• قوللانچى: پارول:

جۇڭگو vs غەربنىڭ ئوقۇتۇش تۈزىمى ۋە نوبىل مۇكاپاتى

1901-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە، نوبىل مۇكاپاتىنىڭ خىمىيە، فىزىكا، تېبابەت ۋە ئىقتىساد قاتارلىق تۈرلىرى بويىچە شەرەبكە ئىرىشكۈچىلەر 716نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىلىقلار298نەپەر، ئەنگىلىيىكلەر95نەپەر بولۇپ ، بۇ ئىككى دۆلەت بۇ جەھەتتە 1-ۋە 2-رەت تەرتىۋىدە تۇرىدۇ.ئۇنداقتا ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيە ئىختىساس ئىگىلىرىنى زادى قانداق يېتىشتۇرىدۇ؟بىز بۇيەردە باشقىچە بىر روجەكتىن بۇ قىزىقىشمىزغا جاۋاب ئىزدەپ باقايلى.
ئەمەلىيەتتە ،ئالدىنقى قېتىم بىر ماقالىنى يېزىش ئۈچۈن ماتېرىيال توپلاۋىتىپ ، بۇ ھەقتىكى بەزەن ئۇچۇر ۋە ستاتىستىكىلارغا كۆزۇم چۈشۈپ قالغان ئىدى، بۇ بولسا ، يۇقارقى ئىككى دۆلەتنىڭ ئوقۇتۇش ۋاقتىنىڭ سانلىق مەلۇماتى . ما ئىشنى كۆرۇڭ، ئوقۇتۇش ۋاقتى بىلەن نوبىل مۇكاپاتىنىڭ نېمە ئالاقىسى بولسۇن ھە؟ نېمىلا بولسۇن، تۆۋەندىكىلەرگە نەزەر ئاغدۇرۇڭ:

ئامېرىكىدا : ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يىللىق ئوقۇتۇش ئومۇمى ۋاقتى ئاران 180كۈن، ئالى مەكتەپلەرنىڭ يىللىق ئومۇمى ئوقۇتۇش ۋاقتى 28ھەپتە بولۇپ ئادەتتە ھەپتىسىگە 15-20سائەت ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ، بىريىلدا 450-600سائەتچە دەرس ئۆتىلىدۇ.
ئەنگىلىيىدە: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتە تۇرىدىغان ۋاقتى بىر يىل ئىچىدە 168كۈن ئەتىراپىدا بولىدۇ، تەتىل ۋاقتى 197كۈن.
ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتى دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرىسنى ئاڭلاش بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ مائارىپى ئىقتىدار ۋە ساپانى يىتىلدۇرۇشنى ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا قويىدۇ. مەكتەپ مائارىپى ھەرگىزمۇ دەرس ئاڭلاش ۋە قۇيۇپ قويۇش شەكلىنى ئاساس قىلمايدۇ، بەلكى ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنشىنى ئۆزلىرى باشقۇرىدۇ.
ئادەتتە دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچىلار كۆپ سۆزلىمەيدۇ ، بەلكى كۆپىنچە ھاللاردا بىرقىسىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېرىدۇ، قالغان ۋاقىتتا بولسائوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ يىېتەكچىلكىنى قۇبۇل قىلغان ئاساستا، مۇلاھىزە يۇرگۇزۇش، مەشغۇلات ئېلىپ بىرىش، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى توپلاش قاتارلىق پائالىيەتلەردە بولۇپ ، تەبىئي ھالدىلا تەتقىقاتلىق ئۆگىنىش ئېلىپ بارىدۇ.
ئوقۇتقۇچىنىڭ رولى بولسا- ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزتەپەككۇرىگە ئىگە بولۇپ، مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۇش ئارقىلىق بىلىم ئىگىلەش بىلەن بىرگە بىلىمنى ئىشلىتىش ۋە ئىجاد قىلىش ھەققىدە ئىزدىنىشكە يىتەكلەشتىن ئىبارەت.

ئەنگىلىيىدە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ،ئوقۇتقۇچى بىر سائەتلىك دەرستە ئەڭ كۆپ بولغاندا 15مېنۇت سۆزلەيدۇ،قالغان ۋاقىتنى ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىكىدىن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۇپ ئۇچۇر تولۇقلايدۇ،مۇلاھىزە يۇرگۇزىدۇ. ئوقۇتقۇچى بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بىرىش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش جەريانىغا كۆرسەتمە بىرىش رولىنى ئۆتەيدۇ.

دۇنياغا داڭلىق ئوكىسفۇرد بىلەن كامبىرج ئۇنىۋېرسىتلىرىنىڭ پۈتۈن يىللىق ئوقۇش ۋاقتى پەقەت 16ھەپتە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئوقۇتۇش ھەپتىسىگە 14سائەت دەرس ۋاقتى توغرا كېلىدۇ. پۈتۈن بىر يىلدا ئاران 224سائەت دەرس ئۆتىلىدۇ.ئەنگىلىيىلىك ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئادەتتە دەرسخانىدا دەرس سۆزلىمەيدۇ،  ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىدۇ. ئۇنداقتا بۇنىڭ ئۈنىمىچۇ؟
ئەنگىلىيە«ئىقتىسادشۇناسلىق »ژۇرنىلىنىڭ ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىدىن ئاشكارە بولۇشىچە، ئوكىسفورد ۋە كامبىرج ئۇنىۋېرسىتىلىرىنىڭ تولۇق كۇرس تاماملىغان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سەۋىيىسى خارۋارد نىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقانلار بىلەن تەڭداش ئىكەن .

جۇڭگو ئالى مەكتەپلىرىدە ھەر ھەپتىدە 35-38 سائەت دەرس سۆزلىنىدۇ، پۈتكۈل بىريىلىق ئوقۇش ۋاقتى 40 ھەپتىدىن ئوشۇق بولۇپ بىر يىلدا جەمئى 1200سائەتتىن ئوشۇق دەرس ئۆتىلىدۇ.بۇ ئەنگىلىيىنىڭ 5 ھەسسىگە تەڭ.
ئوتتۇرا-باشلانغۇچلارنىڭ ئەھۋالىنى دېمەيلا قويايلى، يۇقارقى سانلىق مەلۇماتلاردىن ئېنىقكى بىزۋاقىتىنى خەقتىن ئوشۇق سەرىپ قىلىمىز، ئوقۇتقۇچىلار كاكىراپ ھىرىپ قالىدۇ، ئوقۇغۇچىلار بىسىملار ئاستىدا مىجىلىپ كېتىدۇ، لېكىن ئۈنىمىچۇ؟

2010-يىلى تەبىي پەنلەر تۈرى بويىچە بېيجىڭ ئەلىيۇل-ئەلاسى بولغان لى فامىلىلىك بىر ساۋاقداشنىڭ تەقدىرى شۇ بولدىكى، ئۇ ئىلتىماس سۇنغان ئامېرىكىنىڭ 11ئۇنىۋېرستىتىنىڭ دەرۋازىسى سىرتىدا قالدى!

مەشھۇر مائارىپچى سۇخۇلۇمۇنىسكىي مۇنداق دېگەن:
«ھەركۈنى بالىلارنىڭ ئۆزئارزۇلىرى ئۈچۈن 5سائەتتىن 7سائەتكىچە ۋاقىت ئاجىرىتىپ بىرەلىگەندە،ئاندىن ئەقىللىق، ئەتىراپلىق تەرەققىي قىلغان ئادەملەرنى يېتىشتۇرۇشكە بولىدۇ. دېمەكچى، بالىلارغا مۇۋاپىق ئەركىن ۋاقىت بوشلۇقى بىرەلمەي تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئەتىراپلىق تەرەققىياتىدىن سۆزئاچقانلىق قۇرۇق گەپ خالاس»
قايسى خىل مائارىپ تۈرۈلمىسىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئۇنىڭ نەتىجىسى بەلگىلەيدۇ، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ئىككى دۆلەتتە يېتىشتۈرگەن ئىختىساسلىق خادىملىرى كۆپ، ئىجاد كۆپ، شۇنداق بولغان ئىكەن ئۇلارنىڭ مائارىپى ئىلمىي مائارىپتۇر.

قوشۇمچە :
1901-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ نوبىل شەرىپىگە ئېرىشش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات

رەت

دۆلەت

فېزىكا

خىمىيە

مىدىتسىنا

ئىقتىساد

ئەدەبىيات

جەمئى

1

ئامېرىكا

89

65

91

44

9

298

2

ئەنگىلىيە

23

25

29

7

11

95

3

گېرمانىيە

21

28

16

1

8

74

4

فىرانسىيە

12

8

10

1

14

45

5

شىۋىتسىيە

4

4

8

2

7

25

6

روسىيە

9

1

2

2

5

19

7

شىۋىتسارىيە

3

6

6

 

2

17

8

ياپۇنىيە

6

6

1

 

2

15

9

گوللاندىيە

8

3

2

1

 

14

10

ئىتالىيە

3

1

3

1

6

14

11

ئاۋسىتىرىيە

3

2

6

1

1

13

12

دانىيە

3

1

5

 

3

12

13

كانادا

2

2

2

1

 

7

14

ئاۋستىرالىيە

 

6

 

 

1

7

15

ئىسپانىيە

 

1

 

 

6

7

16

بىلگىيە

 

1

4

 

1

6

17

ئىسرائىلىيە

2

1

 

1

2

5

18

ئىرلاندىيە

1

 

 

 

3

4

19

ھېندىستان

1

 

 

1

1

3

20

ھۇنگىرىيە

1

1

 

 

1

3

21

پولشا

 

 

 

 

3

3

22

ئارگىنتىنا

 

1

1

 

 

2

23

چىخ

1

 

 

 

1

2

24

پورتىگالىيە

 

 

1

 

1

2

25

جەنۇبى ئافرىقا

 

 

1

 

1

2

26

نورۋىگىيە

 

1

 

 

6

7

27

فىللاندىيە

 

1

 

 

1

2

28

يۇگۇسلاۋىيە

 

 

 

 

2

2

29

گېرىتسىيە

 

 

 

 

2

2

30

چىلى

 

 

 

 

2

2

31

پاكىستان

1

 

 

 

 

1

32

كولۇمبىيە

 

 

 

 

1

1

33

گۇادىمالا

 

 

 

 

1

1

34

ئىسلاندىيە

 

 

 

 

1

1

35

نېگىرىيە

 

 

 

 

1

1

36

مىسىر

 

 

 

 

1

1

37

مىكسىكا

 

 

 

 

1

1

38

تېرىنادۇ

 

 

 

 

1

1

39

تۈركىيە

 

 

 

 

1

1

40

پېرۇ

 

 

 

 

1

1

 

جەمئىي سانى

189

160

196

62

109

716

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 





4 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • پىنھانە جاۋاب

    توۋۋا ،،،،،،،،،،،،،،،

  • مۇشۇنداق مېڭىۋەرسە بىزنىڭ جوڭگۇنى بۇ جەدىۋەلدىن تېخمۇ ئىزدەپ تاپقىلى بولمىغۇدەك…..

    • ئەھمەد

      باھالاش ئەزالىرىنى ئىندەككە كەلتۇرسەك قەدۋەلدە ۋەتىنىمىزنىڭ ئىسمىمۇ چۇقۇم بار بولىدۇ

  • weten جاۋاب

    ئەھمەد :

    باھالاش ئەزالىرىنى ئىندەككە كەلتۇرسەك قەدۋەلدە ۋەتىنىمىزنىڭ ئىسمىمۇ چۇقۇم بار بولىدۇ

    تىپىك جۇڭگولۇقكەنسىز دە :mrgreen:

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif