ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان كوكاكولا ئۇزۇندىن بۇيان ئىچىملىك ساھەسىدىكى ئىمپېراتورلۇق ئورنىنى ساقلاپ كەلمەكتە.ئۇيەنە مەلۇم نۇقتىدا غەربتىن كەلگەن زامانىۋى تۇرمۇش ئېستىمالىنىڭ بىربەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. ئېسىمدە قىلىشىچە يېقىنقى يىللاردىن بىرى توردۇنياسىدا كوكاكولا ھەققىدە تۈرلۈك ئوخشىمغان قاراشلار، خەۋەرلەر تارقىلىپ كەلدى، مۇنازىرىلەر بولۇپ تۇردى. جۈملىدىن بىزنىڭ ئۇيغۇربېكەتلىرىدىمۇ كوكاكولانى مۇسۇلمانلارئېستىمال قىلسا بولدىغان-بولمايدىغانلىقى ھەققىدە خىلى كۆپ ئۇچۇرلارتارقىلىپ كەلمەكتە. ئەلۋەتتە بۇ نۆۋەتتە يەنىلا مۇنازىرە ئۈستىدىكى مەسىلىلەر خالاس، بىزبۈگۈن بۇيەردە ئۇمەسىلىنى ئەمەس، بەلكى كوكاكولاغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مەخپىيەتلىكلەرنى ئاشكارىلايمىز.
1.بىلەمسىز كوكاكولانىڭ رەڭگى ئەڭ دەسلەپ يېشىل ئىدى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كوكاكولا«قىزىل رەڭلىك ئىمپېرىيە»دەپ نام ئالدى.
2.كوكاكولانى تازىلىق ئۆيىنى تازىلاشقا ئىشلەتكىلى، ياغ داغلىرىنى يۇيۇشقا، يەنەداتلىشىپ كەتكەن تۆمۈر مىخنى تازىلىغىلى بولىدۇ.
3.كوكاكولا ئەڭ دەسلىۋىدەJohn Pemberton تەجرىبىخانىسى تەرىپىدىن باش ئاغرىقىنى داۋالاشتا قوللىنىلغان، بەلكىم بۈگۈنكى كۈندە بىزئاڭلاۋاتقان«كولادىن قورقۇش كېسىلى «ئەشۇ باش ئاغرىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن كولانى تولا ئېچىپ خۇمار بولۇپ قالغان كىشلەرھەققىدىكى خەۋەرلەرنى مەنبە قىلغان بولىشى مۇمكىن.
4.كوكاكولانى مېدۇزا قاتارلىق بەزى دېڭىزجانلىقلىرى پەيدا قىلغان زەخمىلەرنى داۋالاشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
5.«OK»دىن قالسىلا دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئادەم بىلىدىغان ئېنگىلىزچەسۆز دەلCoca Colaدۇر.
6.نىئاگاراچوڭ شارقىراتمىسىنىڭ ھەرسىكۇنتلۇق سۇ مىقدارى1.5مىليون گالۇن، ئەگەركوكاكولانىڭ مەھسۇلات مىقدارى بويىچە نىئاگاراشاقىراتمىسىدىن ئېقىتساق38سائەت46مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىنىدۇ.
7.كوكاكولاسوغۇق ئىچىملىك، ئەمما بىرقىسىم دۆلەتلەردىكى كىشلەر كوكاكولانى ئىسسىتىپ زۇكامنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.
1905-يىلىدىن ئىلگىرى كوكاكولانىڭ تەركىبىدە مەلۇم مىقدارداcocaine (كوكائىن) باربولۇپ، كېيىن جامائەت پىكىرى بېسىمىنىڭ تەسىرىدە بۇتەركىپ چىقىرىۋېتىلگەن.
9.كوكاكولانىڭ 206دۆلەت ۋە رايوندا9مىليوندىن ئارتۇق مەخسۇس سېتىش تور-نۇقتىسى بار، كوكاكولا سېتىش نۇقتىسى باربولغان دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەرتەشكىلاتىنىڭ ئەزاسىدىن كۆپ. كوكاكولا ھەريىلى سېتىشتىن يارىتىلغان بىۋاستە قىممەت 600مىليارد ئامېرىكا دوللىرى.
10.سىزبىلمەيدىغان يەنە بىرئىش شۇكى ھەرسىكۇنتتا پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا10500قۇتاكوكاكولا ئىچىلىدۇ. غايەت زورئېستىمال تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھەرقايسى جايلاردىكى كوكاكولا شېركەتلىرى ھەركۈنى1مىليۇن600مىڭ ئۈنسىيە كوكاكولا ئىشلەپچىقىرىشى كېرەك.
ۋەتەن تەرجىمىسى