• قوللانچى: پارول:

سىزنىڭ ئورنىڭىز: خەتكۈچ بېتى

سىز «كارتۇن» خەتكۈچىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

مەن ئۇزۇندىن بۇيان ئىزدەۋاتقان كارتۇن فىلىم-«مېم»

خىلى ۋاقىتلاردىن بىرى مەن ئىزچىل تۈردە دېرىكىنى قىلىۋاتقان بىر كاتۇن فىلىم بار، ئۇ بولسىمۇ ياپونىيىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كارتون فىلىمى -«مېم».  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى بالىلىق مەزگىللىرىنى باشتىن كەچۈرگەنلەرنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك،شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان «مېم» ...

بالىلىقىمىزدىكى يەنە بىرنادىر كارتون «قارىغۇچاشقاننىڭ ھېكايىسى»

بالىلىق مەزگىللىرىمىزدە ئۇچراشقان كارتون فىلىملەرئىچىدە ئەڭ بۇرۇن كۆرگەنلىرىمىزنىڭ بىرى دەل سابىق چېخ-سلوۋاكىينىڭ «قارىغۇچاشقاننىڭ سەزگۈرەشتىسى» بولسا كېرەك. مەزكۇر كارتون فىلىم ھەقىقەتەنمۇ دۇنيا مىقىياسىدىكى كلاسسىك ،نادىر كارتون فىلىملەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

فىرانسىيىلىك«بارباپاپا»لاريادىڭىزدىمۇ؟

بلوگىمدا يېڭىدىن بىر بالا سەھىپە پەيدا بولۇپ قالدى.»كارتۇن دۇنياسى»ئاتلىق بۇ سەھىپە بۇندىن كېيىن كارتۇن فىلىم مەستانىلىرىغا ئازغىنە بولسىمۇ شاتلىق بىغىشلىشى مۈمكىن.
كارتۇن‏- بىرسىھرىي كۈچكە ئىگە  سەنئەت دەپ قارايمەن، گەرچە يىشىم 30دىن ھالقىغان بولسىمۇ،ھېلىھەم بالا چاغلىرىمدىكى كارتۇن كۆرۈش ھەۋىسىمدىن قالغىنىم يوق. ھازىر پات-پات ئىككى قىزىمغا ھەمراھ بولۇپ،كارتۇن دۇنياسىدىكى ئەشۇ ئوماق ھېكايىلەردىن بىللە ھوزۇر ئالىمەن. ئەلۋەتتە كارتۇن كۆرۈشتىمۇ »نادىر»لىرىنى تاللاپ كۆرۈش بەك مۇھىم.