بالدۇر مۇھەببەتلىشىش دېگەن ئۇقۇمنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتىم يوق، ئەمما ھازىر بۇگەپ تىلغا ئېلىنسىلا ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جىددىيلىشىپ قالىدىغانلىقىنى بايقايمەن. ھەممەيلەن دېگۈدەك بالىلارنىڭ بۇخىل ھەرىكىتىنى توسۇشنىڭ غېمىدە بولىشىدۇ.
«ھازىر بالىلارنىڭ ئۆگىنىش دەۋرى، مۇھەببەت ھەققىدە كاللا قاتۇرۇش، ئۆگىنىشكە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئوقۇتقۇچىلاربۇنى كونترول قىلىشنىڭ ئامالىنى تېپىشى كېرەك!» مانا بۇ بىرئائىلە باشلىقىنىڭ مەكتەپتە بۇخىل قىلمىش نىڭ ئەدەپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ۋايساپ ئېيتقانلىرى. ئەلۋەتتە بالاتەربىيىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ ھەقتە ئېيتىدىغانلىرىمۇ يۇقىرىقى ئائىلە باشلىقىدىن قىلىشمايدۇ، ئوخشىمايدىغانلار يىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇنى ئائىلە مۇھىتى، ئاتا-ئانىلارنىڭ،جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق كىرزىسىگە پېتىپ قالغانلىقى ياكى پالانچى سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى قاتتىق تۇتمىغانلىقى دېگەندەك باھانىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ.
قىسقىسى، نۆۋەتتە، مېنىڭ بايقىشىمچە مەيلى ئوقۇتقۇچىلار بولسۇن، مەيلى ئاتا-ئانىلار بولسۇن بۇ مەسىلىدە گاڭگىراش ھالىتىدە، قوپال چارە قوللىنىش ئۇسۇلىدىن نېرى بارالمايۋاتىدۇ.
ئالدىنقى قېتىم بىلوگىمدا «قانداق بالىلار بالدۇر مۇھەببەتلىشىش قاينىمىغا كىرىپ قالىدۇ» دېگەن يازمىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، كۆرۈلۈش قېتىم سانى يۇقىرى بولدى ھەم ئازبولمىغان ئىنكاسلار چۈشتى، مەيلى يازمائاپتۇرى بولغان مەن بولاي ياكى ئىنكاس يازغۇچىلار بولسۇن بىر ئورتاقلىق شۇكى ھەممىمىز بالىلارنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشىش ھادىسىسىنى ئېغىر مەسىلە سۈپىتىدە تونۇپتۇق. كېيىن بۇ ھەقتە، بىر قىسىم ئىدىيىسى ئوچۇق،دادىل پىكىرلىك كەسىپداشلار بىلەن سۆھبەتلىشىش، ئىچكىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئىزدىنىشلىرى ھەققىدىكى ماقالىلەرنى كۆرۈش داۋامىدا مېڭەمدىكى بىرتۈگۈن ئاستا-ئاستا چاقناشقا باشلىدى.
ھەقىقەتەن بالدۇر مۇھەببەتلىشىش ھادىسىسى مەۋجۈتمۇ؟
ئوقۇتقۇچىلار، ئاتا-ئانىلارنىڭ نەزىرىدە بالدۇر مۇھەببەتلەشكۈچىلەر باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ يېشى7 ياشتىن 15ياشقىچە بولۇپ، يېشى شۇنچە كىچىك تۇرۇپ، يات جىنسلىق ھەمراھ ئوبيكتا تېپىۋېلىشى ھەقىقەتەنمۇ جاھان نېمە بولۇپ كېتىۋاتىدۇ دەپ ياقا چىشلىگۈدەك بىر ئىش!
بۇيەردە بىر مەسىلە مەۋجۇت، يەنى بالدۇر دېگەن ئېنىقلىمىنى ئاتايىن ئېلىشىمىزدىكى سەۋەب شۇكى، ھېچكىممۇ مۇھەببەتلىشىشنى خاتا ئىش دېيەلمەيدۇ، ئەمما ئۇنى قورامىغا يەتكەندە ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەت دەپ قارايدۇ.لېكىن ئىنساندا يات جىنسقا تەلپۈنۈش تۇيغۇسىنىڭ پەيدا بولۇشى بىر تەبىئىي ھادىسە، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ نوقۇل مەۋسۈمى بولمايدۇ.
يەنە بىرسى، مېنىڭچە بالىلارنىڭ بىزدەۋاتقان بالدۇر مۇھەببەتلىشىشى بىز بايقاۋاتقان ئوغۇل دوست ياكى قىز دوست تۇتۇشىنىلا كۆرسەتمەسلىكى كېرەك، ئۇنىڭ يەنە يوشۇرۇن ئىپادىلىنىشىمۇ بولىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا يات جىنىسلارنى ياخشى كۆرۈپ قىلىشنى دېمەكچىمەن.
باشلانغۇچ، تولۇقسىز يىللىقلاردا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزنى بىر-قۇر ئەسلىسەكلا، ھازىرقىدەك مۇھەببەتلىشىۋالغان ئىشلارنى بايقىمىغان بولساقمۇ، ئەمما قىز-ئوغۇل ساۋاقداشلار ئارا بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قىلىش، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارنى ياخشى كۆرۈپ قىلىشتەك ئىشلار يوق ئەمەستى. پېقىرمۇ 4-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا سىنىپىمىزدىكى بىر قىزنى ياخشى كۆرەتتىم، ئۇنى ئالسام دەپ ئويلاپ يۈرەتتىم، ئەمما بۇ دەرسلەرنى ئۆگىنىشىمگە ھېچبىر تەسىر كۆرسەتكەن ئەمەستى. ھازىر ئويلىسام كۈلۈپ كېتىمەن. مېنىڭچە ھەر-بىرىمىزنىڭ شۇنىڭغا مايىل كەچۈرمۈشلىرى بولغان.
دۆلىتىمىزدە خىلى داڭقى بار، بىر پىسخېلوگ گېرمانىيىدە زىيارەتتە بولغان ۋاقتىدا، گېرمانىيىلىك مۇتەخەسستىن، ئۇلارنىڭ دۆلىتىدەبالىلارنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشىش ھادىسىنىڭ جەزمەن ئېغىر ئىكەنلىكى ھەققىدىكى گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغان، لېكىن گېرمانىيىلىك مۇتەخەسسىس كۈلۈپ كېتىپ:
«بىزدە بۇنداق ئاتالغۇمۇ يوق، قىزلارنىڭ14-15 يېشىدا قۇرامىغا يېتىشى نورمال ھادىسە تۇرسا، يەنە نېمە بالدۇر مۇھەببەتلىشىش بولسۇن؟ بۇ سىلەر ئىجاد قىلغان ئاتالغۇغۇ ياكى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك دېسەكمۇ بولار» دېگەن.
ئەمەلىيەتتە، بىزدىمۇ 14-15 ياشتا توي قىلىپ، 16-17 ياشتا بالىلىق بولۇپ 40 ياشتىن ئاشقاندا نەۋرە كۆرۈشتەك ئىشلار بەكمۇ يىراق تارىختىكى ئىشلار ئەمەس.
ئەلۋەتتە، مەن بۇيەردە شۇنداق بولۇشى كېرەك دېگىنىم ئەمەس، بەلكى بالىلارنىڭ يات جىنىسقا تەلپۈنۈشى قانداقتۇر، يېڭى زاماننىڭ ئىختىراسى ئەمەس، قانداقتۇر ئىجتىمائىي ئەخلاق مەسىلىسى تېخىمۇ ئەمەس. كۆزىمىزنى ئالا-چەكمەن قىلغىنى، بەلكىم بۇ مەسىلە بۇرۇنقىغا قارىغاندا يوشۇرۇن ھالەتتىن، ئاشكارە ھالەتكە ئۆتتى خالاس، لېكىن دەۋرگە بېقىپ ئاشكارە ھالەتكە ئۆتكەن نازۇك مەسىلىلەر بۇلا ئەمەسقۇ؟
بالدۇر مۇھەببەتلىشىش دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە يەنىمۇ بىرقەدەم تەۋەككۈلچىلىك قىلسام، بۇ ئەسلىدە بارلىققا كەلمىسىمۇ بولىدىغان ئۇقۇم ئىدى، خۇددى ساپامائارىپى دېگەن ئۇقۇمغا ئوخشاش. مۇھەببەتلىشىش -ھەرقانداق بىر نورمال ئىنساننىڭ ئەڭ ئاساسى ۋە ئەڭ نورمال مەنىۋى ھەرىكىتى.
«سىز بالىڭىزدا ئاتالمىش بالدۇر مۇھەببەتلىشىش ھادىسىسىنى بايقىغىنىڭىزدا ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭدىن خۇشھال بولۇڭ، چۈنكى بۇ بالىڭىزدا جىنسىيەت ئېڭىدا ياكى پىسخىكا جەھەتتە توسالغۇ، كەمتۈكلەرنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، بېجىرىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ» دەيدۇ مەن كۆرگەن بىرخەن پىسخىكا يېتەكچىسى ئۆزىنىڭ بىلوگىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ.
بۇنى بۇيەرگە ئېلىپ كىرسەم خاتا چۈشۈنىۋالماڭ، ئەمەلىيەتتە ھەممىمىز، بالىلىرىمىزنىڭ شۇنچە بالدۇرلا مۇھەببەت باغلاشقا كىرىشپ قىلىشىنى خالىمايمىز، ئەمما بۇ مەسىلىنى قۇبۇل قىلىش بىلەن بىرگە ئاكتىپلىق بىلەن ئىلمىي يۈزلىنىشنى بىلىشىمىز، ئىزدىنىشىمىز كېرەك.
بىربالىلار مەسىلىلىرى مۇتەخەسىسى مۇنداق دەيدۇ: «بالدۇر مۇھەببەتلىشىش ئەمەلىيەتتە قانداقتۇر مەسىلە ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانىلارنىڭ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمەلىيەتنى قۇبۇل قىلىش جەريانىدا مەسىلە چىقىۋاتىدۇ، بۇئەمەلىيەتتە بالىلار ئارىسىدىكى بىرخىل نورمال تېگىشىش ،ئالاقە. بالدۇر مۇھەببەتلەشكەن بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە كۈندىلىك خاتىرە يېزىش ئادىتى بولىدۇ، بولۇپمۇ قىزلاردا بۇ بالىلارنىڭ ئىچىدىن يېزىقچىلىق قابىلىيىتى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بالىلار كۆپ چىقىدۇ. بۇخىل بالىلاردا يەنە ئالاقىگە ماھىر بولۇش، گۈزەللىك قارىشى كۈچلۈك بولۇش، تۇرمۇشنى سۆيۈش، باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇشتەك خىسلەتلەر ئالاھىدە ئىپادىلىنىدۇ.»
بەزى ئائىلە باشلىقلىرى بالدۇرمۇھەببەتلىشىشنىڭ بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، پۈتۈنلەي مۇنداق بولۇپ كېتىشى ناتايىن. چۈنكى مەن باشتا دېگەندەك، مەنمۇ بۇخىل كەچۈرمۈشنى باشتىن كەچۈرگەن، لېكىن دەرسلەردە ئەلاچىلىقنى قولدىن بەرمىگەن.
ئەگەر ئاتا-ئانىلاركۈچلۈك قارشى تۇرۇش ياكى مەلۇم غەيرى زىيانكەشلىك ئۇسۇلىنى قوللانسا، بالىلارنىڭ ھېسسىياتى ئىنتايىن چوڭ زەربىگە ئۇچرايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشكىمۇ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنداق مەسىلىلەرمەكتەپلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ، بەزەن ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ يازغان مۇھەببەت مەكتۈپلىرىنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدىلا ئوقۇش، باشقىلارغا كۆرسىتىشتەك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ، مېنىڭچە بۇ ئۆتۈپ كەتكەن ئاڭسىزلىق، بۇ بىر بالىنى نابۇت قىلىۋېتىشى مۇمكىن. شۇخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆگىنىشتىن چېكىنىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان ۋاقتىمدا، ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ قىلمىشىدىن ئىنتايىن بىزار بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
ئەگەر، ئۇنداق قوپال ،ئاڭسىز چارە قوللانماي، ئاكتىپلىق بىلەن يۈزلىنىپ، قۇبۇل قىلىش پوزىتسىيىدە تۇرۇپ مەسلىنى ھەل قىلىشقا تۇتۇش قىلساق، بالىلاردا ئاستا-ئاستا ئورتاق قاراش شەكىللەندۈرەلەيمىز، ئەلۋەتتە بۇنىڭدا سەۋرچانلىق، ئالاقىگە ماھىرلىق، دوستانە كەيپىيات ئىنتايىن مۇھىم بولىدۇ.
بەزى ئاتا-ئانىلار مۇنداق بىركەسكىن مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
«بالدۇرمۇھەببەتلىشىش -نېكاھتىن بەكمۇ يىراق نەرسە، ئۇنداقتا بۇ قىزلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى بىلەن نەتىجىلەنسە قانداق قىلىش كېرەك؟»
بۇ ھەقتە كۆرگەن بىر ماتېرىيالىمدا،دۆلىتىمىزدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىلەرنىڭ ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى بېرىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسىدە مۇنداق ستاتىكا بېرىلگەن:
شىنجىن شەھىرىدىكى915نەپەر ئوقۇغۇچىغاقارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇھەببەتلىشىش مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيىسىنى ئېنىقلىغان. نەتىجىدە%9.6 ئوقۇغۇچى ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا مۇھەببەت باغلاش ياخشى ئىش دەپ قارىغان%69.9 ئوقۇغۇچى توغرا چۈشۈنۈشكەبولىدۇ دەپ قارىغان، مۇھەببەتلىشىش ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن دەپ قارىغانلار%50.4نى، توي قىلىش ئۈچۈن دەپ قارايدىغانلار%1.1نى ئىگىلىگەن. جىنسى تەلپۈنۈش ئۈچۈن دەپ قارايدىغان ئوغۇللار%13نى، قىزلار%2.7نى ئىگىلىگەن. يەنە باشقا تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىمۇ پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان بولۇپ، يەكۈنلىسەك، بالىلارنىڭ مۇھەببەتلىشىش ھادىسىدە ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش ئاساسى ئېقىم بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە مۇھەببەتلىشىش بىلەن توي قىلىشنىڭ ئالاقىسى بەك ئاز، جىنسى ھەرىكەتنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىمۇ ئىنتايىن تۆۋەن. (لېكىن بۇ بىزئەڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نازۇك نۇقتا)
قانداق قىلىش كېرەك؟
مېنىڭ بايقىشىمچە بۇ مەسىلىدە ئىزدىنىش تېخى يېقىنقى زاماندا باشلاندى، بىز پەقەت ئۆزقاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا تاشلاۋاتىمىز. مەن بۇيەردە پەقەت، بالىلاردىكى بالدۇر مۇھەببەتلىشىش مەسىلىسنىڭ ئەمەلىيەتتە،ئويلىغىنىمىزدىكىدەك ئېغىر مەسىلە ئەمەسلىكىنى،ھەتتا بۇنى ئايرىم بىرمۇستەقىل ئۇقۇم شەكلىدە تونۇشنىڭ خاتالىقىنى دېمەكچى. ئەمدى، بالدۇر مۇھەببەتلىشىشنىڭ ئەخلاقى مەسىلە ئەمەسلىكى ئاللىبۇرۇن تىلغا ئېلىنىپ بولۇندى.
مەن ھازىرغىچە بىرەر ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇخىل مەسىلىنى ئىلمىي يوسۇندا ھەل قىلىپ، ئۈنۈمگە ئېرىشكىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم، ئەيتاۋۇر بالىلارنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشىش مەسىلىسىدە بىز مەسىلىنى بايقاش بىلەن تەڭلاھاياجىنىمىزنى باسالمايلا قېلىۋاتىمىز. ئاتا-ئانىلار قانداق قىلىش كېرەك، ئوقۇتقۇچىلار قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ ئەلۋەتتە ئاتا-ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە، ئۇلار بالىلاربىلەن قانداق باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇشنى، قانداق مۇنازىرە قىلىشنى، قانداق تەھلىل يۈرگۈزۈشنى بېلىشى كېرەك ھەمدە قارشى تەرەپنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن ھەل قىلىش لايىھىسى تۈزۈپ بېرەلىشى تېخىمۇ مۇھىم.