• قوللانچى: پارول:

ئى تۇغان تىل (ئاناتىل)

بۇ ناخشىنى مەن 2009 -يىلى youtubeدا ئۇچرىتىپ قىلىپ چۈشۈرۈپ قويغان ۋە كېيىنچە سنابلوگ سۇپىسىدا ئاچقان بلوگىمغا چىقىرىپ قويغان ئىدىم ، بۈگۈن شۇ بلوگىمدىكى كونا ئەستلىكلەرنى ئاختۇرىۋىتىپ يەنە ئاڭلاپ قالدىم…
«ئى تۇغان تىل»(ئاناتىل) تاتارزىيالىيسى غابدۇللاتوقاينىڭ ئەسىرى بولۇپ ،بۇ شېئىرىدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئاناتىلىغا بولغان چوڭقۇرمۇھەببىتىنى ئاددىيغىنا مىسرالاردا يارقىن ئىپادىلەپ بەرگەن.تاتارلارنىڭ تارىخى كەچمىشلىرى بىزبىلەن ئورتاقلىقلارغا ئىگە بولۇپلا قالماي ، ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئويغىنىش ۋە ئاقارتىش ھەرىكەتلىرىدە تاتارزىيالىيلىرىنىڭ تۆھپىسى ھەم ئازئەمەس..

تۇغان تىل
غابدۇللا توقاي
ئى تۇغان تىل ،ئى ماتورتىل ،
ئەتكەم،ئەنكەمنىڭ تىلى.
دۇنيادا كۆپ نەرسە بىلدىم،
سىن تۇغان تىل ئارقىلى.

ئىڭ ئىلىك بۇ تىل بىلەن،
ئەنكەم بىشىكتە كۈيلەگەن.
ئاننارى تۈنلەرى بويى،
ئەنكەم خىكەيەت سۈيلەگەن.

ئى تۇغان تىل ھەر ۋاقىتتا ،
ياردەمىڭ بىرلەن سېنىڭ .
كىچىكنەدەن ئاڭلا شىلغان،
شاتلىغىم ،قايغىم مېنىم.

ئۇيغۇرچىسى

ئاناتىل
غابدۇللا توقاي

ئىھ ئاناتىل،ئىھ گۈزەل تىل،
ئاتا-ئانامنىڭ تىلى.
دۇنيادا كۆپ نەرسە بىلدىم،
سەن ئاناتىل ئارقىلىق.

ئەڭ بۇرۇن بۇتىل بىلەن،
ئانام بۆشۈكتە ئەللەيلىگەن.
شۇنداق كېچە تۈنلىرىدە،
ئانام ھېكايە سۆزلىگەن.

ئىھ ئاناتىل ھەرۋاقىتتا،
ياردىمىڭ بىلەن سىنىڭ .
كىچىكىمدىن ھەمراھ بولغان،
شادلىقىم ،قايغۇم مىنىڭ.





11 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • تاتار خەلقى تۈركىي قەۋملەرنىڭ پىكرى ئويغىنىشىدا مىسلىسىز تۆھپە قوشقان ئۇلۇغ خەلق. غابدۇللا توقاي تاتارلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى. تاتار خەلقىگە، غابدۇللا توقايغا ئىھتراملار بولسۇن!

    • weten

      شۇنداق ، ئىلگىرى بىزنىڭ مەھەللىدە نەچچە ئۆيلۈك تاتارقىرىنداشلار بارئىدى، ئۇلارنىڭ ھۈنەرچانلىقى، پاكىزىلىقى، تۇرمۇشىنىڭ تەرتىپلىكى ئادەمنى سۆيۈندۇرىدۇ.

  • كارىز جاۋاب

    ئابدۇللا توقاينىڭ «ئانا تىل»لى ھەر ۋاقىت يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالىدۇ. 1930- يىللاردا ئۈرۈمچىدە تاتار مەكتەپتە ئوقۇغان تۇغقىنىمنى زىيارەت قىلغان چاغدا بۇ شىئېرنى ۋە «كەپەلەك» دېگەن شىئېرنى ناھايىتى راۋان ئەسلى ئاھاڭى بويىچە ئوقۇپ بەرگەن ئىدى. «ئابدۇللا توقاي يىلى»نى ئابدۇللا توقاي ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ خاتىرلەيلى. تېما ئىگىسىگە رەھمەت.

  • ئابدۇللا توقاي ئۇيغۇر زىيالىلىرى ۋە ئەدىپلىرىگە ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن قېرىنداش مىللەت شائىرىدۇر. جۈملىدىن ئۇنىڭ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرىدىكى تەسىرى ناھايىتى ئېنىق ۋە زور. مەسىلەن، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ « باردۇر » شېئىرىدىكى مەزمۇن ۋە ئېستېتىك ئاھاڭ ئابدۇللا توقاينىڭ « بىزدىن ئورۇنسىز يامانلالەر » شېئىرىغا ياندىشىدۇ…مەدەنىيىتىمىز ۋە ئەدەبىياتىمىزدا يۇقىرىقى ئىككى ئەدىپتىن باشقا نۇرغۇنلىغان ئەدىپلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئابدۇللا توقايدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى قەيت قىلىشىدۇ،ئېنىقكى، ئابدۇللا توقاي تاتار شائىرى بولسىمۇ ئۇنىڭ يولى ۋە روھى ئۇيغۇرنىڭ 20- ئەسىر تارىخىدىكى نۇرلۇق ماياكلارنىڭ بىرى دەپ ئېيتساقمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ.

  • weten جاۋاب

    غابدۇللاتوقاي(ئابدۇللاتوقاي دەپ ئاتاش دۇرۇسمۇ؟) يىلىغا مۇبارەك بولسۇن!

  • مەن ئۇيغۇرچە ئاتاۋەردىمغۇ…. :-|

  • غابدۇللا توقاي ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى شېئىرلىرىدىن ئۆرنەكلەر

    غابدۇللا توقاي

    ساداقەت بىزدە يوقمىش، بولماسا يالغانىمىز باردۇر،
    نىفاق ۋىستافكاسىندا )ئىتتىپاقسىزلىق( كۆپ مېدال ئالغانىمىز باردۇر.
    نەزافەتكە رېئايەت يوق ئىمىش بىزدە، نە بوھتاندۇر،
    ئانىڭچۈن يۇرت سايىن بىزنىڭ بىرەر قۇمغانىمىز باردۇر.
    سانائەت يوق، ھۈنەر يوق دېب يامانلىيلار ئورۇنسىزغا،
    يەھۇدىيدىن جىڭىل مال تاپقۇچى ئىشانىمىز باردۇر.
    خۇدوژنىكلار ۋە رەسساملەردە باردۇر، يوق دېيەلمەسلەر،
    مەدىنە، مەككىدە تۈرلى بوياۋ ساتقانىمىز باردۇر.
    تاغىن بىزدە ئىلىم-پەن ئەھلى — زىيالىيلار يوق دېيلەر،
    ئوتۇز يىللاپ بۇخارا — قاراغاسىدا تۇرغانىمىز باردۇر.

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

    يەنە يۇرت پايداسىغا جەمئىي بولماقلىق بەسىي مۈشكۈل،
    ئەگەر بىر يەردە توي بولسا، بارىب ياتقانىمىز باردۇر.
    ئومۇمنىڭ پايداسىنى يۈز يىلدا ھەم ئەسلا چۈشەنمەيمىز،
    زىيان قىلماق ئۈچۈن بولسا، ئەقەب چاققانىمىز باردۇر.
    بىرى بىر ياخشىلىق قىلسا، ئۇنىڭ يادىنى قىلماق يوق،
    ئېپى كەلسە بارىب ئەۋرەتلىرىن ئاچقانىمىز باردۇر.
    خاتائەن بىر دوستىمىزدا بىر ئەيىب زاھىر بولۇپ قالسا،
    يوشۇرماي، بىرگە ئوننى تاپىب قاتقانىمىز باردۇر.
    بابالار شۆھرىتىنى، غەيرەتىنى ھېچ سېغىنماسمىز،
    قالىب غەفلەت، جاھالەتتە يۇمۇپ كۆز، لاپ ئاتقانىمىز باردۇر.
    خۇشامەت بابىدا بىزدىن بۆلەك ئۇستاسى ھەم يوقتۇر،
    قۇۋلۇقۇ-شۇملۇق بىرلە رەڭمۇ رەڭ يالغانىمىز باردۇر.
    قىزىل كۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك ۋەيا ئۆزى قىلالماسلىق،
    قىلاي دەپ باغلاغانغا بەل تۈمەن بوھتانىمىز باردۇر.

  • 哈,,不错调转过来了……

    • weten

      نېمىلەرنى دەيدىغانسەن؟ :???:

  • نىماندا يوقاپ كېتىدىكىن دىسەم ! يەنە ئۆ كۆچۈپسىزدە ! يارىشىپتۇ !

  • بۇ ئانا تىل بولسا گەر، ئامېرىكايۇ-ئافرىقىدا،
    سەرپ ئېتىپ مىڭلارچە تىللا، ئاندا مەن بارغۇم كېلۇر.
    -قۇتلۇق ھاجى شەۋقى

    بلوگىمىزدىكى مۇنۇ يازما ئانا تىل ھەققىدە زامانداشلىرىمىزغا قىلىنغان تەخىرسىز چاقىرىقتۇر:

    http://www.qismet.me/ana_til.html

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif