1.بالىڭىزبىلەن بىرگە كىتاب كۆرۈش ئادىتى يېتىلدۈرۈڭ، ئۇ ئۆگىنىش قىلىۋاتقاندا بىرئاز ۋاقىت سەرپ ئۇنىڭ يېنىدا گېزىت بولسىمۇ كۆرۈڭ، ئۇ بىر ياخشى ئۆگىنىش ھەمراھىغا ئېرىشسۇن.
2.بالىڭىزئائىلىدە ئۆگىنىش قىلغاندا ئۇنىڭغا قوللىنىدىغان مۇۋاپىق رىغبەتلەندۈرۈش «سىياسەت» لىرىڭىز بولسۇن. مۇۋاپىق ئۆگىنىش مۇھىتى ئىنتايىن مۇھىم.
3.بالىڭىزنى ئۆزى قىلچىمۇ قىزىقمايدىغان نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكە ھەرگىزمۇ قىستىماڭ .
4. ئۇنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭغا كايىماڭ.
5.بالىڭىزنىڭ ئىمتىھان قەغىزىدىكى تۆۋەن نۇمۇرغا قاراپلا، ئۇنىڭدا ئۈمىدتىن ئەسەر يوقكەن دېگەن خۇلاسىنى چىقارماڭ.
6.بالىڭىزغا ئۇنىڭدا مۇۋاپىقىيەت تۇيغۇسى يىتىلدۈرىدىغان ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىڭ، ئۇ مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملىيالايدىغان ئۆي ئىشلىرىنى قىلدۇرۇڭ، ئويۇن لايىھىلەپ ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشىڭ…
7. ئۇ ئۆزى مۇستەقىل كىتاب سېتىۋالالايدىغان بولسۇن.
8.بالىڭىزنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە بەكلا كۆڭۆل بولىدىغانلىقىڭىزنى ھەددىدىن زىيادە ئىپادىلىمەڭ، بۇنداق بولسا ئۇ ئۆگىنىشتە زىيادە جىددىيلىشىپ، بېسىمى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.
9.بالىڭىزنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى باشقىلارنىڭكى بىلەن سىلۇشتۇرماڭ، بەلكى بۇخىل ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشنى تەھلىل قىلىڭ، ئەڭ مۇھىمى بۇ جەھەتتە ئۆزىڭىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىزنى ئېتىراپ قىلىڭ.
10.بالىڭىزنىڭ ھۇجرىسىدا خاس كىتاب شىرەسى بولسۇن، شىرە ئۈستىدە ئۆزى ياقتۇرۇدىغان كىتابلاردىن ئازدېگەندە بىرقانچە پارچە بولسۇن.