• قوللانچى: پارول:

ئېيتقانلىرىمغا ئىشەنسىڭىز، خىزمەت جەريانىدىمۇ خۇشال كەيپىيات ياراتقىلى بولىدۇ

ئادەتتە خىزمەت دېمەك ئاڭلىماققىلا بېسىم، ئالدىراشچىلىق ۋە جىددى كەيپىياتنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ، مەشغۇلات رىتىمى تېزبولغان خىزمەتلەردە كىشى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن كەڭلىككە ئىنتىلىدىغان، قىلىۋاتقان ئىشىدىن بىزارلىق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بۇخىل ئەھۋالغا قارىتا مۇۋاپىق تەدبىرقوللانمىساق خىزمەت بىلەن تۇرمۇشنىڭ ھەرئىككىلىسىدە خۇشاللىق تاپالماسلىقىمىز ئىنىق. بۇيەردە يەنىلا تەكىتلەيدىغىنىم پىسخىكىلىق تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتۇر، شۇڭا تۆۋەندىكى گەپلەرنى بىرەر قۇر ئوقۇپ چىقسىڭىز،ئاندىن ئورتاقلاشساق بولىدۇ.

كۆپچىلىك سىزگە مۇھتاج
سىز نېمە خىزمەت قىلىشىڭىزدىن قەتئىي نەزەر، ھامان بەزىلەر سىزگە مۇھتاج بولىدۇ. ئەگەر سىزبىرتازىلىق ئىشچىسى بولسىڭىزمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر سىزنىڭ كوچىلارنى پاكىزە تازىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېمەكچى بولغىنىم، سىزمەيلى قانداق خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىڭ ھامان بىرقىسىم كىشلەر سىزنىڭ شۇخىزمەتنى ياخشى ئىشلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا سىزئۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەسلىك ئۈچۈن بۇ ئىشنى داۋاملىق ياخشى قىلىشنىڭ كويىدا بولسىڭىزبولىدۇ.

ھەربىر«ئەتە»نىڭ ئالدىن لايىھىسى تۈزۈلسۇن
بۇ بەك كونا گەپ بولسىمۇ يەنىلا تەكىتلەش زۆرۈر، سىز بۈگۈنكى بىركۈنلۈك خىزمەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش باسقۇچىغا كىرگەندە، بۈگۈنكى خىزمەتتىن يەكۈن چىقىرىش بىلەن بىرگە ئەتىكى چوڭ-كىچىك، ئاددى-مۇھىم ئىشلارھەققىدە كۆڭۈلدە سان تۇرغۇزۇڭ.

باشقىچىرەك بىرئىشلارنى قىلىپ بېقىڭ
ئەلۋەتتە، خىزمەتتە باشتىن-ئاخىربىردەك بولۇش ياخشى پوزىتسىيە، ئەمماھەركۈنى ئوخشاش بىرخىل ئۇسلۇبتا مەلۇم بىر ئىشنى تەكرارلاش ھەمىمىزنى ھامان بىركۈنى بىزار قىلىدۇ.نېمە دېسەم بولار، مۇنداق بىرسىناق ئىشلەپ بېقىڭ؛ سىزھەركۈنى ئىشقابىرىپ-كېلىشتە ماڭدىغان ئاساسلىق يولدا ماڭماي، باشقا يوللاربىلەن ئىشقابېرىپ-كېلىڭ. بۇسىزگە جەزمەن يېڭى مۇھىت ئالماشقاندەك تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ.

خىزمەتداشلاربىلەن ھەم-سۆھبەت بولۇڭ
ئويلاپ كۆرسەك ھەيران قالىمىز، بىرئورۇندا،ھەتتا بىرئىشخانىدا بىللە ئىشلەپمۇ بىر-بىرىمىزنى تۈزۈكرەك بىلىشمەيدىغان ئىشداشلار كۆپ-ھە!؟
پەرەز قىلىپ بېقىڭ، خىزمەتدىشىڭىز ماشىنائادەممۇ؟ ياق، ئۇمۇ سىزگە ئوخشاش گۆش بىلەن قاندىن تۈزۈلگەن تەبىئىي ئادەم. دېمەك ئۇمۇ سىزدەكلا، نەپەس ئالىدۇ، سۆزقىلالايدۇ، ياشاش ئۈچۈن تېرىشىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا ئادەمگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلسىڭىز تامامەن بولىدۇ. ئىشەنمىسىڭىز سىناپ بېقىڭ، ئۇنىڭمۇ چوقۇم سىزگە ئېيتىدىغان ھال-مۇڭلىرى بار…

ئۆزىڭىزدىن پەخىرلىنىشنى يېتىلدۈرۈڭ
ۋاررېن.بۇففېت شۇنداق دەيدۇ: سەن پەقەت ئۆزۈڭ قىلىۋاتقان بۇخىزمەتتىن ھەقىقى تۈردە رازى بولساڭلا، سەن ھامان ئەڭ ياخشى قىلالايسەن. شۇڭا ئۆزەڭدىن مەمنۇن بولۇشنى ئۆگەن ھەم ھېچقانداق بىرەيلەننىڭ بۇ ئىشنى سىنىڭدەك ياخشى قىلالمايدىغانلىقى بىلىشىڭ كېرەك.





2 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif