قاراپ باقسام بىلوگدا پىسخىكىلىق سىناق ھەققىدىكى يازمىلارنى يوللىمىغىلى ئۇزۇن بولغاندەك قىلىدۇ، شۇ سەۋەب بىلەن بۈگۈن بىرسىناق تېمىسى كۆپچلىككە سۇندۇم. سىزنىڭ دوست تۇتۇش پىرىنسىپىڭىز نېمە؟ سىز قايسى خىلدىكى دوستلىرىڭىزغا بەكەرەك ئەھمىيەت بېرىسىز؟… بەلكىم، بۇ ھەقلەردە ئويلىشىپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئۇنداق بولسا تۆۋەندىكى سىناققا قاتنىشىپ ئۆزىڭىزگە دىئاگنوز قويۇپ بېقىڭ.
مەزمۇنى:
سىز ئۆي ئىجارە ھەققىنى ۋاقتىدا تاپشۇرالمىغان سەۋەبلىك، ئادەمگەرچىلىكنى بىلمەيدىغان ئۆي ئېگىسى تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلدىڭىز. كوچىدا شۇنچە پەرىشان كېتىپ بارغىنىڭىزدا، بىر دوستىڭىز ئۇچىراپ قالدى ھەمدە ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن ،سىزنى ئۆزئۆيىدە بىركېچىنى ئۆتكۈزىۋىلىشقا تەكلىپ قىلدى.
سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاسىڭىز:
A. سېنىڭدىن ھەقىقەتەن مېننەتدار بولدۇم
B. بولدى، مەن مېھمانخانىغا ئورۇنلىشاي
C. ياخشى بولماسمىكىن، سىنى ئاۋارە قىلماي بولدى
سىزقايسى جاۋابنى تاللايسىز، دەرھال جاۋاب بېرىڭ. جاۋابىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن جاۋابىنى كۆرەلەيسىز.