بەلكىم سىز باشلىقىڭىزياكى خوجايىنىڭىزبىلەن ناھايىتى ياخشى ئۆتىشىڭىز مۇمكىن، ھەتتائۇنىڭ ئالدىدا يۈزتۇرانە تۇرۇپ خىلى -خىلى گەپلەرنى قىلالايدىغانلىقىڭىزنى ئويلىغان چىغىڭىزدا ئۆزىڭىزگە«مەن ھەقىقەتەنمۇ قالتىس» دەپ باھا بەرگەنمۇ بولىشىڭىز ئېھتىمال. لىكىن شۇنى ئۇنتۇپ قالماڭكى، ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا سىز ئىتىراپ قىلمىسڭىزبولمايدىغان بىر رىئاللىق مەۋجۈت، ئۇبولسىمۇ«ئۇ سىزنىڭ رەھبىرىڭىز ياكى خوجايىنىڭىز، سىزئۇنىڭ يىتەكچىلىكىدىكى خادىم.»تۆۋەندىكى ئون خىل سۆزنى باشلىقىڭىزياكى خوجاينىڭىزئالدىدا ھەرگىزئىشلەتمەسلىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
1.بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭ
بەزىدە باشلىق ياكى خوجايىن سىزنى ئىشخانىسىغا چىقىشقا چاقىرغاندا، سىز بەلكىم قىلمىىسڭىزبولمايدىغان مەلۇم بىرئىش ئۈستىدە بولىشىڭىزمۈمكىن. ئەمەلىيەتتە باشلىق ياكى خوجايىن سىز قىلىۋاتقان شۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇھىم ئادەم، شۇڭا سىز ئۇئىشنى قويۇپلا دەرھال ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا چىقىڭ، ئەڭ ياخشىسى «بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭ»دېگەن سۆزنى قىلماڭ.
2.ئاپلا ! ئۇنتۇپ قاپتىمەن
سىز دائىم ئالدىراش خىزمەت قىلىۋاتقاچقا، ھەممە ئىشلارنى يادىڭىزدا ساقلىيالماسلىقىڭىز تەبىئىي ئەھۋال.ئەمماباشلىق ياكى خوجايىنلار سىزنىڭ ئۇنتۇپ قالغانلىقىڭىزدىن چوقۇم رەنجىيدۇ.شۇڭاسىز، بۇنداق ئەھۋالدا«مەن ھازىرقىلىۋاتىمەن، تېخى ئورۇنداپ بولالمىدىم» دىسڭىز بولىدۇكى ھەرگىزئۇدۇللا ئۇنتۇپ قاپتىمەن دەپ يەرگە قاراپ تۇرماڭ. بۇخۇددى، يىرىم بۇتۇلكا سۇنى «بۇتۇلكىنىڭ يىرىمى قۇرۇق» دېمەي بىلەن«بۇتۇلكىدا يىرىم سۇبار» دېگەنگە ئوخشايدۇ، بۇيەردە گەرچە ئىككىلى گەپ ئوخشاش مەندىە بولسىمۇ ، لىكىن ئىككىنچىسى ياخشىراق ئاڭلىنىدۇ.
3.بولمايدۇ!
باشلىقىڭىزياكى خوجايىنىڭىز سىزگەمەلۇم بىرۋەزىپىنى تاپشۇردى، ئەممابۇ سىز قىزىقىدىغان تۈر ئەمەس.ئەگەرسىزنىڭ راستىنلا قىلغىڭىزبولمىسا، سىزدىنمۇياخشى قىلالايدىغان باشقا بىرىنى كۆرسەتسىڭىزمۇ ياكى ئۆزىڭىزنىڭ باشقا بىر مۇھىم ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈستىدە ئىكەنلىڭىزنى ئىيتسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمماھەرگىزپوسۇققىنە:«بولمايدۇ!» دېمەڭ. بۇنداق جاۋابنى ھېچكىم ياقتۇرمايدۇ.
4.سىزبىلمەمسىز؟
كۆپ ساندىكى باشلىق ياكى خوجايىنلارئۆزىنى ھەممە ئىشنى بىلىمەن دەپ قارايدۇ، جۈملىدىن سىزۋە خىزمەت ئورنىڭىزدىكى بارلىق ئىشلارنى. ئەگەرسىزئۇلاربىلەن ئوخشىمايدىغان كۆزقاراشقا دۇچ كېلىپ قالسىڭىز، «بەلكىم سىزبۇئىشنى بۇرۇنلائويلىشىپ بولدىڭىز» دېگەندەك گەپلەرنى سىناپ بىقىڭ، بۇنداق قىلسىڭىزئۇلارسىزنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىدۇ. دېمەكچى بولغىنىم ئۇلارنىڭ كۆزقاراشلىرىنىڭ خاتائىكەنلىكنى ئۇدۇللا دەپ سالماڭ.
5. سىز كېچىكىپ قالدىڭىز!
ئىشقا كىچىكىش سىز ئۈچۈن ئاۋارىچىلىق بولغىنى بىلەن باشلىق ياكى خوجايىن ئۈچۈن ئېلىپ ئىيتقاندا ئۇبىر«ئىمتىياز»خالاس.ئەگەرئۇلارغا«سىز كېچىكىپ قالدىڭىز!»دېگەن سۆزنى ئىشلەتسىڭىز، ئۇلارسىزنى ئۆزلىرىنىڭ ئىش -ھەرىكىتىنى پايلاپ يۈرگەندەك چۈشەنچىدە بولۇپ قالىدۇ.
6. كېيىمىڭىزياراشماپتۇ
بەزىدە باشلىقىڭىزياكى خوجايىنىڭىزدۇنيادىكى ئەڭ «مەتۇ»بىرسىياقتا ياسىنىپ قىلىشى مۇمكىن، لىكىن بۇنى ئۇلارنىڭ يۈزىگە سالماڭ. چۈنكى ئىسىڭىزدە بولسۇن قانداق كىيىم كىيىش ھەركىمنىڭ ئۆزھوقۇقى.
7.ماشىنىڭىزنى سوقىۋەتتىم
ئەلۋەتتە، ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا سىز باشلىقىڭىزنىڭ ياكى خوجايىنىڭىزنىڭ ماشنىسىنى سوقۇپ قويىشىڭىز مۇمكىن، بۇ بولۇپ تۇرىدىغان ئىشلار، ئەمما بۇئىشنى ئۇلارغا ئىيىتىپ چۈشەندۇرىمەن دەپ تۇرىۋالماڭ، بىلىپ قىلىڭكى بۇ ئۇلارغادىيىىشكە قەتئىي بولمايدىغان گەپ.
8.تۈنۈگۈن كەچ مەيخانىدا خانىمىڭىزنى كۆرگەنگەن، سىزنى كۆرمىدىمغۇ؟…….
بۇنداق گەپلەر باشلىق ياكى خوجايىنغا قەتئى دىيىشكە بولمايدىغان سۆزلەردۇر، ئەگەردەپ سالسىڭىز كىسىپ ئىيتىمەنكى بۇ سىزنى نەس بىسىشنىڭ باشلىنىش مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ.
9.ئايلىق(يىللىق)كىرىمىڭىزقانچىلىك؟
بۇ ھەممەيلەننىڭ بىلگۈسى كېلىدىغان مەسىلە، ئەمما كۆپىنچە باشلىق ياكى خوجايىنلار بۇ ھەقتەسىزبىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆھبەتلىششنى ئانچەخالىمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى بۇ مەسىلىنى سورىمىغانلاياخشى.
10.ئىش ھەققىمنى ئۆستۈرۇپ بىرەلەمسىز؟
ئەگەر ئەخمىقانە ئىش قىلىپ قويماي دېسىڭىز، ياكى ئۆزىڭىزنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۆرۇشكە ھەقلىق دەپ ئويلىسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ئەتىراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بىرىپ، پۇت تېرەپ تۇرالىغۇدەك «باھانە» تىپىلغاندا ئاندىن مۇۋاپىق بىرپۇرسەت يارىتىپ ئاندىن بۇ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ.