بۇ بىرپارچەGif فورماتىدىكى رەسىم خالاس، ئەمما بۇنىڭدا ئاز-تولا سىر بار. ئەگەر سىزبۇ رەسىمگە مۇنداقلا نەزەر تاشلىسىڭىز، ھال رەڭلىك يۇمىلاق داغنىڭ ئايلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز، يەنى پەقەت بىرلاخىل رەڭنى بايقايسىز. ئەگەر رەسىمنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان weten (ۋەتەن) دېگەن سۆزنىڭ «T» ھەرىپىگە سىنچىلاپ قارىسىڭىز، ئەمەلىيەتتە ئايلىنىۋاتقان يۇمىلاق داغنىڭ يېشىل رەڭلىك ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.
ھىم، ئەگەر قىزىقىپ قالغان بولسىڭىز داۋاملىق تۈردە ئاشۇ «T» ھەرىپىگە دىققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ قاراڭ، بىرئازدىن كېيىن بارلىق ھال رەڭلىك يۇمىلاق داغلار غايىپ بولۇپ، پەقەت بىردانە يېشىل رەڭلىك يۇمىلاق داغنىڭلا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز.
ھاھ-ھاھ..قىزىقارلىقمىكەن؟
مانا بۇسىزنىڭ چوڭ مىڭىڭىزنىڭ خىزمەت شەكلى، ئەمەلىيەتتە رەسىمدە ئەسلا يېشىل رەڭلىك يۇمىلاق داغ مەۋجۇت .ئەمەس. ئۇندىن باشقا يەنە، ھال رەڭلىك يۇمىلاق داغلارمۇ غايىپ بولۇپ كەتمەيدۇ. بۇنىڭ پرىنسىپىنى كىم يېىشپ بېرەلەيدۇ؟(ئۆزۈم ئەلۋەتتە بىلىمەن)
ئاخىرىدا سىزگە دەيدىغىنىم: ئۆزكۆزىڭىزبىلەن كۆرگەننىڭ ھەممىسى ھەقىقى بولۇشى ناتايىن.