• قوللانچى: پارول:

مەن ئۇزۇندىن بۇيان ئىزدەۋاتقان كارتۇن فىلىم-«مېم»

خىلى ۋاقىتلاردىن بىرى مەن ئىزچىل تۈردە دېرىكىنى قىلىۋاتقان بىر كاتۇن فىلىم بار، ئۇ بولسىمۇ ياپونىيىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كارتون فىلىمى -«مېم».  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى بالىلىق مەزگىللىرىنى باشتىن كەچۈرگەنلەرنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك،شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان «مېم» قويۇلغان ۋاقىتلاردا بىز ئاش-تامىقىمزنى تاشلاپ قويۇپ كۆرىدىغان…ئەمەلىيەتتە، بالىلارلا ئەمەس، چوڭلارمۇ قىزىقىپ كۆرۈشكەن ئىدى.
«مېم»نىڭ ھەربىر قىسىمىدا بىز مەلۇم بىر كەشپىيات،مەلۇم بىر ئالىم …قاتارلىقلار ھەققىدە پەننى ساۋادلارغا ئىگە بولغان ئىدۇق،مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇنىڭ ھەربىر قىسمى ئىنتايىن قىزىقارلىق ئۆتۈلگەن بىر سائەتلىك دەرس ئىدى.
شۇڭا ،ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن ئوقۇتقۇچى بولۇپ،دۇنيا تارىخى دەرسى بەرگىنىمدە،ئىختىيارسىز«مېم»نى ئەسلەپ قالدىم،چۈنكى مەن تارىخ دەرىسىدە سۆزلەيدىغان خىلى كۆپ ئالىملارنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى ئۇنىڭدا جانلىق تەسۋىرلەنگەن ئىدى.مېنىڭچە ،ئەگەر بۇ كارتون فىلىمنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغىلى بولسا، مەكتەپلەردە، ئائىلىلەردە ساقلاپ قويۇشقا ھەقىقەتەنمۇ ئەرزىيدۇ.
خوش، بۇ كارتون فىلىم ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا كەلسەم :

«مېم»- ئەسلى 127قىسىم بولۇپ (ئېسىمدە قىلىشىچە ئەينى يىللىرىدىكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 30قىسىم ئەتىراپىدىغۇ دەيمەن) 1983-يىلى ئىشلەنگەن . فىلىم ئىككى چوڭ بۆلەككە بۆلۈنگەن. بىرىنچى بۆلىمى تارىختا ئۆتكەن ئالىم،كەشپىياتچى ۋە مەلۇم تېخنىكىلارنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ھەققىدىكى ھېكايىلەر. ئىككىنچى بۆلىمى پەن -تېخنىكىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى فانتازىيىلەردىن تەشكىل تاپقان.
ئەلۋەتتە، بىز ئۇنىڭ بىرىنچى بۆلىمىنمۇ تولۇق كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىدۇق. «مېم»دا ئالىم-كەشپىياتچىلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئاساسى ئەھۋالى بۇرمىلانمىغان ئاساستا، مېم ۋە كارتون فىلىمدىكى يەنە بىر ئاساسى پېرسوناژ بولغان ئاكا-سىڭىللارۋەقەلىك ئىچىگە ماھىرلىق بىلەن كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ۋەقەلىكنىڭ قىزىقارلىق دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان.
بۈگۈنكى كۈندە مائارىپتا«ئۆگىنىشتىن ھۇزۇر ئېلىش» نى بەك تەكىتلەۋاتىمىز،ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئۆگىنىشتىن ھۇزۇر ئالغىلى بولىدۇ؟
ياپونىيىنىڭ بۇ كارتون فىلىمى دەل بۇنىڭغا بېرىلگەن جاۋاب بولىشى مۇمكىن .ئارىدىن شۇنچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ،ئەينى يىللاردىكى شۇ بەڭۋاش كاللىمىزدائۇ يەتكۈزگەن كۆپلىگەن پەننى ئۇچۇرلارھىلغىچە ساقلىنىپ قالدى.
———
ئەسكەرتىش: مەن ئۇزۇندىن بۇيان بۇ كارتون فىلىمنڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغان بولساممۇ تاپالمىدىم، توردىنمۇ كۆپ ئاختۇردۇم لېكىن تۈزۈك جاۋاب چىقمىدى، ئەگەر سىز بىلسىڭىز ،ئېرىنچەكلىك قىلماي ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويارسىز.رەھمەت.





29 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ھــــــــــــــــــەي ي ي … بۇ كارتون فىلىمنى تاپماق تەس جۇمۇ.

  • نامسىز جاۋاب

    بۇنى تاپقىلى بولىدۇ، لېكىن سۈپىتى ئانچە ياخشى ئەمەس

  • ياغما جاۋاب

    http://www.tudou.com/playlist/p/l4698296.html
    بۇنى كۆرۈپ بېقىڭ!

  • تىلسىم جاۋاب

    مەن تېخى ۋەتەن ئاكا بۇ فىلىمنى تاپقان ئوخشايدۇ دەپ خوش بولۇپ كېتىپتىمەن دىسە

    • weten

      تاپقاندا خەۋەر قىلاي،قارىسام بۇ كارتۇننى ئىزدەۋاتقانلار خىلى كۆپ ئوخشايدۇ

  • تالانت جاۋاب

    مەندە 39 قىسىم بار .
    لېكىن 27 قىسىمى ئەرەبچە(ئاڭلاپ چۈشىنەلمىدىم، يېزىقى ئەرەپ يېزىقى) ، قالغان 12 قىسىمى قايسى تىل بىلەلمىدىم .

  • ھەي ئاكا ھەي، بالدۇراق ماڭىلا دىسىڭىز بولمامدۇ. مەندە بار بۇ. ئۇيغۇرچىسى، ئەمما ئانچە سۈزۈك ئەمەس ئالا ھەزەل يىگىرمە نەچچە قىسىم بار.

    • weten

      قانداق تاپقان ئىدىڭىزبۇنى؟

  • ۋوي،ۋەتەن بلوگى چاپان ئاملاشتۇرۇپتىغۇ،باشقىلار كىيىلۋالغان چاپانغا ئوخشاش چاپاننى كىيگۈڭىز كەلمەپتۇدە

    • weten

      بۇ بۇرۇن كېيگەن چاپىنىم ئىدى،قايتا كېيىۋالدىم

  • بۇ فىلىم ھازىرقى ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئىلىم-پەننى چۈشۈنۈش،قىزىقىشىغا زور ياردىمى بۇلالايدۇ.

  • بۇرۇنقى كارتون فىلىملەرنى تاپماق ھەقىقەتەن تەس ، تاپقان تەغدىرمۇ كام چىقىدۇ ، ھىلىقى خىمەن ۋە ئالەم خوجايىنلىرى دىگەن كارتوننىڭمۇ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى تاپماق بەك تەس .
    —————————————————-
    ئۇسلۇبىڭىز ھەقىقەتەن چىرايلىق چىقىپتۇ .

    • weten

      ئۇ كارتۇن فىلىممۇ ئېسىل ئىدى،خەنزۇچىسىنى تاپقىلى بولىدىكەن .

  • بىر دوستۇمد باركانتۇق، ئاشۇ چاغداقاچىلۋالغان.

  • weten :
    بۇ بۇرۇن كېيگەن چاپىنىم ئىدى،قايتا كېيىۋالدىم

    بىر دوستۇمد باركانتۇق، ئاشۇ چاغداقاچىلۋالغان.

  • بۇ كارتون فىلىمنىڭ بىز كىچىك ۋاقىتلاردىكى جەلپ قىلىشىنى تىل بىلەن تەسۋىرلىەىلى بولمايدۇ. بىز ھازىرقى ھەممە نەرسە تەييار بولغاندا تۇغۇلغان ئاق سۆڭەك باللىلاردەك كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا يانغۇن،QQ، قىسقا ئۇچۇر……دىگەندەك نەرسىلەر يوق ئىدى. يەنە بىر تەۋسىيە قىلىدىغان نەرسە دەل ‹مەشھۇر كىشلەر ھەققىدە ھىكايىلەر› مانا مۇشۇ كارتون فىلىمنىڭ تولۇق نۇخسخىسىنى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىدا تاپقىلى بولىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق كارتۇن فىلىملەر مىىنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىمدىكى روھى دۇنيارىمنى بېيىتىپ مىنىڭ قەلبىمگە ئېلىم-پەننىڭ ئۇرۇقىنى چاچقان.ھەمدە شۇنىڭغا نىسبەتەن ئوتتەك ئىشتىياق سالغان.

  • يانار تاغ جاۋاب

    بۇ فىلىم مەندەبار ، يەنە كېلىپ ئەينى ۋاقىتتىىكى ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخسى .

  • بۇ كارتوننى كورگەندەك ئېسىمدە، لىكىن يىشيۇ دىگەنلەرگە ئوخشاش ئۇنداق تەسىر قالدۇرماپتۇ ماڭا!

  • ۋەتەن ئەپەندى ، بۇ فىلىم توغرىسىدا يازما يوللاپ ئىنتايىن ياخشى قىپسىز ، مەندە فىلىمنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرچە تۇللۇق قىسىمى بار . لازىم بولسا مەن تەمىنلەرپ بېرەي .

    • ماڭىمۇ لازىم ئىدى يوللاپ بىرەرسىزمۇ بالامغا قۇيۇپ بىرەي دىگەن ئىدىم بولسا [مەشھۇر كىشلەر ھەققىدە ھېكايە] دىگەن كارتون بولسا تېىىمۇ ياخشى ئىدى ھازىرچە رەھمەت دەپ تۇراي.

  • جاھانكەزدى جاۋاب

    بۇ كارتون فىلىمنى قايسى كۈنى ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك بازىرىدىكى ناۋا ئۈن-سىن مەركىزىدىن سېتىۋالدىم. مىم ۋە ئەقىللىق يىشۇ بىرلىكتە ئىكەن. مىمنىڭ 20 نەچچە قىسىمى بار ئىكەن. ھەر ھالدا سۈزۈكلۈكى بولىدۇ.

    • weten

      ياخشى ئۇچۇر ئىكەنغۇ بۇ ،ئۇرۇمچىدىكى بۇرادەرلەرگە ھاۋالە قىلسام بولغۇدەك

  • غۇلجا قىزىل بايراق مىھمانخانىسى يېنىدىكى ئاتەش ئۈن-سىن دۇككىنىغا كىرسىڭىز بار، ۋاقتىڭىز يەتسە بېرىپ سېتىۋىلىڭ.

  • پىلاستىنكىنى پەقەت تاپالمىسىڭىز 83598504 غا بىلەن ئالاقىلاشقايسىز.

    • كۆپ رەھمەت، ياخشى بولىدى-بۇ :lol:

  • بۆرە جاۋاب

    ماڭىمۇ لازىم

  • ROCK جاۋاب

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەتەنداشلار ،تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سوراپ باقسام، سىلەردە مۇرات ئەخمىدىنىڭ لېنتىسى بارمىدۇ ؟ 90 – يىللاردا چىقارغان ئۈنئالغۇ لېنتىسى ، كومپىيۇتېرغا كىرگۈزگەن نۇسخىسى بولسا تېخى ياخشى . رەھمەت.

    • مېنىڭ بىر نەۋرە ئاكام بارئىدى، شۇ يېغىدىغان كونا لېنتىلارنى شۇنىڭدىن بىر سوراپ كۆرەي، بولۇپ قالسا خەت قالدۇراي.

  • ROCK جاۋاب

    رەھمەت سىزگە.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif