• قوللانچى: پارول:

مىنى ھاياجانلاندۇرغان ئىران ھېكايەفىلىمى :«ئوۋچى»

بۈگۇن كۈچلۇك قىزىقىش تۈرتكىسىدە ئىران ھېكايە فىلىمى «ئوۋچى» نى كۆرۇپ چىقتىم. ئىران بىلەن گېرمانىيە بىرلىشىپ سۈرەتكە ئالغان بۇ فىلىم مىنى ھاياجانغا سالغان ئىككىنچى ئىران فىلىمى ھېسابلىنىدۇ.
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئىراننىڭ نادىربالىلارفىلىمى«ئاياق»نى كۆرگەندە شۇنداق ھاياجانغاتولغان ئىدىم.
بىزنى ئۆزئىچىگەئالغان دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بىرسىرلىق ماكان ھېسابلىدىغان ئىران يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاساسەن بالىلارتۇرمۇشىنى ئاساس قىلغان ئاددى ئەمما،كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چىكىدىغان بىر يۇرۇش كىنولىرى بىلەن ئۆزىنىڭ«ئىچكى دۇنيا»سىنى ئاشكارلاپ كەلمەكتە. ئۆزنۆۋىتىدە ئىراننىڭ خىلى كۆپ فىلىملىرى (ئاساسەن بالىلارفىلىملىرى) دۇنياۋى كىنوفېستۇۋاللىرىدا ئارقا-ئارقىدىن شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە.
پىقىرنىڭ شەخسى باھاسى بويىچە ئىيتقاندا: ئىران كىنولىرى قۇرۇلمىسى ئاددى ئەمما مەزمۇنى تىرەن.كۆرۇرمەن ئىختىيارى ھالدا كىنۇدىكى پىرسۇناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىغاجۆربولۇپ كىتىدۇ.

مەن تۆۋەندە 2010-يىللىق بىرلىن كىنوفېستۇۋالىدا ياخشى نەتىجىگە ئىرىشكەن مەزكۇر فىلىم«ئوۋچى»ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇر بىرىپ ئۆتەي:
كىنو نامى: پارىسچە: شىكارچى ئېنگىلىزچە:The Hunter
رىژىسسۇر:Rafi Pitts
باش رولدا:Rafi Pitts
قىسقىچە ۋەقەلىكى:
ئىرانداچوڭ سايلام بولۇش ئالدىدا كەچۈرۈم ئېلان قلىنغانلىقى سەۋەبىدىن، تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان ئەلى قويۇپ بىرىلىدۇ.ئۇ ئائىلىسىدىكى ئايالى ۋە ئەمدىلا ئالتە ياشقا كىرگەن ئوماق قىزى بىلەن جەم بولىدۇ. ئۇ ھەركۈنى ئىش ئورنىدىن كەچ قايتىدۇ ۋە ئارام ۋاقتىنى ئائىسىدىكىلەر بىلەن ئۆتكۇزىدۇ. ئەلىنىڭ يەنە بىر ئادىتى ئۇ شەھەرتۇرمۇشىدىكى تۈرلۈك بىسىملاردىن خالاس بولۇش ئۈچۈن ،بىكارۋاقىتلىرىدا شەھەر سىرتىدىكى ئورمانلىقتا ئوۋئوۋلاش بىلەن مەشغۇل بولاتتى.
بىركۈنى ئۇ ئىشتىن قايتىپ كىلىپ ئايالى بىلەن قىزىنىڭ يوقلىقىنى بىلىدۇ، شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپالمىغان ئەلى ساقچىلاردىن ياردەم سورىغان بولسىمۇ ئۈنىمى بولمايدۇ. كىيىن ئۇ ئايالى بىلەن قىزىنىڭ ئەسلىدە ساقچىلاربىلەن توپىلاڭچىلار(ئوخشاش بولمىغان سىياسى قاراشتىكىلەر) ئوتتۇرىسدىكى توقۇنۇشتا، ساقچىلارنىڭ ئوقىدا بىگۇناھ ئۆلۇپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ  قالىدۇ ..
شۇنىڭ بىلەن ئەلى قىساس كويىغا چۈشۈپ، تېزسۈرئەتلىك يولدا ئىككى ساقچىنى ئىتىپ تاشلايدۇ، لىكىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشكەن ئىككى قۇراللىق ساقچى ئۇنى تۇتىۋالىدۇ.
قالغان ھېكايە ئىككى ساقچىنىڭ ئەلىنى قىلىن ئورمانلىقتا يالاپ ئىلىپ مىڭىش جەريانىدا يۈزبىرىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا تەقدىرنىڭ ئاجايىپ بىرچاقچىقىنى كۆرىسىز(ئەڭ ياخشىسى كىنو مەزمۇنىنى مۇشۇنداقلا ئاياغلاشتۇراي، كۆرمەكچى بولغان دوستلار بولسا مەن ھەممىنى دەۋەتسەم تەمى قالمايدۇ)

مەن ئىلگىرى كۆرگەن ئىران كىنولىرى ئاساسەن بالىلاركىنولىرى ئىدى، بۇ كىنوغا بىرىلگەن باھالاردىن مەلۇم بولىشىچە كىنو ئوبزۇرچىلىرى «ئوۋچى» ئىران كىنوچىلىقىدىكى يېڭى بىر دولقۇننىڭ يېتىپ كىلىشىدىن دېرەك بىرىدۇ دەپ باھا بەرگەن.
مەن بۇ كىنودىن ناھايىتىمۇ كەسكىن بىر ئىجدىمائى(سىياسى) نارازىلىقنى كۆرۇپ يەتتىم، بەلكىم بۇ ئىراننىڭ نۆۋەتتىكى ئىجدىمائى جاراھەتلىرىنىڭ مەھسۇلى بولسا كېرەك.
——————–

بۇ كىنونىڭ خەنچە خەتلىك نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسى :
eee4.net





6 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • بۇ فىلىم ھەقىقەتەنمۇ ئىران كىنوچىلىقىدىكى يەنە بىر نادىر فىلىم ئىكەن

  • كىنو كۆرگىدەك ۋاقىتمۇ يوق ……. خەپ دەيمەن. :evil:

  • ماۋۇ كېنونى كۆرۈپ قويسام بولدىكەن، قالتىسدە!!! :lol:

  • بۇ كىنونىڭ ئۇچۇرىنى ۋەتەن بلوگىدىن كۆرۈپ، توردىن چۈشۈرۈپ قويغىلىمۇ 2ھەپتىچە بولغان ئىدى. بۈگۈن ئاخىرى كۆردۈم. دەرۋەقە ياخشى ئىشلەنگەن فىلىم ئىكەن. پۈتكۈل كىنودىكى دېئالوگلارنى خاتىرىلىسىمۇ 2بەتتىن ئاشماس. ئەمما باشتىن-ئاياغ مۇزدەك بىر خىل كەيپىيات ھۆكۈم سۈرۈپ، ئاخىرىدا بىرى تۇيۇقسىز سىلكىگەندەك بوپ قالدىم.

  • قاياش جاۋاب

    ئوئوۋچى ،،ھەققىدىكى تەسىراتىڭنى ئوقۇپ بۇ كىنۇنى كۆرگۈم كىلۋاتىدۇ

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif