سەبىر-تاقەتنىڭ چېكى بارلىقىنى ھەممىمىزبىلىمىز. لېكىن ھەر-بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ سەبىر-تاقىتىنىڭ چېكىنىڭ نەدىن-نەگىچە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىزغۇ دەيمەن. بۈگۈن مەن ۋەتەن بىلوگىنى زىيارەت قىلغان تورداشلارغا ھەم قىزىقارلىق ھەم توغرىلىق نىسبىتى يۇقىرى بولغان مەزكۇر سەبىر-تاقەت سىنىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەزكۇر سىناق مۇشۇنداقچىلا مەيدانغا كەلگەن ئەمەس، بەلكى پىسخۇلوگلار27000 كىشى ئۈستىدە سىناق ئېلىپ بېرىش ئارقىسىدا ھۇجۇتقا چىقارغان بولۇپ، ئۈنۈم ۋە ئىشەنچىلىك نىسبىتى %80تىن ئېشىپ كەتكەن. ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر سىناققا قاتناشقان ئادەملەرنىڭ 80% يۇقىرى ئاۋازدا توغرا چىقتى دەپ ۋارقىرىغان بولسا، قالغان 20% كىشى سىناق ئېلىپ بارغۇچىنىڭ دېرىزىسىنى چىقىۋەتكەن ياكى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ بىر مەخپىيەتلىكىنى بىلىۋالغانلىقىدىن قاتتىق نارازى بولۇپ، تىللاپ كەتكەن!
ھىم، ئۇنداقتا راست- يالغانلىقىنى بۇ سىناققا قاتناشقاندىن كېيىن بىلىپ قىلىشىڭىز مۇمكىن، قىنى مەرھەمەت؛
سىناقتىن ئاۋالقى قاتتىق تەلەپ : جەزمەن مۇھىتنىڭ تىنىچ بولىشىغا كاپالەت قىلىڭ ھەم ھەربىرباسقۇچتا ئېرىشكەن نومۇرنى توغرا خاتىرىلەپ مېڭىڭ، نومۇرنى جەملەپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن جاۋابنى كۆرسىڭىز بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى سۇئاللارغا ئىنچىكە ئويلىنىپ جاۋاب بېرىڭ.
سىناق باشلاندى! ( سائەتكە قاراشنى ئۇنۇتماڭ)
1.ئۆزىڭىزنى سەۋر-تاقەتلىك دەپ قارامسىز؟
ھەئە بولسا4نومۇر، ياق بولسا5نومۇر
2.سىزباشقىلارنىڭ سۆزىگە ئاسانلا ئىشىنەمسىز؟
ھەئە بولسا10نومۇر، ياق بولسا 5نومۇر
3.ئىشىڭىزنەتىجىلىك بولمىسا، جەزمەن قايتىدىن قىلامسىز؟
ھەئە بولسا 8نومۇر، ياق بولسا 5نومۇر
4.سىزچە، مىجەزىڭىز سالماق كىشىمۇسىز؟
ھەئە بولسا9نومۇر، ياق بولسا 6نومۇر
5. ۋاقىتنى بايلىق دەپ قارامسىز؟
ھەئە بولسا3نومۇر، ياق بولسا9نومۇر
6.مەلۇم جايغا تۇنجى بارغاندا، بۇرۇنمۇ كەلگەندەك ھېس قىلامسىز؟
ھەئە بولسا5نومۇر، ياق بولسا1نومۇر
7.ئەزەلدىن بېرىپ باقمىغان جايلارغابېرىپ بېقىشنى ياخشى كۆرەمسىز؟
ھەئە بولسا6نومۇر، ياق بولسا10نومۇر
8.ئەڭ ئامراق يېمەكلىكلىرىڭىزدىن زادى زىرىكمەمسىز؟
ھەئە بولسا7نومۇر، ياق بولسا4نومۇر
9.دائىم دېگۈدەك يولدىن ئادىشىپ قالامسىز؟
ھەئە بولسا 10نومۇر، ياق بولسا 7نومۇر
10.چۈشەنمەيدىغان مەسىلىلەرگە يولۇققاندا دەرھال باشقىلاردىن سورامسىز؟
ھەئە بولسا3نومۇر، ياق بولسا7 نومۇر.
نومۇر جەملەڭ!
جاۋابنى كۆرۈڭ
ھە! سىز ئاخىرى نومۇرىڭىزنى جەملەپ، دىئاگنوزنى كۆرىدىغان بولدىڭىز، بىراق تەسەۋۋۇرىڭىزدىكەك ئىش يوق. ئەمما سەبىر قىلىڭ بۇ ئىش تېخى تۈگىمىدى!
ئەمدى تەخمىنىي ھېسابلاپ كۆرۈڭ، سىناقنى باشلاشتىن بۇ جاۋابنى كۆرگۈچە ئارىلىقتا قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى؟
15سىكۇنت كەتكەن بولسا، سىزبەك زىرەككەنسىز، ئەمما سەبىر-تاقەت قىلىش جەھەتتە بەكلا ناچار دېيىشكە بولىدۇ.
16~30سىكۇنت ۋاقىت كەتكەن بولسا سىزنىڭ زىرەكلىكىڭىزۋە سەۋر-تاقەت ئىقتىدارىڭىزئادەتتىكىچە ئىكەن، تېرىشىڭ!
31سېكۇنتتىن يۇقىرى بولسا،بىر سۆرەلمە ئىكەنسىز ئەمما سەۋر-تاقىتىڭىزھەرھالدا بولىدىكەن، مۇشۇ ھالەتنى ساقلاپ قالسىڭىزمۇ ياخشى ئىش.
10مىنۇتتىن كۆپ ۋاقىت كەتكەن بولسا، سەۋر-تاقىتىڭىزدەرىجىدىن تاشقىرى بولۇشتىن باشقا سۆرەلمىلىكتىمۇ ئۇچىغا چىقىپسىز!
20مىنۇتتىن ئوشۇق ۋاقىت كەتكەن بولسا، سىز بىر قىپ-قىزىل ئەخمەق!
…………
سىناق مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى، ئەمدى ئىچىڭىزدە بۇ ئادەم ئەخمەق قىلىشقۇ دەپ ئويلاۋاتقانسىز؟ ياق، ئىنچىكە تەھلىل قىلىڭ. ھېس قىلغانلىڭىزنى ئورتاقلىشايلى.
close