بۈگۈن چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا، ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ،تور تەخەللۇسىنى «ئەينەك دېلفىن» دەپ ئاتىۋالغان بىر خەن كۆچمەن ئوقۇغۇچىنىڭ بىلوگىدا ئېلان قىلغان «جۇڭگولۇقلار ئامېرىكا مائارىپىدىن ئېلىشقا تېگىشلىك ئۆرنەكلەر» ناملىق يازمىنى ئوقۇپ چىقتىم ، بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرئىچىدە ئامېرىكا مائارىپىدىكى يادرولۇق ئۈچ ئىدىيە ئۈستىدە جۇڭگو مائارىپى ھەقىقەتەنمۇ ئويلىنىپ بىقىشى كېرەك دەپ قارىدىم.
ئامېرىكىلىقلارنىڭ مائارىپ ئىدىيىسىدىكى ئۈچ ئەڭگۈشتەر تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى. بىردۆلەتنىڭ ئۇزۇن تارىخى، شانلىق مەدەنىيەت ئىزنالىرى بولمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ، ئەمما ئۈنۈمدارلىقى يۇقىرى بولغان مائارىپى بولمىسا قەتئىي بولمايدۇ.
بۇ بولسا ئامېرىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم مائارىپ ئىدىيىسى ھېسابلىنىدۇ، جۇڭگولۇقلار دائىم ئامېرىكىنىڭ تارىخى بەك قىسقا دېيىشىدۇ، لېكىن كۆپ ساندىكى جوڭگولۇقلارئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زامان مائارىپ تارىخىنىڭ قاچان باشلانغانلىقىنى بىلمەيدۇ. سىز ئامېرىكا مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ قاچان قۇرۇلغانلىقى بىلەمسىز؟ئامېرىكا مائارىپ مىنىستىرلىكى 1867-يىلى قۇرۇلغان. مەن ئامېرىكىغا يېڭىلا ئوقۇشقا كەلگەندە خۇددى دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن قېرىنداشلارغا ئوخشاش ئۆزۈمنىڭ 5000يىللىق شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە ئەلنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى قالتىس ھېسابلايتىم، ئامېرىكىلىقلارنى بولسا ئوغرى -قاراقچى تەۋەككۈلچىلەرنىڭ پۇشتى دەپ قارايتتىم.
مەن ستانفورد ئۇنىۋېرسىتىتىغا بارغان، ئۇمۇ ئامېرىكىغا نىسبەتەن ياش ئۇنىۋېرستىت ھېسابلىنىدۇ،ئۇ 1888-يىلى رەسمىي تەستىقتىن ئۇتۇپ ئىش باشلىغان. بىزنىڭ جۇڭگودىكى ئۈچ مەشھۇر ئالى مەكتەپ بولسا مانجۇ خاقان گۇاڭشۈنىڭ بۇيرۇقى بىلەن 1896-يىللىرى قۇرۇلغان. ئامېرىكىلىقلارمائارىپنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى قوغلىشىدۇ، ئۇلار مائارىپنى بالدۇر ھەم ھەقىقىي ھالدا مۇھىم ئورۇنغا قويغان.
ئىككىنچى. ئەقىل-زېھىن بەزىدە تۇغما بولىشى مۇمكىن، ئەمما ئىلغارئادەم تەربىيىلەش ئارقىلىقلا يېتىشىپ چىقىدۇ.
ۋەتەن ئىلاۋىسى : مېنىڭچە دەل مۇشۇ ئىدىيە بىزنىڭ مائارىپ قۇبۇل قىلىشقا تېگىشلىك ،ھەم بىزدە ئەڭ كەم بولىۋاتقان ئىدىيە . بىز ئىلغارئادەملەرنى ئەمەس ، يەنىلائۈزلۇكسىز تۈردە مېڭىسىگە لىققىدە كىتابى بىلىم قاچىلانغان ئەمما ،ئادەم خىسلىتىدىكى يۈكسەكلىكلەردىن يىراقلاشقان«ئەلىيۇل-ئەلا» لارنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ىسمىنا قوشۇپ ئىشلەۋاتىمىز…
ئۈچىنچى . كېلىپ چىقىشىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي-نەزەر 6ياشتىن 16ياشقىچە بولغان ھەرقانداق ئۆسمۈر ھەقىقىي تۈردىكى مائارىپ تەربىيىسىدىن جەزمەن بەھرىمان بولىشى كېرەك. بۇنىڭغا توسالغۇ بولىدىغان ھېچقانداق شەرت يوق. ئەگەر بىربالا مائارىپ تەربىيىسىنىڭ سىرتىدا قالىدىكەن ئۇنداقتا دۆلەت ئۈچۈن بىر يارامسىز پۇقرا كۆپەيگەن ، بىر ئىجتىمائىي مەسىلە ئۇلغايغان بولىدۇ، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچى بىر كىشىلىك ئاجىزلىغان بولىدۇ!
مائارىپ ئۇقۇمى – ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدە يەنە«ئادەمنىڭ قايتىدىن يارىلىش جەريانى » دەپ قارىلىدۇ. شۇنداق ، مائارىپ ئادەمنىڭ قايتىدىن يارىلىش جەريانى ، بىزدىمۇ شۇنداق قارالغان چاغدا ئاندىن مائارىپ ئادىللىقى ئىشقا ئاشىدۇ،مائارىپ ئالدىدا ھەممە ئادەم باپ-باراۋەر بولىدۇ.