كەچلىك تاماقتىن كېيىن، بۇئايلىق پىلانىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى يازمىنى ئېلان قىلىۋېتەي دەپ قارار قىلدىم، چۈنكى بۈگۈن بۇئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ئىكەن ئەمەسمۇ…
ھە،ئۇنداق بولسا ۋەتەننىڭ ۋاقىت ھەققىدىكى بۇ يازمىسىنى كۆرۈپ بولۇپ، ۋاقىت ھەققىدە بىرپەس ئويلىنىۋېلىڭ.
ئەگەر،شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا پاك-پاكىزە خەجلەپ تۈگىتىش شەرتى ئاستىدا، ھەركۈنى سىزنىڭ بانكا كارتىڭىزغا 86400يۈەن پۇل قاچىلاپ بېرىلسە قانداق بىرتەرەپ قىلاتتىڭىز؟
جاھاندا مۇشۇنداق ياخشى ئىش بارمىدۇ؟ ئەلۋەتتە بار. سىزنىڭ ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق بىر ھېساباتىڭىزبار، ئۇ بولسىمۇ سىزنىڭ ۋاقتىڭىز. ھەركۈنى ھەربىرھايات ئادەم نەق 86400سىكونت ۋاقت نى خەجلەپ بولىدۇ. سەمىڭىزگە سالمىساممۇ سىزگە ئايانكى، زۆرۈرىيىتى تۇغۇلسا بىرسىكونت ۋاقىتنى ھەرگىزمۇ بىريۈەنگە ئەمەس، مىليون يۈەنگىمۇ سىتېپ ئالالمايسىز!
بۇ يازمىنى يېزىۋاتقان مەن، بىردەمدىن كېيىن ئوقۇيدىغان سىز ھەقىقەتەنمۇ بايلاردىنمىز، چۈنكى بىزتېخى ھايات.
بىز ئەمدى، ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇنۇ سانلىق مەلۇماتىغا قاراپ باقايلى؛ ئەگەر بىرئادەم 60يىل ياشىيالىسا، ئۇنداقتا نورمال ئەھۋال ئاستىدا ئۇنىڭ پۈتكۈل ۋاقتى تۆۋەندىكىدەك تەقسىملەنگەن بولىدىكەن:
ئەگەر مەلۇم بىرئادەم 60يىل ياشىيالىسا، ئۇ21900كۈن بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە:
20يىل( 7300كۈن )ئۇخلاشقا سەرپ قىلىنىدۇ.
6يىل( 2190 كۈن) تاماق يېيىشكە سەرپ قىلىنىدۇ.
5يىل (1825كۈن) كىيىم كېيىش، يۇيۇنۇش قاتارلىق ئىشلارغا سەرپ قىلىنىدۇ.
3يىل( 1095كۈن) تۈرلۈك داۋالىنىش ئىشلىرىغا سەرپ قىلىنىدۇ.
1يىل( 365كۈن) تېلېفوندا سۆزلىشىشكە سەرپ قىلىنىدۇ.
………
70كۈن ئەينەككە قاراش، چاچ تاراش دېگەندەك ئىشلارغا سەرپ قىلىنىدۇ.
10كۈن ئېغىز-بۇرۇننى سۈرتۇش دېگەندەك ئىشلارغا سەرپ قىلىنىدۇ.
شۇنداق قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا 3205كۈن ۋاقىت 8يىل 285كۈن ئېشىپ قالىدۇ. بۇ دەل سىزنىڭ ئەمەلىي ئىشلارغا سەرپ قىلىدىغان ۋاقتىڭىزدۇر.
ئادەمنىڭ ھەقىقى ئۆمۈرى مۇشۇنداق قىسقا، شۇڭا بىز ئېشىپ قالغان ئاۋۇ 8يىل285 كۈن ۋاقىتنى قانداق قىلغاندا ئىسراپ قىلىۋەتمەسلىكنى ئويلىشىپ كۆرەيلى.
ئاۋال ئۆزىمىزدىن بۇ سوئاللارنى سوراپ باقايلى:
1. مەن قەتئىي زوزۆرىيتى يوق ئىشلاردىن قايسىلارنى قىلىۋاتىمەن؟
2.مەن باشقىلار قىلشىقا تېگىشلىك ئىشلاردىن قايسىلارنى قىلىۋاتىمەن؟
3.مەن ۋاقىتنى بەك ئىسراپ قىلىدىغان ئۈنۈمسىز ئىشلاردىن قايسىلارنى قىلىۋاتىمەن؟
4.مەن باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىدىغان ئىشلاردىن قايسىسنى قىلىۋاتىمەن؟
يۇقىرىقى سوئاللارغا ئېنىق جاۋاب بېرەلمىسىڭىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكىلەرنى ئوقۇپ، ئۆزىڭىزدە مەۋجۇت بولغان كەمچىللىكلەرنى تېپىپ چىقىڭ، ھەم ۋاقتىدا تۈزۈتۈش تەدبىرى قوللىنىڭ.
1.ئىش قىلغاندا نىشان ئېنىق بولماسلىق
2.سۆرەلمىلىك قىلىش
3.تەرتىپسىز، ئىشنىڭ مۇھىم ھالقىسىنى تۇتالماسلىق
4.ھەددىدىن زىيادە زىغىرلاش
5.ئىشنىڭ بېشى بار، ئاخىرى يوق
6.كۈن تەرتىپى يوق، چۇۋالچاق،ئاددى ئىشنىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۋىتىش
7.ھەممە ئىشقا چىپىلىۋىلىش، ئۆزرولىنى بىلمەسلىك
8.باشقىلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلالماسلىق
9.پاسسىپ تەپەككۇر قىلىش
خوش، ئۇنداقتا يازمىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، تەسىراتىڭىزنى قالدۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ، بەلكىم بۇ ئىنكاسىڭىز، بۈگۈنكى ھاياتىڭىزدىن بىر نىشان بولۇپ قالغۇسى.