• قوللانچى: پارول:

ئامېرىكاستۇدېنتلىرىنىڭ ئوقۇش تاماملاشتىن ئاۋالقى 20ئىشى

چوققا ئۇنىڭغا تەلپۇنگەنلەرگە ئەمەس بەلكى ئۇنىڭغا ياماشقانلارغا نىسبەتەن ئىيتىلسا ،ئاندىن ئۇ ئۆز مەنىسىنى تاپقان بولىدۇ.

1.كۈتۈپخانىدىن چىقىپ كېتىڭ.ئالى مەكتەپ كىشىلىك ھايات تەجىربە ساۋاقلىرى بىلەن نەتىجىلىنىدۇ ،ھەرگىزمۇ يۇقۇرى نومۇر بىلەن ئەمەس.ئامېرىكا ئالى مەكتەپلىرىدە ،دەرستىن سىرىتقى پائالىيەت ئادەتتىكى دەرس بىلەن ئوخشاش موھىم.

2.ياتىقىڭىز ئىچىدە سودا قىلىشنى باشلاڭ.ياخۇ،گۇگۇل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سىز ياسىغان تور بەتنى بەس -بەستە سېتىۋالىدۇ.گۇگۇل ئەسلىدىنلا ئالى مەكتەپ ياتىقى ئىچىدە بارلىققا كەلگەن.

3.داڭلىق ماركىغا قەرىز بولۇپ قالماڭ.ئادەتتىكى شىتات ئونۋېرىستىتى بىلەن داڭلىق لېكىن ئوقۇش ھەققى قىممەت خۇسۇسي ئالى مەكتەپ ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى ئالدىنقىسى .شەخسنىڭ ئىستىقبالى نوقتىسىدىن ئېلىىپ ئېيتساق،قەرىزدار بولماسلىق پۇل خەجلەپ داڭلىق ماركا سېتىۋىلىشتىن كۆپ پايدىلىق.

4.مەكتەپ ئىچىدىكى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىش.بۇ خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق باشقىلارنى قانداق چۈشىنىشنى ،باشقىلارغاقانداق ياردەم بېرىشنى ،باشقىلارنىڭ ئارزۇسىنى قانداق قاندۇرۇشنى،ۋە باشقىلار بىلەن قانداق ئەپ ئۆتۈشنى ئۈگەنگىلى بولىدۇ.بۇ ئامېرىكا مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاتالمىش < داھېيچە ساپا> يېتىلدۈرۈشنىڭ ئاساسى. خىزمەت ئىزدىگەن ۋاقتىدا ياخشى مۇئامىلىگە ئۇچرىماسلىقىڭىز مۈمكۈن،ئۇنتۇپ قالماڭ تۇرمۇش سەھنىسى مەكتەپ ھويلىسىلا ئەمەس.

5.ئىجتىمائي پەنلەر دوكتورلۇقىدا ئوقۇماڭ،(ئوقۇمىسىڭىز ئۆلۈپ قالىدىغان ھالدا بولمىسىڭىزلا)

دوكتورلۇقتا ئوقۇشنىڭ ئەمەلى خىزمەتكە ھېچقانداق پايدىسى يوق.

6.ھەرگىز قانۇن ئونۋېرىستىتىدا ئۇقۇماڭ.ئادۋۇكاتلار ھامان باشقىلارغا ۋاكالىتەن تالاش-تارتىش قىلىدۇ، بېسىمى پەۋقۇلاددە ئېغىر.ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش ئادۋۇكاتلار ئىچىدىكى بىرنچى نومۇرلۇق نورمال بولمىغان ئۈلۈش سەۋەبى .

7.تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىڭ.تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالى مەكتەپتە تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار،مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللانمىغانلارغا قارىغاندا كىرىمى روشەن ھالدا يۇقۇرى بولىدىكەن.ئامېرىكىلىقلارنىڭ تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىشى پەقەت بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇچۈنلا ئەمەس،بەلكى رېقابەت ئېقتىدارى ۋە داھېيچە ساپا يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن .بىر ئالى مەكتەپ تەنتەربىيە ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋال سترېت كوچىسىدا خىزمەت ئىزدىسە ،ئالدىن قوبول قىلىنىشىدا گەپ يوق.

8.ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئارزۇسى بويىچە ياشىماڭ.ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلىشىڭىز كېرەك.روھىيىتىڭىز ھەرگىزمۇ باشقىلارغا قۇل بولۇپ قالمىسۇن.

9.ئۆزىڭىزگە پششىق بولمىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ بېقىڭ. سىز تېخى ئۆزىڭىزنى چۈشەنمەسلىكىڭىز مۈمكۈن.بۇ سوقراتنىڭ تەلىمى .شۇڭا ئۆزىڭىزگە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىڭ.

10.مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتا ئۆزىڭىزنى مەركەز قىلىڭ،ھەرگىزمۇ باشقا نەرسىلەرنى (مەسىلەن،پۇل دىگەندەك) مەركەز قىلىۋالماڭ.

11.ياخشى خىزمەتنى ئۆزىڭىز ئىزدەڭ ،ئۈزۈم پىش ،ئاغىزىمغا چۈش دەپ ئولتۇرسىڭىز بولمايدۇ.

12.<بەخىت> كە مۇناسىۋەتلىك پىسخېكا دەرىسلىرىنى تاللاپ ئۈگىنىڭ. خارۋاردتا بۇ ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان دەرسلىك.

13.<ئارتىس> بولۇشنى ئۈگىنىۋىلىڭ.ئامېرىكا جەمىئىيىتى بىر سەھنە.پىرافىسسور،سىياسىئون ،كارخانىچىدىن تارتىپ ئادۋۇكات ،گېنىرال،مۇخبېرغىچە ،ئەگەر ئارتىسلىقنى قاملاشتۇرالمىسا باش كۆتۈرۈپ چىقالمايدۇ.

14.باشقىلارنى ماختاشنى ئۆگېنىۋىلىڭ.تۇرمۇشتا،ياخشى بىر ئارتىس بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە بىر ياخشى تاماشىبېن بولالىشىڭىز كېرەك.تولا چاغلاردا مەن ھەمىشە باشقىلاربىلەن ئارلىقىم بەك يىراقتەك ھېس قىلاتتىم،ئەمەلىيەتتە مەن شۇ بىر ئېغىز ماختاشقا،شۇ بىرقېتىمىلىق قۇچاقلاشقا ئىنتايىن مۇھتاج ئىدىم.

15.كەسپى مەسلىھەت بېرىش ئاپاراتلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.ئامېرىكا ئالى مەكتەپلىرىدە بۇ ئىنتايىن موھىم بولغان بىر ئاپارات.كەسپى خادىملار سىزنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىڭىزنى تەھلىل قىلىپ،ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان خىزمەت تېپىشىڭىزغا ھەم يۇز تۇرانە ئىمتىھاننى قانداق بېرىش،ئىلتىماسنى قانداق يېزىش قاتارلىق ئىشلاردا سىزگە ياردەم قىلالايدۇ.

16.رەت قىلىنىشقا سالماقلىق بىلەن يۇزلىنەلەيدىغان پىسخىكا يېتىلدۈرىشىڭىز كېرەك.

ئۆز ئۆزىڭىزنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

17.داڭلىق مەكتەپلەرگە چوقۇنماڭ،خارۋاردقا كىرىش ئۇنچە قالتىس ئىشمۇ ئەمەس.

18. ھەددىدىن زىيادە مۇكەممەللىك قوغلاشماڭ.

19.بىر تەرەپتىن ئىشلەپ بىر تەرەپتىن ئوقۇشىڭىز كېرەك.خىزمەت تەجىربىسى توپلاش ئەڭ موھىم.كۆپ قىسىم جوڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار بۇنداق قىلالمايدۇ،ھەتتا ئوقۇۋېتىپ تۇرۇپ ئىشلەشنىڭ ھېچ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارايدۇ،ئەمەلىيەتتە سىرتتا ئىشلىگەن ئادەملا تۇرمۇشنى ھەقىقي قەدىرلەشنى بىلىدۇ.

20 .نىشان تىزىملىكىڭىزنى تۇرغۇزىۋىلىڭ.چۈنكى پىلانىڭىز بولمىسا مۇۋاپىقىيىتىڭىزدىن سۆز ئېچىش تەس.ھەرگىزمۇ كۈنبويى خام خىيالغا غەرىق بولۇپ يۇرمەڭ،پەقەت ھەقىقي ھەرىكەتلا سىزنى قۇتقۇزالايدۇ.

ۋەتەن بلوگى تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن »ئەۋلادىم»تەرجىمە قىلدى





1 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif