• قوللانچى: پارول:

فىرانسىيىلىك«بارباپاپا»لاريادىڭىزدىمۇ؟

بلوگىمدا يېڭىدىن بىر بالا سەھىپە پەيدا بولۇپ قالدى.»كارتۇن دۇنياسى»ئاتلىق بۇ سەھىپە بۇندىن كېيىن كارتۇن فىلىم مەستانىلىرىغا ئازغىنە بولسىمۇ شاتلىق بىغىشلىشى مۈمكىن.
كارتۇن‏- بىرسىھرىي كۈچكە ئىگە  سەنئەت دەپ قارايمەن، گەرچە يىشىم 30دىن ھالقىغان بولسىمۇ،ھېلىھەم بالا چاغلىرىمدىكى كارتۇن كۆرۈش ھەۋىسىمدىن قالغىنىم يوق. ھازىر پات-پات ئىككى قىزىمغا ھەمراھ بولۇپ،كارتۇن دۇنياسىدىكى ئەشۇ ئوماق ھېكايىلەردىن بىللە ھوزۇر ئالىمەن. ئەلۋەتتە كارتۇن كۆرۈشتىمۇ »نادىر»لىرىنى تاللاپ كۆرۈش بەك مۇھىم.


بلوگنىڭ»كارتۇن دۇنياسى»سەھىپىسىدە ھەر ھەپتىدە بىردىن -ئىككىگىچە نادىركارتۇنلاركۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۆشۈپ تۇرغۇسى.
بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان كارتۇن، كىلاسسىك كارتۇن فىلىملەردىن بىرى بولغان »بارباپاپا»دۇر.

بۇ ئىنتايىن ئوماق ئىشلەنگەن   كارتۇن فىلىم بولۇپ، مەن بىلەن بىر دىمەتلىكلەرنىڭ يادىدا بولسا كېرەك،-90يىللارنىڭ باشلىرىداخەن تىلىدىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن ئانچە-مۇنچە كۆرۇپ تۇراتتۇق.
مەزكۇر كارتۇن فىلىمنىڭ قىسقىچە ئۇچۇرلىرى تۆۋەندىكىچە:
ئەسلى نامى: Barbapapa
خەنچە نامى:巴巴爸爸
دۆلەت تەۋەلىكى :فىرانسىيە
ئىشلەنگەن ۋاقتى :1975-يىلى )Polyscopeشېركىتى ئىشلىگەن(
فىلىم ھەجىمى: جەمئى 45قىسىم)ھەربىر قىسمى 5مېنۇت(
بارپاپاپا- بولسائەسلى فىرانسىيىنىڭ ئاتاقلىق ھەجىۋىي رەسسامىAnnette Tisonۋە ئۇنىڭ ئىرىTalus Taylorلارنىڭ پاختا كەمپۈتنىڭ شەكلىگە ئاساسەن ئىجاد قىلغان ھەجىۋىي كارتۇن ئوبراز بولۇپ،كېيىن كارتۇن فىلىم قىلىپ ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەندىن كېيىن كۆرۆرمەنلەرنىڭ ئىنتايىن ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن.
بارپاپاپا بىرئائىلە ئەزالىرى خىلمۇ-خىل نەرسىلەرنىڭ شەكلىگە كىرەلەيدۇ.بارپادادا بىلەن بارپائاپىنىڭ يەتتە بالىسى بولۇپ،ھەرقايسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقلىرى بار.فىلىمدە بارپا پاپا ئائىلىسى ئەزالىرى ئارا ھەمدە ئۇلار بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا نۇرغۇنلىغان قىزىقارلىق ۋەقەلەر يۈزبىرىدۇ.
مېنىڭچە مەزكۇر كارتۇن فىلىم 3ياشتىن5ياشقىچە بالىلارنىڭ كۆرۇشىگە بەك ماس كېلىدۇ،چۈنكى ئۇنىڭدىكى ئوبرازلار بەكلا ئوماق يىقىملىق،ۋەقەلىكلەرئاددىي-قىزىقارلىق.
‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-
چۈرۈش ئادىرىسى:

http://www.verycd.com/topics/57870





باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif