بىرقەدەر بولغان ئاياللارنىڭ مۇۋاپىق چىنقىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى بۇنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
3.ئېغىز بوشلۇقى ئاغرىش- ئامېرىكا چىش كېسەللىكلىرى تەتقىقات مەركىزىدىن دوكتۇر مىسنانىڭ تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، تاڭلاينىڭ ئاغرىشى كېچىسى چىش غۇچۇرلىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىسىم كەيپىياتى بۇخىل ئەھۋالنى تېخىمۇ ئەدىتىۋىتىدۇ. شۇڭا چىش قېپىنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
4.غەلىتە چۈش كۆرۈش- بېسىمنىڭ ئېشىپ كېتىشى ئۇخلاشقا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ، كېچىسى كۆپ قېتىم ئويغىنىش، كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان غەلىتە ئىشلارنى چۈشەش ئەھۋالى ئېغىرلىشىدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا قارىتا ئۇخلاشتىن ئاۋال قەھۋە قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلشتىن ساقلىنىش، ئامال بار ئۇيقۇ سۈپىتىگە كاپالەت قىلىش كېرەك.
5.چىش مىلىكى قاناش- برازىلىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە بېىسم كەيپىياتىنىڭ زىيادە ئېغىر بولۇشى چىش ئەتراپى ئاغرىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. دائىم بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە قېنىپ ئۇخلاش ئارقىلىق بۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
6.بىردىنلا دانىخورەك بېسىپ كېتىش- ۋىكىسلىن ئۇنىۋېرسىتېتى تىرە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسىسى جىر.يوسىپاۋىيچنىڭ كۆرسىتىشىچە، بېسىمنىڭ ئارتىپ كېتىشى دانىخورەكنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇنداق چاغدا يەرلىك ئورۇننى سالىتسىلىك كىسلاتاسى بىلەن يۇيۇپ بېرىش كېرەك، ئەگەر نەچچە ھەپتىگىچە ئۈنۈمى بولمىسا، دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
7.تاتلىق يېمەكلىكلەرگە خۇمار بولۇش- پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە ئېستروگېنلىق ھورمۇنغا سېلىشتۇرغاندا، بىسىم كەيپىياتى ئاياللارنى تاتلىق يېمەكلىكلەرگە بولغان خۇمارىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋىتىدۇ.
8.تېرە قىچىشىش- ياپۇنىيە ئالىملىرى 2000كىشى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان بىرتۈرلۈك تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بەدىنى دائىم چىقىشىدىغان كىشىلەرنىڭ بېىسم كەيپىياتىنىڭ ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا ئىككى ھەسسە ئۈستۈن ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان. دائىم تەشۋىشلىنىپ، جىددىيلىشىپ ئۆتۈشمۇ ھۆل تەمرەتكە ۋە كالا تەمرەتكىسى قاتارلىق تېرە كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.
9.سەزگۈرلۈكى زىيادە ئېشىپ كېتىش- ئامېرىكائوخېئو شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى تىبابەت ئىنستىتۇتى تەجرىبىخانىسىنىڭ بىرتۈرلۈك تەجرىبە يەكۈنى شۇكى:كىشلەرنىڭ يەلكىسىدىكى بېسىمنىڭ ئىشىپ كېتىشى بىلەن بەزى كىشىلەردە ھەددىدىن زىيادە سەزگۈرلۈك ئېشىپ كېتىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.
10. قورساق ئاغرىش- باش ئاغرىش، غولى ئاغرىش ۋە ئۇيقىسىزلىقتىن باشقا غەم بىلەن بىسىم يەنە قورساق ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئالاقىدارتەتقىقاتچىلارنىڭ 1953 نەپەر ئەر-ئايالنى ئۈلگە ئېلىپ تەكشۈرۈشىچە، بېسىمى ئېغىر كىشىلەرنىڭ قورساق ئاغرىقىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى نورمال كەيپىياتتىكى كىشلەرنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
ۋەتەن مۇئەللىمنىڭ تولۇقلىمىسى: تۇرمۇشتا تۈرلۈك بېسىملاردىن ساقلانماق تەس، ھەددىدىن زىيادە بېسىم جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن ئوخشاشلا زىيانلىق. يەلكىمىزدىكى ئەشۇ ئېغىر بېسىملاردىن خالاس بولىدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچ باغلاش بىلەن بىرگە كەيپىياتنى تەڭشەشنى ئۆگىنىۋېلىش، تۇرمۇش رېتىمىنى تەڭشەش ئارقىلىق بېسىمنى يەڭگىللىتەلىشىمىز مۇمكىن.
خەنچە «پىسخىلوگىيە ۋە ئادەم» بىلوگىدىن تەرجىمە قىلىندى