بۈگۈن تورداشلارغا بىر پىسخىكىلىق ئويۇن ئۇيۇشتۇراي. گەرچە بۇ بىرئويۇن بولسىمۇ، سىزبۇنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن تەسەۋۋۇرىڭىزنى قوزغايدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ئاۋۋالقى يازمىلىرىمدىكىدەكلا كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
قائىدىمىز شۇكى، ئاۋال تۆۋەندىكى ئىككى سوئالغا جاۋاب بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن جاۋابىنى كۆرىمىز، ئالدىن جاۋابىنى بىلىۋالغۇچىلارنى كونا گېپىم بويىچە ئۆزىگە سەمىمىيەتسىزلىك قىلغۇچى دەيمەن.
ئۇنداقتا دىققەت قىلىڭ:
بىرىنچى مەسىلە؛ سىز ھازىر بىرئايالنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكىنى بىلدىڭىز، بىراق ئۇ ئاللىقاچان سەككىز بالا تۇغۇپ بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئۈچىنىڭ قۇلىقى ئاڭلىمايدۇ، ئىككىسىنىڭ كۆزى كۆرمەيدۇ، بىرىنىڭ ئەقلى كەمتۈك…تېخىمۇ يامىنى بۇئايالدا ھازىر سىفلىس كېسىلى بار!
ئۇنداقتا، تېز قارار چىقىرىڭ، بۇ ئايال قورساقتىكى بالىنى تۇغۇشى كېرەكمۇ؟
ئىككىنچى مەسىلە؛ ئۈچ كىشىدىن بىرىنى دەرھال يولباشىچى قىلىپ سايلاشقا مەجبۇر بولدۇق، سىزنىڭ قولىڭىزدىكى بىرتال سايلام بېلىتى ئاخىرقى نەتىجىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇنداقتا مەن بۇ ئۈچ نامزاتنىڭ بىرقىسىم ئىشلىرىنى ئېيتىپ بېرەي، ئۆزىڭىز قارار قىلىڭ.
A نامزات: بىرتۈركۈم سەمىمىيەتسىز سىياسەتۋازلاربىلەن قويۇق ئالاقە قىلىدۇ،بىرقانچە ئاشنىسى بار، تاماكىنى كۆپ چىكىدۇ، ھەركۈنى ئاز دېگەندە 8-10 رومكامارتىن ھارىقى ئىچىدۇ.
B نامزات: ئۇبۇرۇن ئىككى قېتىم قولغا ئېلىنغان، ھەركۈنى چۈشكىچە ئۇخلايدۇ، ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ئەپيۇن چەككەن، يەنە تېخى ھەركۈنى يېرىم كېچىدە ۋىسكى ئىچىدىغان خۇمارى بار.
C نامزات: ئۇ ئوردېن ئالغان ئۇرۇش قەھرىمانى، گۆشسىزتاماق ئىستىمال قىلىدۇ، تاماكا چەكمەيدۇ، ئاندا-مۇندا بىرەر ئىستاكان پىۋا ئىچىپ قويىدۇ، ئەزەلدىن ئاشنا تۇتۇپ باقمىغان.
جاۋابىنى ئىنكاس يازغاندىن كېيىن كۆرەلەيسىز.