1987-يىلى يانۋاردا، 75نەپەر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىملار فرانسىيىنىڭ ئاستانىسى پارىژدا بىريىغىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.مۇراسىم ۋاقتىدا بىر كىشى ،بىرنەپەر ئالىمدىن :« سىز قايسى ئالى مەكتەپتە ياكى قايسى تەتقىقات ئورنىدا ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان نەرسىنى ئۆگەندىڭىز؟» دەپ سورايدۇ.
بۇ چاچلىرى ئاپئاق ئاقارغان ئالىم ،ھېلىقى سوئال سورىغۇچى ھېچبىر ئويلاپ باقمىغان جاۋابنى بىرىدۇ:«يەسلىدە»
سوئال سورىغۇچى ھەيران قالىدۇ:«يەسلىدە نېمە ئۆگەندىڭىز شۇنچە مۇھىم؟»
ئالىم جاۋاب بېرىدۇ:«يەسلىدە ، ئۆزەمدە بار نەرسىلەرنىڭ بىرقىسمىنى دوستلىرىمغا بۆلۈپ بېرىشنى، ئۆزۈمنىڭ بولمىغان نەرسىنى ئېلىۋالماسلىقنى، نەرسىلەرنى رەتلىك قويۇشنى، تاماقلىنىشتىن بۇرۇن قول يۇيۇشنى، تاماقتىن كېيىن بىرئاز ئارام ئېلىشنى، خاتالىق سادىر قىلىپ قويغاندا ئېتىراپ قىلىشنى، ئەتراپتىكى مۇھىتنى ئىنچىكە كۆزىتىشنى ئۆگەندىم. يىغىپ ئېيتقاندا ، مېنىڭ ھازىرغىچە ئۆگەنگەن ھەممە نەرسەم مۇشۇلارشۇ!»
ئەينى ۋاقىتتا ،شۇ سورۇندىكى باشقا نوبېل ساھىبلىرىمۇ ،بۇ ئالىمنىڭ قاراشلىرىنى بىردەك قۇۋۋەتلىگەن ئىكەن.
بۇ مەن بۈگۈن بىر خەنچە مۇنبەردە ئوقۇغان «يەسلى ۋە نوبېل مۇكاپاتى» دېگەن ماقالىنىڭ بىر بۆلىكى ، مەن بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ، ئېينىشتىيىننىڭ «ئادەم يەسلىدىن تاكى ئالى مەكتەپتىكىگىچە ئۆگەنگەن بارلىق بىلىملەرنى ئۇنتۇپ كەتكەندە ،ئىشىپ قالغان نەرسە دەل مائارىپ بولىدۇ» دېگەن سۆزى ئېسىمگە كېلىپ قالدى…
ئۇنداقتا، مائارىپ بالىلارغا زادى نېمە بىرىدۇ؟