ماڭا ئوخشاش ئامېرىكافىلىملىرىنى كۆپ كۆرىدىغان دوستلارمۇ بايقىغان بولىشى مۇمكىن، بۇ فىلىملەردە كۆپ تەكرارلىنىدىغان بىرمۇنچە ھاياجان ئىبارىلىرى بار.
كىنولاردىن بىزگە مەلۇمكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ چىراي ئىپادىسى بەك مول، قارىماققا نۇرغۇن تۇيغۇلىرىنى چىراي ئىپادىسى بىلەنلا ئىپادىلەيدىغاندەك قىلىدۇ. يەنە شۇنى بايقايمىزكى ئۇلارنىڭ يەنە كۆپ ئۇچرايدىغان بىرمۇنچە ھاياجان ئىبارىلىرى بار، بۇيەردە مەن بەزى پاكىزە بولمىغانلىرىنى تىلغا ئالمايمەن…
Oh my god! & Gosh!
ئېنگىلىزچىدە نۇرغۇن ئۈندەش سۆزلەر بار، كۆپچىلىككە ئەڭ تونۇش بولغىنى بەلكىم Oh my god بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ مەنىسىنى تىلمىزدا ئاھ، تەڭرىم! ئالساق مۇۋاپىق بولىدۇ. ئادەتتە، ھەيرانلىقتا قالغاندا، خۇشال بولغاندا ياكى غەزەپلەنگەندە قوللىنىلىدۇ.
مەسىلەن:
Oh my god! I’ve never seen a spider like that!
ئاھ، تەڭرىم! مەن ئەزەلدىن بۇنداق ئۆمۈچۈكنى كۆرۈپ باقمىغان!
Oh my god! Oh my god! I was accepted by Yale University!
ئاھ..مېنىڭ تەڭرىم! مەن يالى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتۈپتىمەن!
Oh my god نىڭ يەنە Oh my gosh دېگەنمۇ ۋارىيانتى بارئىكەن بەزىدە قىسقارتىلىپ Gosh! دەپمۇ ئاتىلىدۇ، كىنۇلاردا. بېلىشىمچە ئىككىسنىڭ مەنىسى ئاساسەن ئوخشاشلا ئىكەن.
مەسىلەن:
Oh my gosh! This room is a mess!
ئاھ، خۇدا!.. بۇ ئۆي نېمە ئانچە قالايمىقان بولۇپ كەتكەندۇ!
Holy Cow!
Holy Cow! نىڭ مەنسىى يەنە بىركۆپ ئۇچرايدىغان Wow! دېگەن ئىنتۇناتسىيە بىلەن ئوخشاش ئىكەن، ئاساسەن ھەيرانلىق ھاياجىنىنى ئىپادىلەيدىكەن.
مەسىلەن:
Holy cow! Your new Jag is so cool!
ۋاھ! سىزنىڭ يېڭى ئامېرىكا يولۋىسى ڭىز ماشىنا نامى بەك چىرايلىقكەن!
Jesus (Jesus Christ)!
بۇمۇ ھەيران قالغانلىقنى بىلدۈرىدۇ، ئەمما ئېگىلىشمچە بۇنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى سەل-پەل تېرىكىش تۇيغۇسىدىكى ھەيرانلىق ئىنتۇناتسىيىسى.
مەسىلەن:
Jesus, just look what a mess they’ve made!
ئاھ، تەڭرىم قارابۇ بىرتوپ ئەبلەخلەرنى!
Shoot
ئېنگىلىزچە كىنۇلاردىن مەلۇمكى ئۇلار ئۆلگۈر ، نەس باسقۇر دېمەكچى بولغانلىرىدا كۆپىنچە Shit ۋەDamn لارنى ئىشلىتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇسۆزلەر ھەقىقەتەن شۇنى ئىپادىلەشكە ماس كېلىدۇ، لېكىن مەنىسى بەك سەت بولۇپ ئادەتتە ئۇرۇش ۋە ھەرىكەت فىلىملىرىدە، قوپالراق پۇرسۇناژلارنىڭ ئېغىزىدىن كۆپ چىقىدۇ.
ئەمما،Shoot نىمۇ ئۇچىرىتىپ تۇرىمىز، ئەلۋەتتە بۇمۇ يۇقارقى سۆزلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتىيەلەيدۇ، لېكىن بۇ بىر يېنىك تىپتىكى قارغاش سۆزىدۇر، شۇڭا ئىناۋىتى يۇقىرىراق چولپانلار رول ئالغاندا كۆپرەك ئىشلىتىدۇ.
مەسىلەن:
Shoot! I left my purse in the car!
نەس باسقۇر! مەن ھەميىنىمنى ماشىنىدا ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
Whoops!
ئادەتتە سۆزلىگۈچى ئىھتىياتسىزلىقتىن بىرەر ئىشنى خاتا قىلغاندا ياكى بىرەر ئشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى ئەسكە ئالغاندا ئىشلىتىدۇ.
مەسىلەن:
Whoops! I accidentally deleted all the files in this folder.
ئۆلگۈر! مەن ئىھتىياتسىزلىقتىن بۇ فولدىر ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈپ سالدىم!
Ouch!
سۆزلىگۈچى مەلۇم نەرسە تەرىپىدىن سوقۇلغاندا، ياكى ياكى مەلۇم نەرسە تەرىپىدىن زەخمىگە ئۇچىرىغاندا بۇ سۆزنى ئىشلىتىدۇ.
مەسىلەن:
Ouch! I was bitten by a bug!
ۋاي !! ماۋۇ ھاشارەت مىنى چېقىۋالدى!
oh!yeah! باشقا مەقسىتىم يوق، پەقەت بۇلارنى دەپ قويغۇم كېلىپ قالدى شۇ، كېيىن ئېنگىلىزچە كىنۇلارنى كۆرگەندە ياردىمى بولۇپ قالار. ئەمما بۇلارنى ئۆگىنىۋىلىپ، قالايمىقان ئىشلىتىپ يۈرمەڭ ،بولمىسا سىزنى كىشلەر بەكلا Emotional كەن دەپ قالىدۇ.