بەزىدە ئاجايىب ئەخمىقانە خام خىياللارغا غەرق بولۇپ كىتىمەن دېسە ، لېكىن بۇمۇ ئادەتتە مېنىڭ بىرخىل ئارام ئېلىش ئۇسۇلۇم بولۇپ قالدى . بەزىدە خىيالىمدانى-نى چوڭ تىپتىكى تارىخىي فىلىملەرنىمۇ ئىشلەپ تۈگەتكەن ھەتتا ئوسكارغىمۇ ئېرىشكەنمەن ،…
شۇنداق قىلىپ ، ئەتە ئازغىنە ئۇيغۇر بىلىدىغان «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمى» بولىدۇ ، مەن بۇ بايرامنىڭ گېپى چىققاندىن بىرى ئائىلىۋى تەبرىكلەپ كېلىۋاتقان ئىدىم ، بۇيىل مەكتەپتە ئاز-تولا ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن
، چوڭلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ مەكتەپتە بۇ بايرامنى قۇتلۇقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن بىرقاتار پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرماقچى بولغان ،لېكىن تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن بۇ ئىش ۋاقتىدا بولمايدىغاندەك قىلىدۇ…
ئالدىنقى كۈنى بلوگىمغا مەزكۇر بايرامغا بېغىشلاپ تەبرىك قىستۇرما رەسىمى (لوگو) ياساش ئۈچۈن ،گۇگۇلدىن دوپپا رەسىملىرىنى ئىزدەۋىتىپ كاللامغا يەنە بىرخام خىيال توككىدە چۈشتى . ھەردائىم خەلقئارالىق خاتىرە كۈنلەر ياكى دۇنياۋى بايرام ۋاقىتلىرىدە گۇگۇل ئىزدەش بېكىتىنىڭ لوگوسىغا دىققەت قىلىدىغانلار بىلىشى مۇمكىن ،ئۇلار شۇ كۈنلىرى ئاتايىن تەبرىك لوگۇسى ئىشلەپ ئاسىدۇ ،خۇددى خاتىرە پوچتا ماركىسى تارقىتىلغاندەك.
ئەگەر مەلۇم بىر كۈنى گۇگۇلنى شۇنداق ئاچىسڭىز ، بىرەر مەشھۇر ئۇيغۇر ياكى ئۇيغۇرغا ئائىت مەلۇم بىر قۇتلۇق كۈن ھەققىدە مەخسۇس تەبرىك لوگوسى ئىشلەنگەن بولسا –ھە !
شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتىكى خام خىياللىرىم ئۇلغىيىپ ، چاقماق تېزلىكىدە ئىلھام يۇقىرى پەللىگە چىقتى ھەم تۆۋەندىكى ئەرزىمەس لايىھە (شۇنداق دېيىشكە مۇناسىپ كەلسە ) روياپقا چىقتى .
خام ئەشيالار : گۇگۇل ئىزدەش بېتىنىڭ كەسمە رەسىمى، توردىن تاپقان ئەرەنچە-ئايالچە دوپپا نۇسخىسى، توردىن تاپقان ئەتلەس رەسىمى .
ئۇيغۇرنىڭ خاس كېيىم مەدەنىيىتىگە بەلگە بولالايدىغان ئەتلەسنى تەگىلىك قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنى قۇملۇق تۈسى بىلەن گىرەلەشتۈردۇم، ئەرەنچە-ئايالچە دوپپا ئارقىلىق بۇ بايرامنىڭ ھەممىمىزگە تەڭ باراۋەر ئىكەنلىكنى بىلدۈرمەكچى بولدۇم ،…