• قوللانچى: پارول:

ئۇتۇق قازىنىشقا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ

بىركېچىك شىياۋلىن مۇرىتىنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق ئىبادەتخانىدىكى بارلىق مۇرتلارئىچىدە ئەڭ ئالاھىدىسى بولۇش ئىستىكى بەكلاكۈچلۇك ئىدى .ئۇ بىر كۈنى پۇرسەت تىپىپ ،ئۇستازىدىن كۆڭلىدىكى بۇ تۈگۈن ھەققىدە سوئال سوراشقا مۇۋەپپەق بولدى ؛

- ئۇستاز ، يەنە نەچچە يىلدا ئەڭ ئالاھىدە ماھارەت ئىگىسى بولالايمەن ؟

- يەنە ئاز دېگەندە 10 يىلدا -دەپ جاۋاب بەردى ئۇستازى .

- 10يىل ؟ 10 يىل بولسا بەك ئۇزۇن ۋاقىت ئىكەنغۇ،ئەگەر مەن ھازىرقى تىرىشچانلىقىمنىڭ بىر ھەسسىچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتسەمچۇ؟

 - 20يىلدا .

- كىچە -كۈندۇز مەشىق قىلسامچۇ ؟!

- 30يىلدا.

 بۇ جاۋابنى ئاڭلىغان كىچىك شاگىرت بىردىنلا روھسىزلىنىپ كەتتى . ئۇ گاڭگىراش ئىلكىدە ئۇستازىدىن :« مەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئىرادەمنى ھەربىر ھەسسىلىگەندە ،سىز نېمىشقا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشقا كىتىدىغان ۋاقىتنى 10يىل ئۇزارتىسىز ؟» دەپ سورىدى . ئۇستازى ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى :« سەن ھەمىشە بىر كۆزۇڭ بىلەن مەلۇم نىشانغا قادىلىپلا تۇرساڭ ، ئۇنداقتا يول يۈرگەندە يەنە بىر كۆزۇڭنىلا ئىشلىتەلەيدىغان بولوپ قالسىەن !» ……..

پىسخولۇگىيىدە «ۋاللىندا تەسىرى»(瓦伦达效应،Wallenda Effect)دېگەن بىر مەشھۇر نەزىرىيە بار . ئىلگىرى ئامېرىكىدا ۋاللىندا ئىىسملىك بىر دارۋاز ئۆتكەن بولوپ ،بىرقېتىم چوڭ تىپتىكى ئويۇن كۆرسىتىش مۇراسىمى باشلىنىش ئالدىدا ئايالىغا :«بۇ قېتىمقىسى ئىنتايىن مۇھىم ،مەغلۇپ بولسام قەتئى بولمايدۇ» دېگەن سۆزنى توختىماي تەكرارلىغان ..نەتىجىدە شۇ قېتىملىق ماھارەت كۆرسىتىشتە خەتەرگە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغان . ھايات يولىدا پۈتكۇل ئەس -يادىڭىز مەلۇم بىر نىشانغىلا مەركەزلىشىپ قالسا،ئەكسىچەئۇ نىشانغا يىتىش نىسبىتىڭىز شۇنچە ئاز بولىشى ھەتتا ئۇتۇق پەللىسىدىن شۇنچە چەتنەپ كىتىشىڭىز مۈمكىن .

خەنزۇچە «ئوقۇرمەن »تورژورنىلىدنن تەرجىمە قىلىندى

ۋەتەن تەرجىمىسى





5 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • قارىغاندا ۋەتەندە بۈگۈن دىۋان مىنىڭكىكەن . ۋە ياكى مىنىڭمۇ پۈتۈن خىيالىم دىۋاندا قېلىپ مەغلۇپ بۇلارمەنمۇ يا ؟

    • weten

      دىۋاندا ئولتۇرۇشقا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدىكەن؟

  • ۋەتەن ئەپەندىمنىڭ تىتىملىق تەرجىمىلىرىنى ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن، بىر-بىرىدىن ئېسىل، تاللانغان تېمىلار، چاپچىغان ئاتلىرى توختاپ قالمىغاي!

  • ھايات يولىدا پۈتكۇل ئەس -يادىڭىز مەلۇم بىر نىشانغىلا مەركەزلىشىپ قالسا،ئەكسىچە ئۇ نىشانغا يېتىش نىسبىتىڭىز شۇنچە ئاز بولىشى ھەتتا ئۇتۇق پەللىسىدىن شۇنچە چەتنەپ كېتىشىڭىز مۈمكىن، بۇ ھەقىقەتەنمۇ جايىدا ئېيتىلغان گەپ بوپتۇ، ئادەمدە مەلۇم ئىشقا ئىرادە بولۇش كېرەك، ئەمما ئۇ ئىرادىنى ئۆزىگە ھەددىدىن ئارتۇقچە بىسىم قىلىۋالماسلىق كېرەك، بولمىسا كۆزلىگەن نىشان تېخىمۇ يىراقلىشىپ كېتىدۇ

  • ۋەتەنجىكامنڭ مۇنۇ تېمىسى ماڭا بىرقىسىم مەغلۇبىيەتلىرىمنىڭ سەۋەبىنى تونۇتقاندەك بولدى .

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif