خىزمەت جەريانىدا ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق كۆڭۆلسىزلىكلەرگە يولۇقۇپ تۇرۇشىڭىز تەبىئىي بىر ئەھۋال. مەسىلەن؛ باشلىقىڭىز ھېچبىر سەۋەبى نائېنىق ھالدا سىزگە چېچىلىپ قالدى دېگەندەك. شۇنداق، بۇنداق ئەھۋاللاردىن خالىي بولماق تەس، ئەمما نېمىلا بولمىسۇن ھەممىمىزنىڭ كۆڭلى ھامان بەرداشلىق بېرىۋەرمەيدۇ، ئەڭ ياخشىسى بۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇقمىساق ياخشى. لېكىن مېنىڭچە تېخىمۇ مۇھىمى شۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق قىلىپ پاسسىپ كەيپىياتتىن قۇتۇلۇپ چىقىشنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك.
نەپەس ئېلىڭ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىڭ!
سىزنىڭ بىرىنچى ئىنكاسىڭىز«كۆزنى يۇمۇپ، ئېغىزنى ئېچىپ» قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتۈشمۇ؟ ياكى قاتتىق ۋارقىراشمۇ؟،… ياق، ئۇنداق قىلماڭ. ئەڭ ياخشىسى ئىغىزىڭىزنى يۇمۇپ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىڭ، ئاندىن ئونغىچە ساناشتىن ئىبارەت رىۋايەتلەردىكى ھېلىقى ئاچچىقنى بېسىش ئۇسۇلىنى قوللىنىڭ. بۇ ئىككى ئۇسۇل ھىچ بولمىغاندا سىزنى ئېغىز ئىتتىكلىك قىلىپ قويۇپ كېيىن پۇشايمان قىلىشتىن ساقلاپ قالىدۇ.
قولغا قەلەم ئېلىڭ، ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ!
بەزىدە غايىپتىن كەلگەن بۇخىل كۆڭۈلسىزلىكىنى يېڭىشنىڭ بىر ئۇسۇلى بولسا-شۇخىل كەيپىياتتىكى ئىچكى دۇنيارىڭىزھەققىدە قەلەم تەۋرىتىشتۇر. شۇڭا، دەرھال قەغەز-قەلەم تېپىڭدە، خالى بىرجايدا شۇتاپتىكى ئويلىرىڭىزنى پەردازلىمايلا يېزىپ چىقىڭ. لېكىن سەمىڭىزدە بولسۇن، ئالدى بىلەن ئۇنى ھېچكىم كۆرۈپ قالمىسۇن، ئەڭ ياخشىسى كەيپىياتىڭىز ئەسلىگە كەلگەندە بۇ«ئىسپات»نى يوقىتىۋىتىڭ، چۈنكى نېمىلا بولسۇن، ئۇ كەيپىياتىڭىزدا كۆڭۈللۈك نەرسە يازمايسىزدە؟!
يېقىن خىزمەتدىشىڭىزنى تېپىڭ، بىردەم مۇڭدىشىڭ!
ئەگەر سىزنىڭ ئىشداشلىرىڭىزنىڭ ئىچىدە سىزنىڭ ئىشەنچىڭىزگە ئېرىشكەن بىرسى بولسا ئۇنداقتا، بەك ياخشى بولغىنى، چۈنكى ئۆز-ئۆزىڭىزگە تەسەللىي بەرگەندىن يەنىلا باشقا بىراۋنىڭ يول كۆرسىتىشى ئاقىلانىلىق. نېمىشقا دېسىڭىز سەۋەبى بەك ئاددىي ئۇچاغدىكى سىزگە قارىغاندا ئۇ نېمىلا بولمىسۇن كۆپ نورمال ھالەتتە. ئەلۋەتتە، بۇيەردىكى گەپ ئۇنىڭ ساپاسىدا، ئۇ سىزگە جەزمەن توغرا مەسلىھەت بېرەلەيدىغان بىرى بولۇشى، سىر ساقلىيالايدىغان بولۇشى كېرەك.
كومپيۇتېرنى ئېچىڭ، توركۆرگۈنى چېكىڭ!
بۇرۇنقى ۋاقىتلاربولغان بولسا بەلكىم ياخشى بىرپارچە كىتاپ ياكى ژۇرنال ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلار بولغىيدىم، لېكىن ھازىر دەۋر ئۆزگەردى، شۇڭا رېتسىپنى ئۆزگەرتىپ Internet نى زىيارەت قىلىش ھەققىدە مەسلىھەت بەرگۈم كەلدى. توردا يېڭلىق كۆپ، ھەتتا سىز بازارمۇ ئايلىنالايسىز، ساياھەتمۇ قىلالايسىز ياكى بولمىسا ۋەتەن بلوگىنى ئېچىپ پىسخۇلۇگىيەگە ئائىت يازمىلارنى ئوقۇپ چىقسىڭىزمۇ بولىدۇ…ئىشقىلىپ مېنىڭچە ھازىر Internet مۇ كەيپىياتنى تېنىچلاندۇرۇشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى بولالايدۇ.
ئارام ئېلىڭ، بىرئاز ئارام ئېلىڭ!
ئەگەر ئەھۋال مەن ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك ئوسال بولسا، يۇقىرىقى چارىلەرمۇ خۇشياقماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا بەك بولمىغاندا سىزگە شۇ ئارامسىزلىقنى ھېس قىلدۇرىدىغان ئەشۇ مۇھىتتىن ۋاقىتلىق ئايرىلىڭ. كۆڭلىڭىز يېقىن ،ئەمما بۇ ئشتىن قىلچىمۇ خەۋىرى يوق بىرەيلەننى تېپىپ بىرلىكتە تاماقلىنىڭ ھەمدە ئامال بار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە كۆپرەك پىكىر قاتناشتۇرۇڭ، بۇنداق قىلسىڭىز كەيپىياتىڭىزغا توپلىنىپ قالغان ھېلىقى غەشلىكلەرنى تارقىتىۋىتەلەيسىز.