كىنو ساھەسىدىكىلەر ۋە كىنو مەستانىلىرى تەرىپىدىن «ئوسكارمۇكاپاتى»نىڭ«ئالدىنقى ئۆتكىلى» دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان، دۇنيا كنو-تېلېۋىزيە ساھەسىدىكى كاتتا مۇكاپات« ئالتۇن شار»(Golden GlobesAWARDS)نى تارقىتىش مۇراسىمى يېقىندا يەنە دۇنيادىكى قىزىق تېمىلارنىڭ بېرىگە ئايلاندى. بۇ قېتىملىقى ، يەنى 69-نۆۋەتلىك كىنو-تېلېۋىزىيە «ئالتۇن شار» مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى 16-قەھرىتان كۈنى، ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى لوس-ئانجېلىس شەھىرى بېۋېرلى تېغى ئارامگاھىغا جايلاشقان ھېلتون مەيخانسىىنىڭ مۇراسىم زالىدا ئېلىپ بېرىلغان.
ئەپسۇس، پىقىر بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز قاپتىمەن، شۇڭا نەق مەيداندىن تارقىتىش .ئەھۋالىنى كۆرەلمەپتىمەن، ئەمما كېيىن تەدبىركار بۇرادەرنىڭ خەۋەردار قىلىشى بىلەن تۈنۈگۈن مۇناسىۋەتلىك فىلىمنى چۈشۈرۈپ، كۆرۈپ چىقتىم.
پۈتكۈل مۇراسىم Ricky Gervaisدېگەن قىزىقچى كىسپۇرۇشنىڭ قالتىس رىياسەتچىلىكىدە باشتىن -ئاخىر قىزغىن كەيپىياتتا داۋام قىلىپتۇ.
بىزدەك ئادەتتىكى كىنو مەستانىلرىگە ئەڭ تەسىر قىلىدىغىنى يەنىلا دۇنياۋى كىنو سەركىلىرىنىڭ مۇكاپاتلانغۇچىلارنىڭ ئىسم-شەرىپىنى ئېلان قىلىش پەيتىدىكى جىددىيلىك، خۇشاللىق ھەم چاندۇرماسلىققا شۇنچە تىرىشسىمۇ بىلىنىپ قىلىنىۋاتقان ھەسرەتلىك چىراي ئىپادىلىرى بولىدىكەن،…
مۇراسىمغا مەن ياقتۇرىدىغان ھوللىيۋود نوچىلىرىدىن دىكاپرۇ، ئەنجىلىناجۇلىيە قاتارلىقلارمۇ جەم بولۇپتۇ.
George Clooney باش رول ئالغان ئامېرىكا ھېكايە فىلىمى« كېيىنكىلەر»( The Descendants) ئەڭ كۆپ تۈردە ئالقىشقا ئېرىشكەن فىلىم بولدى. ئۇندىن باشقا فىرانسىيە فىلىمى «سەنئەتكار »مۇ زور ئۇتۇققا ئېرىشتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەن ئالدىنقى كۈنى تورداشلارغا تەۋسىيە قىلغان ئىران ھېكايە فىلىمى «بىر قېتىملىق ئايرىلىش» ئەڭ نادىر چەتئەل تىلىدىكى فىلىم تۈرىدە «ئالتۇن شار »ئالدى.
قارىسام ،جۇڭگونىڭ بىر فىلىمىنىڭ نامى ئاتالغاندەك قىلغان، لېكىن يەنىلا جۇڭگو فىلىملىرىنىڭ چوڭ تۈردىكى مۇكاپاتلارنى ئالالماسلىقتەك تېراگىدىيىسى يەنە قايتىلاندى. مەن بۇ يەردە ۋەتەن بلوگىغا ۋاكالەتەن جۇڭگونىڭ كىنو ساھەسىدىلەرگە دىققەت قىلىڭلار!!! دەپ قويماقچى.
قېىنى ئۇنداق بولسا تۆۋەندىكى تەمىنلەنگەن ئادىرىسلاردىن خالىغان بىر تۈرنى تاللاپ، 69th Annual Golden GlobesAWARDSنىڭ جەريانىنى كۆرۈپ چىقىڭ، ئاندىن شۇنىڭدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن نادىر كىنولارنى ئىزدەپ تاپىسىز.
سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى: weten.me/Golden Globes
توردا كۆرۈش ئادرېسى: weten.me/TV