• قوللانچى: پارول:

خارۋاردتا يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا ئېيتىپ بىرىلىدىغان كىچىك ھېكايىلەر

كۆپ يىللاردىن بۇيان خارۋارد ئۈنىۋېرسىتتىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ھەردائىم دېگۈدەك يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا بىرقىسىم مىكرو ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بىرىپ ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۇپ كەلمەكتە:

ئوسلىر - بىر كانادالىق دوختۇر، ئۇ خىزمەتنىڭ شۇنچە ئالدىراشلىقىغا قارىماي، ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب سىتىۋالىدۇ.ئۇ ھەركۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن 15مېنۇت كىتاب كۆرۇشنى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلاندرۇپ ئالغان بولۇپ، بۇ مەشغۇلاتنى يىرىم ئەسىردىن بۇيان ئىزچىل داۋام ئېتىپ كەلگەن .

ئۇ شۇنداق ئاز-ئازدىن ئوقۇش ئارقىلىق 80مىليۇن خەتلىك كىتاب(1000دىن ئوشۇق كىتاب) ئوقۇپ تۈگەتكەن . ئۇنىڭ بۇ ئىجدىھاتىنىڭ مېۋىسى شۇكى – ئۇ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا3-خىل قان ھۇجەيرىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشقان.

گېررىفۇرت –دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ  خېمىيۋى مەھسۇلاتلار شېركىتى «DuPont» نىڭ باش لېدىرى.ئۇ ھەركۈنى بىر سائەت ۋاقىت ئاجرىتىپ دۇنيادىكى ئەڭ كېچىك قۇش بولمىش ھەرە قۇشنى تەتقىق قىلىدۇ، مەخسۇس ئۈسكۇنىلەر بىلەن بۇ مىكرو قۇشلارنى سۈرەتكە ئالىدۇ،…

نوپۇزلۇق ئالىملار ئۇ يېزىپ چىققان ھەرەقۇش ھەققىدىكى كىتاب ئۈستىدە توختىلىپ ، مەزكۇر كىتابنى – تەبىئەت تارىخى مەجمۇئەسى ئىچىدىكى نادىر ئەسەر دەپ ئاتاشقان .

كور- ئامېرىكىلىق ماتېماتىك. 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكە مەزگىللىرىدە ماتېماتىكا ساھەسىدە مۇنداق بىر قىيىن مەسىلە ھەل بولمايۋاتقان ئىدى: ئۇ بولسىمۇ« 2نىڭ 76-كۇۋادىراتىنى بىرگە بۆلگەندە كېلىپ چىققان نەتىجە، كىشلەرنىڭ قىياسىدىكى تۈپ سانمۇ- ئەمەسمۇ؟» دېگەن مەسىلە ئىدى، نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار بۇ قىيىن مەسىلىگە ھۇجۇم قىلىپ باققان بولسىمۇ ،ئاقىۋەت ئامالىسىز قالغان. كېيىن نيۇيورك ماتېماتىكا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا كور ھەممىنى قايىل قىلارلىق ھېسابلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بىرىپ بۇ قىيىن مەسىلىنى مۇۋاپىقىيەتلىك يېشىپ چىقتى. ئەينى چاغدا بىرەيلەن ئۇنىڭدىن :«سىز بۇ مەسىلىنى يېشىپ چىقىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلدىڭىز ؟»دەپ سورىغاندا ،ئۇ :«ئۈچ يىل ئىچىدىكى بارلىق يەكشەنبە كۈنلىرىنى» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بىرى خارۋاردتىكى ئۇستازلار  دائىم ئۆزئوقۇغۇچىلىرىغا يۇقارقىدەك بىرقاتاركىچىك ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بىرىش ئارقىلىق ، ئۇنۋېرسىتىت كۈتۇپخانىسىنىڭ تېمىغا چاپلانغان «ھەركىم مۇنداقچىلا مۇۋاپىقىيەت قازىنىپ قالغان ئەمەس، ئۇ(مۇۋاپىقىيەت) ئۆز-ئۆزىنى قاتتىق باشقۇرۇش ۋەقەتئىيلىكتىن كېلىدۇ» دېگەن ھېكمەتنى چۈشەندۇرۇپ كەلمەكتە.

 

ۋەتەن تەرجىمىسى

خەنچە مەنبەسى : «يىنىۋاتقان يۈرەك» بلوگى





2 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • مۇۋاپىقىيەت كىچىك ئىشلاردىن باشلىنىدۇ. ۋەتەننىڭ خاتىرىلىرى بىزنىڭ تەپەككۈر ئادىتىمىز ھەم ھەرىكىتىمىزگە يېڭى سۇئاللارنى قويىدۇ…

  • كۆكتاش جاۋاب

    ياخشى يازمىلار ئىكەن!

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif