بۇ بىرئادەتتىكى بالىلارباغچىسى.
يېڭىلا باغچىغا كىرگەن بالىلار ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە باغچە كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ كەلدى ۋە ئىنتايىن بەھۇزۇر ھالدا گىلەم ئۈستىدە ئولتۇرۇشۇپ، ھاياتىدىكى تۇنجى سائەتلىك دەرسنى ئاڭلاشقا تەييارلاندى.
بىرئازدىن كېيىن باغچە كۈتۇپخانىسىغا مەسئۇل ئوقۇتقۇچى كۈلۈمسىرىگىنىچە بالىلارنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى، ئۇنىڭ ئارقسىدىكى جاھازىلارغا لىققىنە كىتاب تىزىلغان ئىدى.
-«ياخشىمۇسىلەر بالىلار، مەن سىلەرگە بىر ھېكايە ئېيتىپ بىرەي بولامدۇ-بولمامدۇ؟» ئۇ شۇنداق دىيىشى بىلەن بالىلار بىردەك چۇقۇراشتى :-« بولىدۇ!!»
ئۇكىتاب جاھازىسىدىن بىرپارچە كىتابنى ئالدىدە، ئىنتايىن ئاددىيغىنە بالىلارھېكايىسىىدىن بىرنى بالىلارغا ئوقۇپ بەردى.
-«بالىلار» -دىدى، ئۇھېكايىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ، قولىدىكى كىتابنى كۆرسىتىپ-«بۇھېكايە دەل مۇشۇ كىتابقا يېزىلغان،بۇ كىتابنى بىر يازغۇچى يېزىپ چىققان، سىلەرمۇ چوڭ بولغاندا مۇشۇنداق كىتابلارنى يېزىپ چىقالايسىلەر.»
ئوقۇتقۇچى بىرئاز توختىۋالغاندىن كېيىن ، بالىلاردىن سورىدى:«ئاراڭلاردىن قايسى دوست، كۆپچىلىككە ھېكايە سۆزلەپ بىرەلەيدۇ؟»
ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەنلا، بىر كېچىك دوست ،ئورندىن تۇرۇپ:« مېنىڭ بىر دادام بار، يەنە بىرئاپام بار،…يەنە ،يەنە مەنمۇ بار،…» دەپ توختاپ قالدى. ئۇنىڭ يۇمران ئاۋازى زال ئىچىدە جاراڭلىدى.
ئەمما، ئوقۇتقۇچى بىرپارچە ناھايىتىمۇ سۈپەتلىك قەغەزگە، ئەستايىدىللىق بىلەن رەتلىك قىلىپ ،بۇ بالىنىڭ دېگەنلىرىنى خاتىرىلىۋالدى.
«ئەمدى، قايسىڭلار بۇ دوستۇڭلارنىڭ ھېكايىسىگە ماسلاشتۇرۇپ قىستۇرما رەسىم سىزىپ بىرەلەيسىلەر؟» دەپ سورىدى ،ئوقۇتقۇچى بايىقى بالىنىڭ ھېكايسىنى خاتىرىلەپ بولغاندىن كېيىن.
بىر كېچىك دوست ئورنىدىن تۇرۇپ،قەغەزگە بىر «دادا»،بىر «ئاپا» ۋە بىرنەپەر«مەن» نى سىزىپ چىقتى، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ سىزىغىنى ھېچبىر ئادەمگە ئوخشىمايتى.
ئوقۇتقۇچى يەنىلا ئىنتايىن ئەستايىدىل ھالدا، ئۇنىڭ سىزىپ چىققان رەسىمىنى بايامقى ھېكايە بىلەن بىرلەشتۇرۇپ تۈپلىدى،ئاندىن يەنە بىر پارچە كۆركەم قەغەز بىلەن بۇ «كىتاب»نى مۇقاۋىلىدى ھەمدە ئۇنىڭغا ئاپتۇرنىڭ نام-شەرىپىنى،قىستۇرما رەسىم ئىشلىگۇچىنىڭ نام –شەرىپىنى، «نەشىر»دىن چىققان يىل،ئاي-كۈنلىرىنى يېزىپ قويدى.
ھەممە ئىشلار پۈتكەندىن كېيىن ، ئوقۇتقۇچى بۇ«كىتاب»نى ئىگىزكۆتۇرۈپ شۇنداق دىدى:«بالام قارا، بۇ سەن يازغان تۇنجى كىتاب! بالىلىرىم ،كىتاب يېزىش ئۇنچە قېيىن ئەمەس، سىلەر تېخى بەك كىچىك، شۇڭا پەقەت مۇشۇنداق كېچىك كىتابلارنى يازالايسىلەر، لېكىن سىلەر چوڭ بولغاندىن كېيىن چوڭ كىتابلارنى يېزىپ، مەشھۇر ئادەملەردىن بولالايسىلەر!»
شۇنداق قىلىپ بۇ بالىلارنىڭ ئۆمرىدىكى تۇنجى سائەتلىك دەرىسى ئاياغلاشتى، بالىلار ئۆزلىرىمۇ تۇيمىغان ھالدا ئۆزلىرىنىڭ «قالتىس» ئىكەنلىكنى تونۇپ يېتىشتى.
-بۇ جۇڭگو دۆلەتلىك ئائىلە تەربىيسىى تورى بىزگە تەمىنلىگەن بىر ھەقىقى ھېكايىدۇر.
ۋەتەن تەرجىمىسى