• قوللانچى: پارول:

ئەنگىلىيىلىكلەر بالىلىرىغاھەممىدىن ھاياتنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدىكەن

ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىگە ئائىت بىرپارچە خەنچە ماقالىنى ئوقۇپ چىقتىم، ئۇنىڭدا ئېيتىىشىچە ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ بالا تەربىيىسىدە، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ھەممىدىن ھاياتنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ تۇرىدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئون جۈملە تەرجىمە قېلىنىپ، تورداشلارغا سۇنۇلدى.

بىرىنچى. بىخەتەرئۆسۈپ يېتىلىش ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىنمۇ مۇھىم.
بالىلارغا ئۆز ھوقۇقلىرىنى ئىشلىتىش لازىملىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك دەيدۇ ئۇلار، مەسىلەن؛ نەپەسلىنىش ھوقۇقى( ئارام ئىلىشنى دېمەكچى )، ياشاش ھوقۇقى، خۇسۇسىيەت ھوقۇقى ..قاتارلىقلارغا باشقىلارنىڭ دەخلى-تەرۇز قىلىش ھەققى يوق. بىخەتەرلىك ھەممىدىن مۇھىم.

ئىككىنچى.ھېچكىمنىڭ ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرى بىلەن ئېيتىشىش ھەققى يوق
بالىلار بىلىش لازىمكى، تەن ئۇلارغا شەكسىز تەۋە، تەننىڭ مەلۇم جايلىرىنىڭ كېيىم بىلەن يېپىلىشى ، باشقىلارنىڭ كۆرسە بولمايدىغانلىقىدىن ، تۇتسا بولمايدىغانلىقىدىندۇر. بالىلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئۆزىنى سۆيۈشى ۋە سىيلىشىنى رەت قىلىش ھوقۇقى دەخلىسىزدۇر.

ئۈچىنىچى. ھاياتلىق بىرىنچى، مال-مۆلۈك ئىككىنچى
كۆپىنچە بالىلار يامان نىيەتلەرنىڭ مەلۇم بۇيۇمىنى ئېلىۋىلىشى، بۇزۇۋىتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، چۈنكى بۇنىڭلىق بىلەن ئۆيگە قايتقاندا ئاتا-ئانىسىدىن تىل-دەشنام يېيىشىدىن بەك قورقىدۇ. بۇخىل ئەھۋاللارغا يولۇققاندا يالغانچىلىق قىلىدۇ. بىر بالىنىڭ ۋېلىسپىتىنى قوغداش ئۈچۈن يارىلىنىشى ئەقىلغە مۇۋاپىق ئەمەس، شۇڭا بالىلارغا ھاياتنىڭ مال-مۆلۈكتىن شەكسز مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك.

تۆتىنچى. كىچىك مەخپىيەتلىكلەرنى ئاتا-ئانىسى بىلەن ئورتاقلىشش
ئەگەر بىر ئۆسمۈر باشقىلارنىڭ بېمەنە پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىسا، ۋاقتىدا مۇۋاپىق يېتەكلەش ئېلىپ بارمىغاندا، بۇخىل پاراكەنچىلىك تۇيغۇسى كېينكى ۋاقىتلاردا ئويلاپ باقمىغان پىسخىكىلىق توسالغۇلارنى پەيدا قىلىشى، ھەتتا بىر ئۆمۈر قارا سايە تاشلىشىمۇ مۇمكىن . شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلار بىلەن سىردىششقا بەك ئەھمىيەت بېرىشى بەزى كىچىك مەخپىيەتلەرگە سەل قارىماسلىقى كېرەك.

بەشىنچى. باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى رەت قىلىش ھوقۇقىنى يۇرگۇزۇش
بۇ نۇقتىنى بىزمۇ ككپ تەكىتلەيمىز، ئەمما ئوخشىمايدىغان يىرى بىز بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا ئۆگەتسەك، ئەنگىلىيىلىكلەرنى بۇنى ئۇلارنىڭ ھوقۇقى سۈپىتىدە تونۇتىدىكەن. مەسىلەن؛ ناتونۇش كىشلەربەرگەن ئىچىملىكنى ئىچمەسلىك ھوقۇقى، ناتونۇش كىشلەربەرگەن يېمەكلىكنى يېمەسلىك ھوقۇقى…قاتارلىقلار.

ئالتىنچى .ناتونۇش كىشلەربىلەن پاراڭلاشماسلىق
بالىلارنىڭ ناتونۇش كىشلەر بىلەن پاراڭلاشماسلىق ھوقۇقى بار. يوچۇن كىشىلەر ئۇلارغا سۆزئاچقاندا، ئۇلار قەستەن ئاڭلىماسلىققا سېلىش، ياكى دەرھال قېچىپ كېتىش قاتارلىق چارىلەرنى قوللانسا بولىدۇ.كىچىك بالىلارنىڭ باشقىلارغا ياردەم قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق، ئۇلار يوچۇن كىشلەرگە ئىشىك ئىچىپ بەرمىسە، بۇ ئەلۋەتتە ھۆرمەتسىزلىك بولمايدۇ.

يەتتىنچى .خەتەرگە يولۇققاندا ئەينەك چاقسىمۇ، جاھازىلارنى بۇزسىمۇ بولىۋىرىدۇ

بۇيەردە دېمەكچى بولغىنى بالىلار ئۆزىنىڭ ھاياتىنى خەتەردىن قوغداش ئۈچۈن ، بارلىق مەۋجۈت قائىدە-چەكلىمىلەرنى بۇزۇپ تاشلىىسا تامامەن بولىدۇ.

سەككىزىنچى. خەتەرگە يولۇققاندا ئۆزىنى قۇتقۇزۇش مۇھىم
يامان نىيەتلىكلەرگە ئۇچىراپ قىلىش، يەرتەۋرەش، ئوت ئاپىتى…قاتارلىقلارغا يولۇققاندا ئىككىلەنمەي ئەڭ ئاۋال ئۆزىنى خەتەردىن ئېلىپ قىچىشى، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ساقچىغا مەلۇم قىلىش..قاتارلىقلاردا چوڭلارنىڭ يېتەكچىلىكىنى كۈتۈپ تۇرماسلىق كېرەك.

توققۇزىنچى. بۇزۇق كىشىلەرنىڭ سىرىنى ساقلىماسلىق
باشقىلارغا ۋەدە بېرىش بىلەن باشقىلارنىڭ تەھدىتى بىلەن شەكىللەنگەن سىر ساقلاشنىڭ تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى بالىلار بېلىشى كېرەك. ئەگەر بالىلارنى باشقىلار بوزەك قىلسا، بۇ ئىشنى جەزمەن ئائىلە باشلىقلىرىغا ئېيتىشى كېرەك.

ئونىنچى . ئەسكىلەرنى ئالداش ئەخلاقسىزلىق ئەمەس
يامان كىشىلەرگە يولۇققاندا راست گەپ قىلىش ئاقىلانىلىق بولماسلىقى مۇمكىن، ئەقىل ئىشلىتىشنى بىلگەن بالا -ھەقىقى ياخشى بالا.





باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif