بۈگۈن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسى نەق مەيداندىن تارقاتقان «2011-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە سەنئەت كېچىلىكى»نى باشتىن ئاخىر كۆرۇپ چىقتىم. بۇمېنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ كېچىلىكنى تولۇق كۆرىشىم ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ قېتىم تولۇق كۆرۇپ چىقىشىمغا بىرقانچە سەۋەبلەر تۈرتكە بولدى. بىرى خىلى بۇرۇنلابىزنىڭ پەخىرلىك ناخشىچىمىز ئابدۇللائابدۇرىھىمنىڭ كېچىلىككە قاتنىشدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرتارقالغان ئىدى، ئەلۋەتتە بۇ خۇشاللىنارلىق بىر ئىش. چۈنكى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسى نەق مەيداندىن تارقىتىدىغان چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى جۇڭگونىڭ «1-نۇمۇرلۇق» سەھىنىسى ھېسابلىنىدۇ، بۇباھانىڭ سەۋەبىنى ئىيتىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
مىنىڭ بۇقىتىم مەزكۇر سەنئەت كېچىلىكىنى تولۇق كۆرۇشىمگە تۈرتكە بولغان يەنە بىرسەۋەب، بىرقانچە كۈنلەردىن بىرى خەنچە تورئاخباراتلىرىدا بۇقېتىمقى چاغانلىق كېچىلىك ھەققىدە بىرمۇنچە غۇلغۇلىلار بولىۋاتاتتى..
بۇ غۇلغۇلىلارنىڭ بىرى دەل، مەن يېزىۋاتقان بۇ«يەرئاستى ناخشىچى» – شىدەن قىزى(西单女孩)ھەققىدە بولۇندى.
ئۇنداقتا بۇ شىدەن قىزى(西单女孩)زادى كىم؟
ئۇنىڭ ئەسلى ئىسىمى رېن يۆلى بولۇپ، بېيجىڭ شەھىرىدىكى شىدەن مەيدانىدىكى يەرئاستى ئۆتۇشمە يولىدا سەييارە ئويۇن قويىدىغان سەرگەردان ناخشىچى. 2008-يىلى ئۇنىڭ «پەرىشتىنىڭ قانىتى» ناملىق ناخشىسى توردا تارقانغاندىن كېيىن، نۇرغۇن تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە بىردىنلانام چىقىرىپ توردىكى قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.كېيىنچە تېلېۋىزىيە پېروگىراممىلىرىدىمۇ كۆرۈنۈشكە باشلىغان.
رېن يۆلى ئەسلى خېنەن نىڭ مەلۇم يېزىسىدىن بولۇپ، ئاتا-ئانىسى كېسەلچان بولغانلىقى سەۋەبىدىن ، مومىسىنىڭ ئگېدارچىلىقىدا چوڭ بولغان، كېيىن ئائىلىسنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ئەمدىلا16ياشقاكىرگەن رېن يۆلى بېيجىڭغا كېلىپ ئىش ئىزدىگەن، گەرچە ئاشپۇزۇل قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىش تاپقان بولسىمۇ كۆڭۇلدىكىدەك داۋام ئەتمىگەندىن كېيىن، ئاخىرى سەرگەردانلىق بىلەن يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە شىدەن يەرئاستى ئۆتۇشمە يولىغا ماكانلاشقان..
ئۇنىڭ «يەرئاستى ناخشىچىسى» بولۇش ئىشىمۇتەس ئىدى ئەلۋەتتە، كۈندە تاپقان پۇلىدىن ناھايىتى ئاز بىرقىسىمىنى خىراجەت قىلغاندىن تاشقىرى قالغان قىسمىنى يېغىپ ئائىلىسىگە ئەۋەتىپ بىرەتتى، كېينچە ئۇ دەسلىپىدە توردا نام چىقىرىشقا باشلىغان بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىن تېلېۋىزيەپىروگىراممىلىرىمۇ ئۇتوغرىسىدا مەخسۇس زىيارەت فېلىملىرىنى ئىشلەپ كۆرسەتكەن.ئۇ ھازىر توردا مەستانىلىرى ئەڭ كۆپ ناخشىچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭغا ئائىت مەزمۇنلاردىن خەۋەردار بولۇشقا توغرا كەلسە بەيدۇ ئىزدىگۈچىگە «西单女孩»دەپ كىرگۈزسەك بولىدۇ.
ئەمدى، باشتىكى گەپكە قايتىپ كەلسەم:
دەل شۇ شىدەن قىزى-رېن يۆلى بۇقېتىمقى چاغانلىق كېچىلىككە قاتنىشش شەرىپىگە ئېرىشتى. مېنىڭچە ئۇنىڭغا ئورۇنلاشتۇرغان نۇمۇر خىلى ئالاھىدە بولدى.
ئەمما ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ«1-نۇمۇرلۇق سەھنىسى»گە چىقىشى بىرتۈركۈم كەسپى سەنئەت ئەھلىنى ئۆزئىچىگە ئالغان خىلى كۆپ كىىشلەرنىڭ ئوۋغىسىنى قاينىتىپ قويدى، توربېكەتلەردە مۇنازىرە قاينىدى.
«بىر يەرئاستى ناخشىچىسى قانداق قىلىپ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشش سالاھىيىتىگە ئىرىشىۋالدى؟» دەپ مۇنازىرىگە ئوت ياقتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ،مەركىزىي تېياتىرئۆمىكىنىڭ باش يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچىسى مامېي .
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان:« زادى كىم بۇنداق سەرگەردان ناخشىچىنى بۇنداق مۇھىم سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلدى؟
سەنئەت كەسپىدە 4~5يىل مۇنتىزىم تەربىيە ئالغان ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ سەھنىگە ئاسانلىقچە چىقالمايدۇ، ھەتتا بىرقىسىم پىشقەدەم سەنئەتكارلار ھازىرغىچە چىقىپ باقمىدى!
لېكىن بىر سەرگەردان ناخشىچى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولغانلىقى ئۈچۈنلابۇ پۇرسەتكە ئىرىشتى. بۇ كەسپى سەنئەتكارلارغا نېسبەتەن بىرئادالەتسىزلىك. ئەگەر بۇ توغرا بولسا، ئۇنداقتا سەنئەت كەسپىدە ئوقۇماي شىدەنگە بىرىپ يەرئاستى ئۆتۇشمە يولىدا ناخشا ئىيتسا بولغۇدەك!»
يەنە نۇرغۇن «ئادەتتىكى» تورداشلارمۇ بۇ ھەقتەئوخشىمىغان مەيدانىنى بىلدۈرۈشتى:
-«مۇشۇنداق بولغاچقا بۇ كېچىلىكنى كۆرىدىغانلار بارغانسىرى ئازلاپ كەتمەكتە!»
-«چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلىدۇ، دۆلەتنىڭ ئابرۇيىنى ئويلىشش كېرەك، نۇمۇرلارنىڭ سۈپىتىگە ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپ قويۇش كېرەك!»
-«ئۇ چىقسا نېمە بولۇپتۇ؟سەنئەت دېگەن ئەسلىدىنلا تۇرمۇشتىن كەلگەنغۇ؟»
…………………………
مېىنىڭ ھېس قىلشىمچە بۇ قېتملىق چاغانلىق كېچىلىك ئېلگىرىكى يىللاردىكىگە سىلۇشتۇرغاندا ئاز-تولا«دېمۇكراتىك تۈس»ئالغان، ئىشلەمچىلەرۋە كوچا سەنئەتكارىغا سەھنىدىن ئورۇن بەرگەندىن باشقا يەنە ئازسانلىق مىللەتلەر سەنئەت نۇمۇرلىرىغىمۇ بىرىلگەن ۋاقىت سەل-پەل ئۇزارغاندەك بىلىندى.
بەلكىم بۇ «ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش» بايرىقى ئاستىدىكى ئىجدىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ سەھنىدە ئىپادىلىنىشى بولىشى مۈمكىن.