مېنىڭچە ئادەمنىڭ ھاياتى بىرقانچە كۈنلۈك ساياھەتكە ئوخشاپ قېلىشى مۈمكىن، ئەگەر ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىز ياخشى بولمىسا نېمە قىلارىڭىزنى بىلمەيلا ۋاقىت توشۇپ كېتىدۇ.ئەلمىساقتىن تاكى بۈگۈنگە قەدەر ، ئۇلۇغلاردىن ماڭا قەدەر ياشاش ھەققىدە كۆپ سۆزلىدى ، بىراق ئادەملەر يەنىلا ئۆزى بىلگىنىچە ياشايدۇ ، چۈنكى ھاياتنىڭ قىلىپى يوق.لېكىن نېمىلا بولمىسۇن، ھەركىمنىڭ ھاياتىنىڭ ياخشى نەتىجىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ئەلۋەتتە.
تۆۋەندىكىلەرگە نەزەر ئاغدۇرۇپ باقايلى، مەن ۋە دوستلارنىڭ ھاياتلىق ئىمتىھان قەغىزىدە «0» نۇمۇر بولۇپ قالمىغاي ئىلاھىم.
پېلانىڭىز بار، شۇ ھەقتە ھەرىكىتىڭىز يوق = 0 ، پۇرسىتىڭىز بار، شۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتمىدىڭىز=0، پېلاننى ئەمەللەشتۇردىڭىز، لېكىن تاماملىيالمدىڭىز=0
بەلگىلىك قېممىتىڭىز بار، لېكىن نامايەن قىلالمىدىڭىز=0، ئېلگىرىلەش بار، بىراق تاقىتىڭىز يوق = 0، تېگىشلىك ۋەزىپىڭىز بار، لېكىن ئارتقۇرمىدىڭىز= 0
خىلى ئېقتىدارىڭىز بار، لېكىن جارى قىلدۇرمىدىڭىز=0، يېڭى ئىجادىيەتلىرىڭىز بار، بىراق جاكارلىمىدىڭىز=0، مول بىلىمىڭزبار، لېكىن ئىشلەتمىدىڭىز=0
ئىنىق نىشانىڭىزبار، ئەمما غەيرىتىڭىزيوق=0، بەدەل تۆلىدىڭىز، لېكىن تېگىشلىك جاۋابى يوق=0، پېرىنسپلىرىڭىز بار، لېكىن ئۇلارغا ئەمەل قىلالمايسىز=0
ئىرادىڭىز بار، ئەمما ئۇزاققا داۋام قىلالمايسىز=0، ئوتتەك قىزغىنلىقىڭىزبار، لېكىن تىكىشىڭىزيوق=0، قەتئىي نېيىتىڭىز بار، ئەمما قەتئىي ئىرادىڭىزيوق=0
ئىنىق تونۇشىڭىزبار، لېكىن ئىنىق پوزىتسىيىڭىز يوق =0، كۆڭلىڭىزدەريادەك بار، لېكىن كەمتەرلىكىڭىزيوق=0، ئەمىرلىرىڭىزبار، ئەمما ئىجرالىرىڭىزيوق=0
ئۇسۇل-چارىڭىزبار، ئەمما مەشغۇلاتىڭىزيوق=0، مەشغۇلاتىڭىزبار، بىراق ئۈنۈمدارلىقى يوق=0، كەڭرى سەھنىڭىز بار، ئەمما كۆرسەتكۈدەك ھۈنىرىڭىزيوق=0
ئىش-ئوقىتىڭىزبار، بەلگىلەنگەن مىقدارى يوق=0، ئۆلچەملىرىڭىز تولۇق بار، سىناپ تەكشۈرۈشىڭىز يوق=0، ياراتقان نەتىجىڭىزبار، ئەممائالقىىشڭىزيوق=0
قائىدە-تۈزۈملىرىڭىزبار، يۇرگۇزۇش چارىڭىزيوق=0، ئورۇنلاشتۇرۇشلرىڭىزبار، تەكشۇرۇشىڭىزيوق=0، تاماشىبىنلىرىڭىزبار، جەلىپكارلىقىڭىز يوق=0
كوللىكتىپىڭىزبار، ئەمما ھەمكارلاشقۇچىڭىزيوق=0، نەزەر-دائىرىڭىزبار، بىراق بايقىيالمىدىڭىز=0، مەسىلىلىرىڭىز بار، ئەمما ئۇنى ھەل قىلالمىدىڭىز=0
بىزنىڭ كونىلاردىن «گۇلدۇرى بار، يامغۇرى يوق» دېگەن ئىبارە قالغان ئىكەن ، يۇقارقىغا سالساق ئۇنىڭ تولۇق يېزىلىشى ئەلۋەتتە «گۇلدۇرى بار، يامغۇرى يوق=0» بولدىغان ئوخشىمامدۇ؟! ھايات قىسقا، شۇنداقلا ۋەدىسى ئىنىق ئەمەس. بىزنىڭ ئارمانلىرىمىز كۆپ، پىلانلىرىمىز نۇرغۇن، لېكىن قانچىلىك ئارمانغا يەتتۇق، قانچىلىك پىلانىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق؟ئالدىرايلى، قولىمىزدا بار نەق ئىشنى نەقلەشتۈرەيلى ،ھايات ئىمتىھانىدا «0» ئېلىپ قالمايلى …